بۇددالا سارىيى

ئورنى Wikipedia

ئورنى: جۇڭگو شىزاڭ لىخاسا شەھىرىدىكى قىزىلتاغدا

ياسالغان ۋاقىت: مىلادى 7-ئەسىر

باھا: دۇنيادىكى داڭلىق 10 چوڭ توپا-تاش قۇرۇلىشىنىڭ بىرى. قۇرۇلۇش ، رەسساملىق، دىن بىر گەۋدە قىلىنغان سىرلىق ئوردا دېڭىز يۈزىدىن 3770 مېتىر ئىگىزلىكتىكى قىزىلتاغدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بۇددالا سارىيى دۇنيادىكى ئەڭ ئىگىزگە جايلاشقان ئوردا- ساراي قۇرۇلىشى، شۇنداقلا ھازىر شىزاڭدا ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان قەدىمقى قۇرۇلۇش توپى. «بۇددالا » دىگەن سۆز سانسىكىرىت تىلىدىكى Potalaka دىگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، مەنىسى «بۇددا دىنىنىڭ مۇقەددەس تېغى پۇتو» دىگەن مەنىدە . بۇ يەر ئىلگىرىكى دالاي لامالارنىڭ «قىشلىق سارىيى» ۋە تىبەتنىڭ سىياسى ۋە دىنى ھوقۇق يۈرگۈزدىغان ئورنى. بۇ كاتتا سىرلىق ساراي «دۇنيادىكى داڭلىق 10 چوڭ توپا-تاش قۇرۇلۇشى» نىڭ بىرى. ئۇنىڭدا تىبەتلەرنىڭ قۇرۇلۇش، رەسساملىق ۋە دىنى سەنئىتىنىڭ جەۋھىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇلۇتلار بىلەن ئورۇلۇپ تۇرغان، قىيا بويىغا سېلىنغان بۇددالا سارىيى چىققىلى بولمايدىغان ئەرش ئوردىسىغا ئوخشاش ھەيۋەتلىك.

بۇددالا سارىيىنىڭ تارىخىنى سۈرۈشتۈرگەندە مىلادى 7-ئەسىرلەرگە بېرىپ تاقىلىدۇ. «يېڭى تاڭنامە» دە خاتىرىلىنشىچە ،مىلادى 641-يىلى مەلىكە ۋېنچىڭنى تىبەتكە ياتلىق قىلغان. سۇڭزەن گەنبۇ مەلىكىنى بىر كۆرۈپ ئاشق بولۇپ قېلىپ ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ساراي سالدۇرغان. يەنە بىر تىبەت يېزىقىدىكى قەدىمىي كىتاب «王统记» بىلەن« 教法史» دا خاتىرىلىنىشىچە ، 31-ئەۋلاد تىبەت خانى سۇڭزەن گەنبۇ ئاسىي خانىشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ پايتەختنى لىخاساغا يۆتكىگەن ۋە قىزىلتاغ باغرىدا ئوردا ياسىغان. بۇ بۇددالا سارىيىنىڭ ئاساسىي ھېساپلىنىدۇ.

