بىلكەنت ئۇنىۋېستېتى

ئورنى Wikipedia
تۇنجى قېتىم قۇرۇلغان فوندى جەمئىيەت ئۇنىۋېرستېتى: بىلكەنت ئۇنىۋېستېتى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئالىي مائارىپ ئورگىنىغا قاراشلىق تۇنجى قېتىم قۇرۇلغان خۇسۇسىي شەكىلدىكى فوندى جەمئىيەت ئۇنىۋېرستېتى بىلكەنت ئۇنىۋېرستېتىدۇر. بىلكەنت ئۇنىۋېرستېتى ، ئېھسان دوغراماجى مائارىپ فوندى جەمئىيىتى ، ئېھسان دوغراماجى سەھىيە فوندى جەمئىيىتى ، ئېھسان دوغراماجى ئىلمىي - تەتقىقات فوندى جەمئىيىتى قاتارلىق جەمئىيەتلەرنىڭ ئورتاق قارار قىلىشى نەتىجىسىدە 1984 ـ يىلى 20 ـ ئۆكتەبىر قۇرۇلغان. بىلكەنت ئۇنىۋېرستېتى، نۆۋەتتە، دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئۇنىۋېرستېتلار ئارسىدا مائارىپ سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرىلىقى، ئىلمىي – تەتقىقات ۋە نەشىر قىلغان ئەسەرلىرىنىڭ كۆپلىكى ، مەدەنىيەت – سەنئەت پائالىيەتلىرى جەھەتتىكى سەۋيىسىنىڭ يۇقىرىلىقى قاتارلىق ساھالەردە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بىر ئالىي مائارىپ ئورگىنىدۇر. بىلكەنت ئۇنىۋېرستېتى، «بىلىم كەنتى ئۇنىۋېرستېتى» نىڭ قىسقارتىلمىسىدۇر. بىلكەنت ئۇنىۋېرستېتى، 1986 ـ يىلى 386 نەپەر ئوقۇغۇچى بىلەن ئوقۇش باشلىغان بولۇپ ، نۆۋەتتە، بىلكەنت ئۇنىۋېرستېتىغا قاراشلىق 9 فاكۇلتېت ، باكلاۋۇرلۇق سەۋىيىسىدە 2 دانە ئالىي تېخنىكوم ، 3 دانە كەسپىي تېخنىكوم ، 38 ئوقۇ – ئوقۇتۇش پروگراممىسى ۋە 6 ئىنىستىتۇت ، 12 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى بار. بىلكەنت ئۇنىۋېرستېتى، 40 تىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىسى بار بولۇپ ، بۇ جەھتتىنمۇ دۇنيا بويىچە داڭلىق مائارىپ مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بىلكەنت ئۇنىۋېرستېتىنى پۈتتۈرگەنلەر تۈركىيە ۋە خەلقئارادىكى داڭلىق ئورۇنلاردا خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ ، ئۇنىۋېرستېتنىڭ نوپۇزىنىڭ تېخىمۇ ئېشىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىماقتا. 1988 – يىلى تۈركىيىدە مەلۇم بىر ئۇنىۋېرستېت قارىمىقىدا تۇنجى بولۇپ قۇرۇلغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزى، ئوقۇغۇچىلار بىلەن سودا دۇنياسىنىڭ شىركەت باشقۇرغۇچىلىرىنى تەرتىپلىك ھالدا ئۇچراشتۇرۇپ كەلمەكتە. بىلكەنت ئۇنىۋېرستېتى، دۇنيادىكى داڭلىق ئۇنىۋېرستېتلار بىلەن ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پروگراممىسى جەھەتتىن كېلىشىم ھاسىل قىلماقتا. بىلكەنت ئۇنىۋېرستېتى كېلىشىم ھاسىل قىلىۋاتقان ئۇنىۋېرستېتلارنىڭ سانى كۈنسىرى كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئۇنىۋېرستېتلار ئارىسىدا ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ كالىفورنىيە ئۇنىۋېرستېتى، گېئورگىيە پەن – تېخنىكا ئۇنىۋېرستېتى، ماريلاند ئۇنىۋېرستېتى، ۋاشىڭگتون ئۇنىۋېرستېتى، مىچىگان ئۇنىۋېرستېتى؛ ئەنگىلىيىنىڭ ئەسسەكس ئۇنىۋېرستېتى، گېرمانىيىنىڭ پفورجېئىم ئۇنىۋېرستېتى بىلەن كونستانز ئۇنىۋېرستېتى، ئىتالىيىنىڭ روما ئۇنىۋېرستېتى بىلەن ېكولې سۇپېرىئېۇرې دې كوممېركې دې لېللە ئۇنىۋېرستېتى، كانادانىڭ مكگىل ئۇنىۋېرستېتى بىلەن مونترېئال ئۇنىۋېرستېتى، گوللاندىيىنىڭ تىلبۇرگ ئۇنىۋېرستېتى بىلەن ئامستېردام ئۇنىۋېرستېتى، دانىماركا (دانىيە) نىڭ جەنۇبىي دانىماركا ئۇنىۋېرستېتى، ئىسرائىلىيىنىڭ تەل ئەۋىۋ ئۇنىۋېرستېتى، يېڭى زىللاندىيىنىڭ ۋايكاتو ئۇنىۋېرستېتى قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق مائارىپ ئورگانلىرى بار. