بىر پۇت بىلەن تاقلاپ يۈگۈرۈش ئويۇنى

ئورنى Wikipedia

بىر پۇت بىلەن تاقلاپ يۈگۈرۈش ئويۇنى ئۇيغۇر ياشلىرى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان رىقابەتچىلىكى كۈچلۈك، مۇسابىقە تۈسىنى ئالغان پائالىيەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ بەدەننى چېنىقتۇرۇش، پۇت كۈچىنى ئاشۇرۇش جەھەتلەردە رولى چوڭ. ئويناش ئۇسۇلى: بۇ ئويۇندا ئىككى كىشى ياكى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇسابىقىلەشسە بولىدۇ. بۇ ئويۇن چوڭ مەيدان، ئۈسكۈنە تەلەپ قىلمايدۇ. ئوغۇللار بىلەن ئوغۇللار، قىزلار بىلەن قىزلار مۇسابىقىلىشىدۇ ياكى ئوغۇل - قىزلار ئارىلىشىپ مۇسابىقىلەشسىمۇ بولىدۇ. مۇسابىقىلەشكۈچىلەر بىر يەرگە يىغىلغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن يۈگۈرۈش ئارىلىقى بەلگىلىنىپ، بىر قېتىمدا يۈگۈرىدىغان ئادەم سانى ياكى گۇرۇپپا سانىغا ئاساسەن، يۈگۈرۈپ بارىدىغان نۇقتىغا بەلگە قويۇلىدۇ. يۈگۈرۈشنى باشلاش ئورنىغا پەللە سىزىقى سىزىلىپ، قاتناشقۇچىلار سىزىقىنىڭ كەينىدە رەت بولۇپ تىزىلىپ تۇرىدۇ. ئارىدىن بىر كىشى ياكى رېپىر يۈگۈرۈشنى باشلاش ئىشارىسى بەرگەن ھامان مۇسابىقىلەشكۈچىلەر بىر پۇتىنى كۆتۈرۈپ (قايسى پۇتىنى كۆتۈرسىمۇ بولىدۇ) بىر پۇتى بىلەن تاقلاپ يۈگۈرۈپ بەلگىلەنگەن نۇقتىغا قويۇلغان بەلگىنى ئايلىنىپ باش پەللىگە قايتىپ كېلىدۇ. كىم ئالدىدا كەلسە، شۇ يەڭگەن ھېسابلىنىدۇ. بىر پۇت بىلەن تاقلاپ يۈگۈرۈشتە ئىككى پۇت بىلەن يۈگۈرۈۋالسا، كۆتۈرۈۋالغان پۇتىنى يەرگە قويۇۋالسا، بەلگىلەنگەن نۇقتىغا بېرىپ بەلگىنى ئايلانماي تۇرۇپ ئارقىسىغا يانسا نەتىجىسى ئىناۋەتكە ئېلىنمايدۇ. كۆتۈرۈلگەن پۇتنى يەرگە قويماي بىر ئاز تۇرۇۋېلىپ، يەنە يۈگۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدۇ. بۇ خىل مۇسابىقىنى ياشلار ئارىسىدا بولۇپمۇ مەكتەپلەردە ئېلىپ بېرىشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ."[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]