8-ئەسىرگە كەلگەندە ، بۇ ھەيۋەتلىك ساراي چاقماقنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ كۆيۈپ كەتكەن. شۇ چاغدىكى تىبەت خانلىقى زەئىپلىشىشىكە قاراپ يۈزلەنگەن بولۇپ، ئاقسۈڭەڭلەر ئارىسىدا نىزا-ماجرالار، خەلق ئارىسىدا توپىلاڭلار كۆپ بولۇپ، بۇددالار سارىيىغا كۆڭۈل بولۈنمىگەن. بوران-يامغۇرلارنىڭ ئۇپرىتىشى بىلەن ئىبادەتخانا خارابىيلىققا ئايلانغان. پەقەت داجاۋ ئىبادەتخانىسىدىكى تام رەسىملىرىدە ئوردىنىڭ شەكلى ساقلىنىپ قالغان. ئۇنىڭدىن باشقا سۇڭزەن گەنبۇ ئىبادەت قىلغان ئۆڭكۈر ۋە ئۆڭكۈر ئۈستىدىكى بۇدساتۋا سارىيى ساقلىنىپ قالغان. ھازىرقى بۇددالار سارىيى 17-ئەسىردىن كېيىن ئىلگىرى -ئاخىر بولۇپ رېمونت قىلىنىپ سېلىنغان.دالاي لاما Ⅴ نىڭ زامانىسىدا ، دالاي لاما داجاۋ ئىبادەتخانىسىدىكى تام رەسىملىرىگە ئاساسەن قايتىدىن بۇددالا سارىيىنى قايتىدىن سالدۇرغان. بۇ تەخمىنەن مىلادى 1645~1648 يىللارغا توغرا كېلىدۇ. تاغنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىگە بۇددالا سارىيىنىڭ ئاق سارىيى سېلىنىپ، دالاي لاما Ⅴ جېفىڭ ئوردىسىدىن ئاق سارايغا كۆچۈپ كەلگەن. بۇ شۇندىن تارتىپ تىبەتنىڭ سىياسىي ۋە دىنىي ھوقۇقىنى يۈرگۈزدىغان دالاي لامالارنىڭ قىشلىق ئوردىسى بولۇپ كەلگەن. يەنە بىرى بولولىنكا بولۇپ ، ئۇ «يازلىق ئوردا» بولغان. بۇددالا ساريىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قىزىل ساراي بولۇپ،1690-1693-يىللاردا 8-ساڭجىجاسو ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغان دالاي لاما Ⅴ غا ئاتاپ ياساتقان. ئۇ ئاق ساراينىڭ شەرقى قىسمىنى چېقىپ، ئىلگىرىكى زاشى زەنگو ئوردىسىنىڭ كونا ئورنىغا شەرق، جەنوپ، غەرپ ئۈچ تەرەپكە كېڭەيتىپ ، نەچچە ئون يىلدا پۈتكۈزگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا قىزىل ساراينى ياساش ئۈچۈنلا 7000 ئادەم كەتكەن.ئۇنىڭدىن باشقا تاغ-ئورمانلاردىن ياغاچ-تاش ئەكىلىدىغانلار نەچچە تۈمەن بولغان.

بۇددالا سارىيى دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر قەدىمقى قۇرۇلۇشلارنىڭ قاتارىدا بولۇپ، تاغقا يۆلەپ ياسالغان ساراي جەمئىي 13قەۋەت، ئىگىزلىكى 117 مېتىر. شەرقتىن غەرپكە ئۇزۇنلىقى 360 نەچچە مېتىر، شىمالدىن جەنوپقا 3000مېتىر بولۇپ، قەسىر-ئايۋانلار مىڭغا يېقىنلىشىدۇ. پۈتۈنلەي تاش-ياغاچتىن ياسالغان. بۇ قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى خەنزۇ-تىبەت مەدىنىيىتىنىڭ بىرلەشمىسى بولۇپلا قالماي، يەنە تىبەت قۇرۇلۇش سەنئىتىنىڭ نامايەندىسى. ئۇ ھەرگىزمۇ بىرلا دەۋرنىڭ ئىجادىيىتى ئەمەس، ئۇ تىبەت خانلىقى زامانىدىن كېيىنكى ھەرقايسى دەۋىرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن. تارىخى خاتىرىلەردە يېزىلىشىچە پۈتكۈل قۇرۇلۇشقا 3مىليون 134مىڭ سەر كۈمۈش كەتكەن. چىڭ ئوردىسىنىڭ خانى چىيەنلوڭ 114 خەنزۇ ئۇستىنى ئوردا قۇرۇلىشىغا ئەۋەتكەن. بۇ قۇرۇلۇش تىبەتلەرنىڭ تاش-ياغاچ قۇرۇلمىلىق،مۇستەھكەم ياسىلىدىغان قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى ۋە خەنزۇلارنىڭ تۈۋرۈك، لىم تەگلىكى، ئۆگزە، تورۇس كاتەكچىلىرى ئالاھىدىلىكلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ياسالغان. ئۇ تىبەت خەلقىنىڭ ،سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە دىنىي پائالىيەت مەركىزى، شۇنداقلا دۇنيا مەدەنىيەت- سەنئەت خەزىنىسىكى بىر گۆھەر.