بۆرە بالىلىرى

ئورنى Wikipedia

«خانا» ئىسىملىك ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بىر يىگىت بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ ۋە تېزلا مۇھەببەت قاينىمىغا چۆكىدۇ. كېيىن يىگىتنىڭ ئىنسانىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە بۆرە ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ

قىسقىچە مەزمۇنى[تەھرىرلەش]

«خانا» ئىسىملىك ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بىر يىگىت بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ ۋە تېزلا مۇھەببەت قاينىمىغا چۆكىدۇ. كېيىن يىگىت ئۆزىنىڭ ئىنسانىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە بۆرە ئادەم ئىكەنلىكىنى خاناغا دەيدۇ. خانا بۇنى بىلسىمۇ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتى قىلچە ئۆزگەرمەيدۇ. كېيىن ئۇلارنىڭ «يۇكى»، «ئامې» ئىسىملىك ئىككى بالىسى بار بولىدۇ. يۇكى قىش كۈنلىرى تۇغۇلغاچقا ئۇنىڭغا قار دېگەن مەنىدە يۇكى دەپ، ئامې بولسا يامغۇرلۇق كۈندە تۇغۇلغاچقا يامغۇر دېگەن مەنىدە ئامې دەپ ئىسىم قويۇلىدۇ. ئەمما بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بەخىتلىك تۇرمۇشى ئۇزۇنغا بارمايدۇ. بۆرە يىگىت بىر كۈنى ئىنسانلار تەرىپىدىن تۇتۇپ ئېلىپ كېتىلىدۇ. ئېرىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن خانا قاتتىق ئازابلانسىمۇ ئەمما يەنىلا بالىلىرى ئۈچۈن قىيىنچىلىقلارغا باش ئەگمەي قەيسەرلىك بىلەن تىرىشىپ، تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلايدۇ. بۇ جەرياندا بىر ئانىنىڭ ئىككى بۆرە بالىسىنى بېقىپ چوڭ قىلىش جەريانىدا تارتقان جەبىر-جاپالىرى ۋە ئوڭۇشسىزلىقلىرى تەسۋىرلىنىدىغان بولۇپ بىزگە ئانا مېھرىنىڭ قۇدرىتىنى يەنە بىر نامايەن قىلىدۇ.

سىرتقى ئۇلىنىش[تەھرىرلەش]