بۇقىچىلاپ ئارقان تارتىشىش ئويۇنى

ئورنى Wikipedia
penis

بۇقىچىلاپ ئارقان تارتىشىش ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە، قىزىقارلىق ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىنىڭ بىرى. بۇ ئويۇن كۆپىنچە توي - تۆكۈن ۋە جامائەت يىغىلغان سورۇنلاردا، ھەتتا مەھەللىۋى تويلاردا، ياشلار توپلاشقان جايلاردا ئىككى كىشى ئۆز ئارا كېلىشىپ، مەيدانغا چىقىپ مۇسابىقىلىشىدىغان ئويۇن. بەزىدە ئىككى قەبىلە، ئىككى تەرەپ ئۆز تەرىپىدىن كۈچلۈك يىگىتلەرنى تاللاپ چىقىرىپ، ئۆز ئارا مۇسابىقە ئېلىپ بارىدۇ. بۇقىچىلاپ ئارقان تارتىشىش ئويۇنى قىرىقارلىق ھەمدە رىقابەتچىلىكى كۈچلۈك بولغان ئويۇن تۈرلىرىنىڭ بىرى. بۇ ئەنئەنىۋى ئويۇننى ساقلاپ قېلىشقا ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا، شۇنىڭدەك ئويناش ئۇسۇلىنى قائىدىلەشتۈرۈپ، مەزمۇنىنى بېيىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. مەيدان ۋە سايمان مەيدان: تەكشى يەرگە ئارىلىقى بىر مېتىردىن پاراللېل ئۈچ سىزىق سىزىلىدۇ. ئىككى چەتتىكى سىزىقلار چېگرا سىزىق دېيىلىدۇ. ئوتتۇرىسىدىكى سىزىق ئوتتۇرا سىزىق دېيىلىدۇ. سايمان: دىئامېتىرى ئىككى سانتىمېتىر ئەتراپىدا كېلىدىغان ئالتە مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئارقاننىڭ ئىككى ئۇچى چىگىلىپ، قوش ئارقان قىلىنىدۇ. ئارقاننىڭ مۇسابىقىلەشكۈچىلەرنىڭ بويۇنلىرىنى يالاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، بوينىغا كىرگۈزۈلىدىغان قىسمى يۇمشاق نەرسىلەر بىلەن ئورالغان بولىدۇ. مۇسابىقىدە ئادەم سانى ۋە ياش قۇرامى چەكلەنمەيدۇ. مۇسابىقە ئۇسۇلى: مۇسابىقە ئارقىنىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا بىر قىزىل لېنت باغلىنىدۇ ھەمدە لېنتا باغلانغان قىسمى ئوتتۇرا سىزىققا توغرىلىنىدۇ. قوش ئارقاننىڭ ئىككى ئۇچى ئىككى تەرەپ ئەزالىرىنىڭ چاترىقىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ بويۇنلىرىغا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، چېگرا سىزىقىنىڭ كەينىدە مۇسابىقە تەييارلىنىپ تۇرىدۇ، مۇسابىقە باشقۇرغۇچى ياكى رېپىر مۇسابىقە باشلاش ئىشارىسى بەرگەندىن كېيىن، ھەر ئىككى تەرەپ تۆت پۇتلۇق بولۇپ ئۆز تەرىپىگە كۈچەپ تارتىدۇ. ئاخىرى بىر كىشى قارشى تەرەپنىڭ ئەزاسىنى تارتىپ چېگرا سىزىقىدىن ئۆتكۈزۈۋەتسە، شۇ كىشى يەڭگەن ھېسابلىنىدۇ. بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئۈچ قېتىم ياكى بىرلا قېتىم تارتقۇزسا بولىدۇ. بۇ مۇسابىقە قاتناشقۇچىلار سانىنىڭ ئاز - كۆپلۈكىگە قاراپ بەلگىلىنىدۇ. ئەگەر مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى كۆپ بولسا، ئۇ ھالدا ئېغىرلىق دەرىجە ئايرىمىسىغا ئايرىمىسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭدا، مۇسابىقىلەشكۈچىلەرنىڭ يەڭگەن - يېڭىلگەنلىكىنى بىر ئايلانما مۇسابىقىدە ئېرىشكەن ئومۇمىي نومۇرغا قاراپ بېكىتىلىدۇ. نومۇرى كۆپ بولغانلارنىڭ نام تەرتىپى ئالدىغا قويۇلىدۇ. قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەتلەر: رېپىر مۇسابىقە باشلاش ئىشارىتى بېرىشتىن بۇرۇن ئارقان تارتىشنى باشلىسا، يەرگە پۇت تىرەيدىغان ئازگال قېزىۋالسا ياكى ئۆرە تۇرۇۋېلىپ تارتسا قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ. بىرىنچى قېتىم قائىدىگە خىلاپ قىلىنسا، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ. يەنە قايتا سادىر قىلىنسا، مۇسابىقىلىشىش ھوقۇقى ئېلىپ تاشلىنىدۇ. بۇقىچىلاپ ئارقان تارتىشىش پائالىيىتى مۇرەككەپ مەيدان ۋە قورال - سايمان، مۇئەسسەسە تەلەپ قىلمايدۇ. ھەر قانداق بىر تۈز يەردە ئالتە مېتىرلىق ئارقان بولسىلا ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ. شۇڭا، يېزىلاردا بۇ پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇپ، مەنىۋى تۇرمۇشنى بېيىتىشقا بولىدۇ. شەرت - شارائىتى بار يەرلەردە پالاس ئۈستىدە ئېلىپ بارسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ."[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]