Jump to content

بىزدىكى ئىللەتلەر

ئورنى Wikipedia

«بىزدىكى ئىللەتلەر»

ئاپتۇرى : نىزامىدىن ھۈسەيىن

ئىللەت تۈزەلمىگۈچە مىللەت تۈزەلمەس

- ئۇيغۇر خەلق ماقالىسى

- بىزدە تارىخىمىزنىڭ ئۇزاقلىقى، ئەجدادلىرىمىزنىڭ قۇدرەتلىك ئۆتكەن زامانلىرى،  مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ گۈللەنگەن دەۋر شارائىتلىرى، ئۇلۇغ كىشىلىرىمىزنىڭ تارىختا قالدۇرۇپ كەتكەن قىممەتلىك مۇراسلىرى...ھەققىدە ئېغىز-ئېغىزغا تەگمەي سۆزلەيدىغانلار بەك جىق. بۇ بىزدىكى «مىللىي غۇرۇر»چىلىق. ئەمما لېكىن، بىزنىڭ قان قېنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن – يارالغاندا يېپىشقان مەۋجۇت ئىللەتلىرىمىزنى ئەسلەيدىغان، سۆزلەيدىغانلار بەك ئاز، ھەتتا يوق دىيەرلىك. سەۋەب: كىشىلىرىمىز «نومۇسچان»،«قەدىر – قىممەت ئېڭى» بەك «كۈچلۈك».

- تۈنۈگۈن بۈگۈننىڭ ئۆلچىمى ئەمەس. قۇرۇق كاللىنى غاجاۋەرسەڭ ئاچ قالغىنىڭ قالغان. مەن يەتتە ياش ۋاقتىمدا دادام ماڭا: «بىز خەقنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى سىلەرگە مەنسۈپ» دەيتتى. كېيىن مەن ئوغلۇمغا «بىزخەقنىڭ ئىستىقبالى سىلەرگە مەنسۈپ» دېدىم. ھازىر ئوغلۇممۇ ئوغلىغا: «بىز خەقنىڭ ئىستىقبالى سىلەرگە مەنسۈپ» دەۋاتىدۇ. ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە مۇشۇنداق كېتىۋەرسەك قايسى ئەۋلادقا يەتكەندە بىزھەقنىڭ ئىستىقبالى ياخشىلىنار؟ دەۋرىمىز يېڭىلىققا قاراپ ئۆزگىرىۋاتىدۇ، بىزمۇ يېڭىلىققا قاراپ ئۆزگىرىۋاتىمىزمۇ؟

داۋام

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]