بىزنىڭ كۇلالىچىلىق مەدەنىيىتىمىز

ئورنى Wikipedia

    ئۇيغۇر قول ھۈنەرۋەنچىلكى — ناھايىتى ئۇزۇن تارىخ ۋە ئۆزىگە خاس مىللى ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ماددى مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنىڭ بىرى . بۇ مەدەنىيەت جەۋھەرلىرى ئىچىدە كۇلالىچىلىق ، كىيىنكى ئەۋلات ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئىزچىل داۋاملاشتۇرىشى نەتىجىسدە ھاياتى كۈچكە تولۇپ، قايتىدىن جۇلالانماقتا .

   يېڭسار ناھىيىسى ، كۇلالىچىلىق مەدەنىيتىنى ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ ، ۋايىغا يەتكەن ھۈنەرۋەن كاسسىپلارنىڭ تۆھپىكار ماكانى. ئازاتلىقتىن كېيىن پارتىيە مىللى سىياسىتىنىڭ پارلاق نۇرى ئاستىدا ، بۇ ماكاندىكى كۇلالىچىلار ئىشچان ، چىۋەر قوللىرى بىلەن ھەرخىل نەپىس كۇلالىچىلىق تۇرمۇش بويۇملىرى ياساپ ، بازارغا سېلىپ ئىقتىسادى كىرىمىگە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە ئۆزلىرىنىڭ قابىل ماھارىتىنى نامايەن قىلغان ئىدى....

   سانائەتلىشىشنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ كۇلالىچىلىق بويۇملىرى بارا – بارا ئىستىمالدىن چۈشۈپ قالدى.

   ئوچار يېزىسىنىڭ ئېتىمچاغرى 2–كەنىتدىكى پىشقەدەم ئۇستازلاردىن نەسرىم تاۋاق ، ئابلا تاۋاق ، ئەيسا ئېۋرىشچى قاتارلىق كونا ئۇستازلار ئالەمدىن ئۆتۈپ ۋارىسلىق قىلغۇچىلارمۇ بارا –بارا ئۈزۈلۈپ قالدى .......

   ئىسلاھات ئىشكىنى ئېچىۋىتىش سىياسەتلىرى يولغا قويۇلۇپ ، خەلق تۇرمۇشى كۈنسىرى ياخشىلىنىپ ، سەيلە–ساياھەت ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان بۈگۈنكى كۈندە ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر كۈنسىرى كۆپەيدى . ساياھەتچىلەر ھەرخىل ھۈنەر–سەنئەت بويۇملىرىنى كۆپلەپ ، ئەتىۋارلاپ سېتىۋالىدىغان بولدى . بۇنىڭ بىلەن كۇلالىچىلار ياسىغان ساپال بويۇملارنىڭ بازىرى جانلىنىپ كەتتى ، بۇ ئەھۋال ئەنئەنۋى كەسىپنىڭ ۋارىسلىرىنى خۇشال قىلۋەتتى .

    بۇ كەسىپنىڭ ساناقلىقلا ۋارىسلىرىدىن ماڭشىن يېزىسدا ھاشىم ھاجى ، ئېلاخۇن ئەمەت ، ئابدۇراخمان مەمتىمىن قاتارلىق ئىپتىخارلىق بىلەن تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان كىشلەر قالغان ئىدى.

   ئۇلار ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەت بېرىشى بىلەن قايتىدىن دەستىگە ئېلىپ تاۋاق، چۆگۈن، چىلاپچا، داڭقان، كۈپ، لوڭقا قاتارلىق قول ھۆنەر بويۇملىرىنى ياساپ ئۇنى قەدىميلىككە ، مىللى خاسلىققا ، رەڭدارلىققا ئىگە قىلدى ، شۇنىڭ بىلەن بۇ بويۇملار دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ جەلپ قىلدى .

   1982– يىلى ھاشىم ھاجىم ياسىغان ساپال بويۇملار مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ھۆنەر سەنئەت بويۇملىرى كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇرۇلۇپ بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى .1993–يىلى ئېلاخۇن ياسىغان كۇلالىچىلىق بويۇملىرى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆتكۈزۈلگەن قول ھۆنەر– سەنئەت بويۇملىرى كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇرۇلۇپ ، 2–دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى ۋە «خەلىق ئىچىدىكى مەشھۇر ئادەملەر قامۇسى» دىن ئورۇن ئالدى.

    بۈگۈنكى كۈندە ، يېڭسار ناھيىسىنىڭ ماڭشىن يېزا 9 – كەنت 5 – مەھەللىسدىكى 47 ياشلىق دېھقان ئابدىراخمان مەمتىمىن ، پىشقەدەم كۇلالچىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ ئۇلارنىڭ ھۆنىرىنى پۇختا ئىگەللەپ، ئايالى ۋە پەرزەنىتلىرىگە ئۈگىتىپ بىرلىكتە ھەمكارلىشش ئارقىلىق،چىنە–تەخسە، تاۋاق، چۆگۈن، ئىۋرىق، ئاپتۇۋا، چىلاپچا، داڭقان، خۇمرا، لوڭقا، كۈپ، كوزا قاتارلىق ساپال بويۇملارنىڭ تۈرلىرىنى 60 خىلدىن ئاشۇردى. ئۇ ياساپ بازارغا سالغان بۇ بويۇملار ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا نائىل بولۇپ، مۇشۇ تۈردىلا بىر يىل ئىچىدە 15 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى . ئۇ ياسىغان ئەتىۋارلىق ساپال بويۇملار 2005 – يىلى 9– ئايدا، 2006 – يىلى 6– ئايدا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن مىللى قول ھۆنەر سەنئەت كۆرگەزمىسىگە قويۇلۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە كەسپىي تەربىيلەشكە رەھبەرلىك قىلىش ئىشخانىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن 3– دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ ، 1000يۈەن نەخ پۇل ۋە ماددى بۇيۇملار بىلەن تارتۇقلاندى.ئۇ ھازىر بۇ كەسىپنى كۆڭۈل قويۇپ داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە ۋارىسلارنى يېتشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن ، ماڭشىن يېزىلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ كەسپىي تېخنىكا سىنىپنىڭ 4 نەپەر ئوقۇغۇچىسىنى شاگىرتلىققا قوبۇل قىلىپ ، ھەقسىز تەربىيلىمەكتە.

    بۇ ئەھمىيەتلىك قول ھۆنەر – سەنئەت كەسپىنىڭ تېخىمۇ ھاياتى كۈچكە تولۇپ يېڭىساردىكى «ئۈچ گۆھەر» (يېڭىسار پېچىقى، سەمەت ئۈرۈكى، دارۋازچىلقى) قاتارىدىن ئورۇن ئالدىغانلىقىغا ئىشىنىىز.[1]

  1. مۇھەررىر : قەيـسەر ؛مەنبە:تەڭرىتاغ تورى ؛ۋاقىت:2008- 07- 15 15:13؛ تور ئادىرسى:http://uy.ts.cn/wenhua/content/2008-07/15/content_90021.htm؛