بىز نېمە ئۈچۈن ئىملا ئۆزگەرتمەيمىز؟

ئورنى Wikipedia

تۈركىيە تۈركلەرى ئىزچىل تۇرك تىلىنىڭ ساپلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە. تۈركىيە تۈركچەسى ئوسمان ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە گەرچە ھۆكۈمران تىل بولغان بولسامۇ ئەمما بۇ تىلنىڭ لۇغەت فوندىنىڭ يارىمىدىن كۆپرەكىنى ئەرەبچە سۆزلۈك ئىگەلەپ كەتكەن بولۇپ،بۇ تىلنىڭ سۆزى ئەرەبچە،جۈملەسى تۈركچە بولغان تىل ۋەزىيەتى شەكىللەنگەن ئىدى.مۇستافا كامال تۈركىيەنى بۇ ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشقا باشلامچىلىق قىلغاندىن بېرى تۈرك تىلى دەۋرىمىزگە قەدەر ساپلاشىۋاتادۇ.

تۈرك تىلى يەنە فەقەت لۇغەت فوندى جەھەتتىنلا تازالانىشقا باشلانىپلا قالماستىن،يەنە تۈرك تىلى تىلبىلىم(گرامماتىكا) جەھەتلەردىنمۇ كۆپ تازالانىشقا باشلاندى.

مەسلەن:ئەسلىدەكى ئانادولۇ تۇركچەسىدە تۈرك تىلىنىڭ ئاھاڭداشلىق قانۇنىيەتى بۇزۇلۇپ كەتكەن ئىدى.ئەسلىدە تۈركىيە تۈركلەرى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنمۇ ئاشۇ ئاھاڭداشلىق بۇزۇلۇپ كەتكەن تىلنىڭ لۇغەتىنى تازالاپلا ئىشلەتسەمۇ بولاتتى.ئەمما ئۇلار ئۇنداق قىلمادى.نۇرغۇنلاغان تىلشۇناسلار قايتا قايتا مۇزاكىرە-تەتقىقاتلارنى ئالىپ بارىش،ئىزدەنىش-تەكشۈرۈشلەرنى قىلىپ تۈرك تىلىنىڭ گرامماتىكاسىنى قايتادىن رېمونت قىلدى.نۇرغۇنلاغان تىلشۇناسلار شۇ چاغدا سىبېرىيە ۋادەسىدەكى ئورخۇن تۈركچەسىنى قوللانىش،ياكى قەشقەرىيەنىڭ ئەسلى تۈركچەسى بولغان خاقانىيە تۈرك تىلىنى قوللانىشنى ئوتتۇراغا قويغان ئىدى.ئاخىرى قايتا قايتا ئىزدەنىش،مۇزاكىرەلەشىش ئارقالىق ئانادولۇ تۈركچەسىنى ئاساس قىلغان،قەدىمكى تۈرك تىللەرىنى قوشۇمچە قىلغان ھالدا تۈرك تىلىنىڭ تىلبىلىمىنى ،ئاساسلىقى مورفولوگىيەلىگ شەكلىنى ئۆلچەملەشتۇرۇپ بۇ تىلنى ئۆلچەملىگ ھالەتكە كەلتۈردى. ئەمدى بىز ئوسمانلى تۈركچەسى بىلەن ھازىرقى تۈركچەنىڭ ئاددىي بىر فەرقىنى كورۈپ باقايلۇق:

Osmanlıca: Ben Vardum.(مەن باردىم) Ben Açdum.(مەن ئاچتىم) Biz Gelduh.(بىز كەلدۈك) Biz Gelmüşüz.(بىز كەلمىشمىز/كەلگەنمىز)

Yeni Türkçe: Ben Vardım. Ben Açtım. Biz Geldik. Biz Gelmişiz.

ئوسمانلى تۈركچەسى گۇياكى ئىسلاشىپ قاراداپ كەتكەن ئەينەك،ئەمما يېڭى تۈركچە بولسا شۇ ئەينەكنى پاك پاكىز يۇيۇۋەتكەندىن كېيىنكى ئەينەك.بۇ ئەينەك زاماننىڭ ئۆتۈشىگە ئەرگەشىپ تېخىمۇ پارلاپ ماڭادۇ.

