بىلال ئىلياس

ئورنى Wikipedia

بىلال ئىلياس تەبىئى پەن ماتېماتىكا دوكتورى. ياپونىيە رىتسۇمەئىكان ئۇنۋېرسىتېنىڭ ئوقۇتقۇچىسى. ماتېماتىكا ۋە CALL سىستېمىسىدىن ئىبارەت ئىككى كەسىپ ساھەسىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بىلال ئىلياس 1958-يىلى 1-ئايدا سۈيدۈڭ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1978-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتى ھېسابلاش ماتېماتىكا كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1982-يىلى 2-ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ شۇ مەكتەپنىڭ ئۈزىگە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان.

ئۇ 1985-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۈكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ياپونىيىگە ئەۋەتىلگەن 13 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى بولۇپ ياپونىيە كيوتو ساڭيو ئۇنۋېرسىتې تەبىپەن ئىنىستۇتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىغا بىلىم ئاشۇرۇشقا قوبۇل قىلىنغان، 1986-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ شۇ فاكۇلتېتنىڭ ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇپ، 1988-يىلى 3-ئايدا ماتېماتىكا كەسپىدە ماگىستىر ئۇنۋانىنى ئالغان. ئوقۇشى پۈتكەندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ 1988-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىدا لېكتور بولۇپ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ فاكۇلتېت ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ماگىستىر ئوقۇغۇچىلارغا ھېسابلاش ئۇسۇلى ۋە كومپيۇتېر تىللىرى قاتارلىق دەرسلەرنى بېرىش بىلەن بىللە ئۈزىنىڭ تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق نۇرغۇن ئىلمى ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ مۇكاپاتلارغا ئەرىشكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، فورتران77 تىلىدىكى ھېسابلاش ئۇسۇللىرىنىڭ پروگراممىلىرى(شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى) دېگەن ئالى مەكتەپلەر دەرىسلىگىنى نەشر قىلغان. بىلال ئىلياسنىڭ ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقاتتا ئېرىشكەن نەتىجىلىرى كۈزگە كۈرۈنەرلىك بولغانلىقتىن , 1991-يىلى مۇئاۋىن پروفېسسورلۇققا ئۈستۈرۈلگەن

ئۇ 1991-يىلى دۈلەت خىراجىتىدە كيوتو ساڭيو ئۇنۋېرسىتېنىڭ سانائەت فاكۇلتېتىغا مېھمان تەتقىقاتچى بولۇپ كېلىپ، 1992-يىلى 4-ئايدا تەبىپەن فاكۇلتېتى ماتېماتىكا كەسپىنىڭ دوكتورلۇق كۇرسىغا قوبۇل قىلىنىپ، 1995-يىلى 3-ئايدا ماتېماتىكا دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان. ئۇ دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقان جەريانىدا يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ تارقىلىشىنى ماتېماتىكا مودېلى ئارقىلىق ئىپادىلەپ، شۇ مودېل ئارقىلىق يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە دەۋرلىك دولقۇنسىمان يېشىمنىڭ مەۋجۇتلىغىنى، يەنى شەرت ھازىرلانسا يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ دەۋرلىك ھالدا تارقىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. بىلال ئىلياس دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ، 1995-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ كيوتو ئالى تېخنىكا تەتقىقات ئورگىنىدا تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ مەزگىلدە ئۇ ئاساسەن ماتېماتىكا ۋە ئىنتېرنېت توغرىسىدىكى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاڭھان. 1998-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ، رىتسۇمەئىكان ئۇنۋېرسىتې ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ لېكتورى بولۇپ، CALL(چومپۇتەر ئاسسىست لاڭۇئاگە لەئارنىڭ: كومپيۇتېر ئارقىلىق تىل ئۈگىنىش) دېگەن يېڭى كەسىپ ساھەسىدە ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ ئوقۇتۇشتا زامانىۋى ئۇسۇللارنى

قوللىنىپ ئىنتېرنېتنى ئاساس قىلغان چالل ئوقۇتۇش سىستېمىسىنى لايىھىلەپ، ياپونىيە ئىچى ۋە سىرتىدا يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن. ياپونىيە دۈلەت ئىچى-تېشىدا كۈپلىگەن ئىلمى ماقالە ۋە دوكلات بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا تۈۋەندىكى CALL ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى لايىھىلەش تېخنىكىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى: Sankai-sha,CALL, ئاساسىدىكى خەنزۇچە ئالاقىلىشىش، Asahi syuppansya قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ئۇ 2001-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە بولغان 2 يىل ئىچىدە ئىنتېرنېت ئاساسىدىكى خەنزۇچە تىل ئۈگىتىش سىستېمىسىنى لايىھەلەش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش دېگەن تېمىدا تېما باشلامچىسى بولۇپ ياپونىيە مائارىپ پەن تېخنىكا ئورگىنىنىڭ تەتقىقات ياردىمىگە ئېرىشىپ، تەتقىقات تېمىسىنى غەلىبىلىك ئورۇنلىغان. ھازىر ئۇ ئوقۇغۇچىلارغا دەرس بېرىشتىن سىرت، كومپيۇتېرنى ئاساس قىلغان ئوقۇتۇش سىستېمىلىرىنىڭ تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. بىلال ئىلياس ئۈزىنىڭ ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئىشلىرىدىن سىرت، ئانا يۇرت ياشلىرىنىڭ ئوقۇتۇشىغا كۈڭۈل بۈلۈپ، شىنجاڭدىن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ياپونىيىگە كېلىپ ئوقۇش ئۈچۈن يول ئاشقان. ئۈرۈمچى ۋە كورلا قاتارلىق جايلارغا ياپون تىلى مەكتىپىنى ئاشقان. نەتىجىدە ۋەتەندىن كۈپلىگەن ياشلار كيوتو مىنسائى ياپون تىلى مەكتىپىگە ئوقۇشقا كەلگەن. ئۇلار بىر مەزگىل تىل ئۈگەڭەندىن كېيىن ياپونىيىدىكى نۇقتىلىق مەكتەپلەرگە كىرگەن ۋە كىرىش ئالدىدا تۇرماقتا. بىلال ئىلياس توغرۇلۇق تېخىمۇ كۈپ ئۇچۇرلارنى https://web.archive.org/web/20070225051740/http://www.ritsumei.ac.jp/ec/~bilal/ {{|url=https://web.archive.org/web/20070225051740/http://www.ritsumei.ac.jp/ec/~bilal/ |date=2007-02-25 }} دىن كۈرەلەيسىز. بىز دوكتۇر بىلال ئىلياسنىڭ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز ھەم مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەيمىز. (مەنبە: «بىلىۋال» توربېتى)

بۇ ماقالە ماتېماتىكا بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى، ئەسلى ماقالە ئادرىسى : http://matimatik.blogbus.com/logs/70995298. html