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ كۆپلىكى، ھەر بىر ئوقۇتقۇچىغا توغرا كېلىدىغان ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر جەھەتتىن، بىلكەنت ئۇنىۋېرستېتى تۈركىيىدىكى ئۇنىۋېرستېتلار ئارىسىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بىلكەنت ئۇنىۋېرستېتىدا ئىگىلىك باشقۇرۇش فاكۇلتېتى، ئىقتىسادىي، ئىدارى ۋە ئىجتىمائى پەنلەر فاكۇلتېتى، قانۇنشۇناسلىق فاكۇلتېتى، ئىنسانشۇناسلىق ۋە ئەدەبىيات فاكۇلتېتى، گۈزەل – سەنئەت فاكۇلتېتى، لاھىيە ۋە مېمارچىلىق فاكۇلتېتى، تەبىئىي پەنلەر فاكۇلتېتى، مۇزىكا فاكۇلتېتى ۋە سەھنە سەنئەتلىرى فاكۇلتېتى قاتارلىق فاكۇلتېتلار بار. تۈرك ئۇنىۋېرستېتلىرى ئارىسىدا دۆلەت ئۇنىۋېرستېتلىرىدىن باشقا فوندى جەمئىيەت ئۇنىۋېرستېتلىرىمۇ قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. فوندى جەمئىيەت ئۇنىۋېرستېتلىرى ئارىسىدا بىلكەنت ئۇنىۋېرستېتى، تۈركىيىدە مائارىپ ساھەسىدە ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيىگە يېتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېتىشتۈرۈپ چىققان ئوقۇغۇچىلىرى ئارقىلىقمۇ دۇنيادىكى داڭلىق ئۇنىۋېرستېتلار ئارىسىدا ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە. بىلكەنت ئۇنىۋېرستېتى، مائارىپ ۋە تەتقىقات جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەكشۈشۈپ ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان خەلقئارا ئۆلچەملەرگە رىئايە قىلىپ كەلمەكتە. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خەلقئارا ئىلمىي ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرىنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكى ۋە بۇ ماقالىلاردىن ئالىملارنىڭ دېگۈدەك پايدىلىنشى بۇنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسى، ئەلۋەتتە. بىلكەنت ئۇنىۋېرستېتىنىڭ دەرسلىك تىلى ئىنگىلىزچە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تاللايدىغان دەرسلەردىن سىرت باشقا چەتئەل تىللىرىنىمۇ ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئىگە. بىلكەنت ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى خادىملىرىنىڭ ئۈچتە بىرى چەتئەللىك. دۇنيانىڭ ساناقلىق كۈتۈپخانىلىرىدىن بىرگە ئىگە بىلكەنت ئۇنىۋېرستېتى، ھازىرغىچە كىتاب – ژورناللار ئۈچۈن 3 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجراتتى. بىلكەنت ئۇنىۋېرستېتىدا نۇرغۇنلىغان يەرلىك ۋە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىلمەكتە. نۆۋەتتە، بىلكەنت ئۇنىۋېرستېتىغا تىزىمغا ئالدۇرغان ئوقۇچىلارنىڭ تۆتتە بىرى ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشمەكتە. بىلكەنت ئۇنىۋېرستېتى ھەققىدە http://www.bilkent.edu.tr ئىنتېرنېت ئادرىسىدىن تېخىمۇ كۆپ ۋە تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشەلەيسىز. ھۆججەت:Bilkent.jpg