بىز ماۋۇ سخېمادىن شۇلارنى بىلەمىزكى ، ئۇيغۇرلار 200مىليوندىن ئاشادىغان تۇرك خەلقلەرىنىڭ ئاران 5%ىنى تەشكىل قىلادۇ.ئۇيغۇرلار بولسا دۇنياغا ئافرىدە بولغاندىن باشلاپ قوللانىپ كېلىۋاتقان سۇزۇق تاۋۇشلارنى ئاجىزلاشتۇرماي يازادىغان بۇ ئىملانى تەخمىنەن 1960-يىللاردىن باشلاپ چۆرۈپ تاشلاپ،ھېچبىر تۈركنىڭ ئىملاسىغا ئوخشامايدىغان باشقاچە بىر ئىملانى ئىجاد قىلىپ ،خەلقىمىزنىڭ 30-40 يىللاردىن بېرى بۇ ئىملانى يازىق تىل ئورنىدا قوللانىشى ئاساستا ھازىرقى 95%تۈركىي خەلقنىڭ ئىملاسىغا زىد بولغان خاتا ئىملا تەلەپپۇزلار پۈتكۈل ئۇيغۇرنىڭ تىلىغا سىڭىپ كەتتى.بىز ئۆزىمىزنىڭ توپتوغرا ئىملايىمىزنى 30-40 يىل ئىچىدە ئاسانلا بۇزغان بىلەن،ئەمدى بۇ بۇزۇق ئىملانى 100يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرف قىلىپ ئوڭشىيالايمىزمۇ-يوق؟(تېخى ئوڭشاش ھەققىدە يوليۇرۇق يوق).باشقا تۈرك خەلقلەرى تىلىنى ئوڭشاپ بولالماي ئاۋارە،بىز بولساق تىلىمىزنى بۇزۇپ بولالماي ئاۋارە.ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇسى تۈركىي خەلق نۇپۇسىنىڭ ئاران 5%ىنى ئىگەلەيدىغان تۇرۇقلۇق ،يەنە 95%تۈرك خەلقىنىڭ ئورتاق قوللانىپ كېلىۋاتقان ئىملاسىغا زىد بولغان ئىملانى قوللانىشىمىز بىزنىڭ باشقا تۈركىي خەلقلەر بىلەن ئوخشاپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈنمۇ؟كۆپچىلىك،قېنى ئۆزۈڭلەر ئېيتىپ باقىڭلارچۇ؟زادى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ 5%ىنى ئىگەلەيدىغان ،نۇپۇسى 10مىليۇندىن ئارتۇقراق كەلگەن بىز ئۇيغۇرلار ئاقىلمۇ؟ياكى 95%ىنى ئىگەلەيدىغان،نۇپۇسى 190-200مىليۇندىن ئارتۇق بولغان باشقا تۈركلەر ئاقىلمىكەن؟ بىز توۋەندە بىرنەچچە3 تۈرك خەلقىنىڭ جۇملەسىنى كۆرۈپ باقايلۇق: Türkçe: Çocuklar okulda dilimizi latin alfabesi ile yazıyor. Gagavuzca Uşaklar şkolada / okulda dilimizi latin alfavitindä yazêr. Azerbaycanca Uşaqlar məktəbdə dilimizi latin əlifbası ilə yazır. Türkmence Çagalar mekdepde dilimizi latyn elipbiýi bile(n) ýazýar. Özbekçe Bolalar maktabda tilimizni latin alifbosi bilan / ila yozadi. Uygurca Balilar mäktäptä tilimizni latin elipbäsi bilän yazidu. Kazakça Balalar mektepte tilimizdi latin alfavitimen jazadı. Kırgızca Baldar mektepte tilibizdi latın alfaviti menen jazat. Tatarca Balalar mäktäpdä telebezne latin älifbası bilän / ilä yaza.

بىزمۇ ئەمەلىيەتتە تۇركىيە تۈركلەرىنى ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلىپ تىلىمىزنىڭ بۇزۇقىنى ئوڭشاساق،چولتاسىنى تولۇقلاساق،ئارىيەت ۋاقتى ئاشىپ كەتكەن سۆزلەرنى ئىگەسىگە قايتۇرۇۋەتسەك بولاتتى.ئارىيەت سۆزلۈك ئەسلىدە ئۆزىمىز سۆز ياساپ بولغۇچە ۋاقتىنچە ئىشلەتىپ تۇرغان سۆزلەرنى كۆرسەتەدۇ.يەنە ئۇيغۇر تىلىدامۇ بىر قىسىم گرامماتىكالىغ خاتالىقلار بىزنىڭ رېمونت قىلىشىمىزنى كۈتۈۋاتادۇ. مەسلەن:

