بۇقا سوقۇشتۇرۇش ئويۇنى

ئورنى Wikipedia

بۇقا سوقۇشتۇرۇش - ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرىنىڭ بىرى. بۇ ئويۇن جامائەت يىغىلغان سورۇنلاردا يېزىلاردىكى بازار كۈنلىرى، ھېيت - بايراملاردا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇقا سۇقۇشتۇرۇشتا، ئىككى بۇقا مەيدانغا قويۇپ بېرىلىدۇ. مەيدانغا چۈشكەن ئىككى بوقا بىر - بىرىگە باش قويۇپ، كۈچ بىلەن بىر - بىرىنى ئۈسۈپ تۈرتىدۇ. كۈچلۈك بۇقا رىقابەتچىسىنى ئۈسۈپ ئىككى پۈكلىۋېتىدۇ ھەتتا ئۆلتۈرۈپمۇ قويىدۇ. سوقۇشۇش جەريانىدا ئۈسمەي قاچقىنى، يىقىلىپ چۈشكىنى يېڭىلگەن بولىدۇ. ئۆتكەن بىر مەزگىل <سول> لۇشىيەننىڭ تەسىرىدىن بۇ ئەنئەنىۋى ئويۇن ئېلىپ بېرىلمايدىغان بولغانىدى. پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىېتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، بولۇپمۇ يېزا ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىن كېيىن، بۇ ئويۇن يېڭىۋاشتىن باش كۆتۈرۈپ چىقتى. مارالبېشى ناھىيىسى باشلامچى بولۇپ بۇقا سۇقۇشتۇرۇش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. بۇقا سۇقۇشتۇرۇشتا، بۇقىلارنىڭ پائالىيەت دائىرىسى بەكمۇ كەڭ، سوقۇشۇشى بەكمۇ جىددىي ھەم ۋەھشىي بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، جايلار بۇقا سوقۇشتۇرۇش ئېلىپ بارغاندا خەتەر چىقىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يەنى بۇقىلارنىڭ تاماشىبىنلارنى ئۈسۈپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كەڭرەك سورۇندا، ئەڭ ياخشىسى ئەتراپى توسۇقلۇق مەيدانلاردا ئېلىپ بارغىنى ياخشى."[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]