1-«دۇق/تۇق» قوشۇمچەسىنىڭ ئىنچكە سۆزلەر ئۈچۈن «دۈك/تۈك»شەكلىنى قوللانىش كېرەك.مەسلەن:كەلدۈك(كەلدۇق ئەمەس)

2-«سۇن» قوشۇمچەسىنىڭ ئىنچكە سۆزلەر ئۈچۈن «سۈن»شەكلىنى قوللانىش كېرەك.مەسلەن:كەلسۈن(كەلسۇن ئەمەس)

3. «ڭلار» قوشۇمچەسىنىڭ ئىنچكە سۆزلەر ئۈچۈن «ڭلەر»شەكلىنى قوللانىش كېرەك.مەسلەن:كۈلۈڭلەر(كۈلۈڭلار ئەمەس)

4. «راق» قوشۇمچەسىنىڭ ئىنچكە سۆزلەر ئۈچۈن «رەك»شەكلىنى قوللانىش كېرەك.مەسلەن:ئېگىزرەك،گۈزەلرەك،مۆكۈپرەك..دېگەندەك.مۇشۇخىلدەكى سۆزلەرنى تېلېۋىزورلاردا ياكى كىشىلەرنىڭ تىلىدا «ئېگىزراق،گۈزەلراق،مۆكۈپراق...»دەپ تەلەففۇز قىلىش ئەۋجىپ كېتىۋاتادۇ.

5-بىر بوغۇملۇغ سۆزلەردەكى«ئا»نى«ئې»گە ئاجىزلاشتۇرماسلىق كېرەك.بۇنداق ئەھۋال شەرقىي شىنجاڭ ۋەجەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلارىنىڭ شىۋەلەرىدە خېلىلا ساقلانىپ قالغان.(ئەمما بىر بوغۇملۇغ سۆزلەردەكى«ئە»نىڭ«ئې»گە ئاجىزلاشمايدىغان ئەھۋال يەرلىگ شىۋەلەردە كۆرۈلمەيدۇ).

6-كۆپ بوغۇملۇغ سۆزلەردەكى«ئا/ئە»لەرنى«ئى»غا ئاجىزلاشتۇرماسلىق كېرەك.

ئەمدى ماۋۇ سىخېماغا قاراپ باقايلۇق.بۇ تۇرك تىلىنىڭ لۇغەت فوندى سخېماسىدۇر.


1931-يىلىدەكى تۈك تىلىنىڭ لۇغەت فوندى: 1.تۈركچە سۆزلۈك=35% 2.ئەرەبچە سۆزلۈك=51% 3.فارسچە سۆزلۈك=2% 4.فرانسۇزچە سۆزلۈك=6%

1941-يىلىدەكى تۈك تىلىنىڭ لۇغەت فوندى: 1.تۈركچە سۆزلۈك=48% 2.ئەرەبچە سۆزلۈك=40% 3.فارسچە سۆزلۈك=3% 4.فرانسۇزچە سۆزلۈك=4%

1951-يىلىدەكى تۈك تىلىنىڭ لۇغەت فوندى: 1.تۈركچە سۆزلۈك=51% 2.ئەرەبچە سۆزلۈك=35% 3.فارسچە سۆزلۈك=3% 4.فرانسۇزچە سۆزلۈك=6%

1965-يىلىدەكى تۈك تىلىنىڭ لۇغەت فوندى: 1.تۈركچە سۆزلۈك=60.5% 2.ئەرەبچە سۆزلۈك=26% 3.فارسچە سۆزلۈك=1% 4.فرانسۇزچە سۆزلۈك=8.5%

1995-يىلىدەكى تۈك تىلىنىڭ لۇغەت فوندى: 1.تۈركچە سۆزلۈك=70.9% 2.ئەرەبچە سۆزلۈك=19.7% 3.فارسچە سۆزلۈك=1% 4.فرانسۇزچە سۆزلۈك=8.4%

2005-يىلىدەكى تۈك تىلىنىڭ لۇغەت فوندى: 1.تۈركچە سۆزلۈك=86% 2.ئەرەبچە سۆزلۈك=6% 3.فارسچە سۆزلۈك=1% 4.فرانسۇزچە سۆزلۈك=4.8%

ئەمدى ئۇيغۇر تىلىغا قارايدىغان بولساق ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلەر ئۇيغۇر لۇغەت فوندىنىڭ 40%ىنى ئاران ئىگەلەيدۇ.بۇ ھەقتە كۆپچىلىك داۋاملىغ فىكىر ئالماشتۇرۇپ ئۆزئارا كەمچىل بىلىملەرىمىزنى تولۇقلاپ تۇرايلى.