بۇ بىر رىئاللىق

ئورنى Wikipedia

نۇرانىيە قەشقىرى

شۇنداق بىر ياشىسام دەيمەن، ۋەتىنىم توپرىقىدا شۇ قۇم تۇپراققا مىلىنىپ ئاپتاپتا يايراپ باقسام، كىيىملىرىمدىكى قۇملارنى قىقىپ كۈلۈپ باقسام، شۇ ۋەتەن تۇپرىقىدا ئەركىن نەپەس ئىلىپ باقسام، ئىقىۋاتقان ئەركەك سۇلاردا تاھارەت ئىلىپ ئاللاھىمنىڭ ماڭا بەرگەنلىرىگە يىغلاپ تۇرۇپ رەھمەت ئىيتىپ باقسام، قۇرئان ئوقىسام ۋەتىنىم ئاپتاپتا نۇرلىنىپ بارچە مەخلۇقات ئاڭلاپ ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقىدىن ھەمدىلەر توختىمىسا، قىزلىرىم ھىجابى بىلەن دوختۇرخانىلاردا دوختۇر سىستىرا، مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى، تەتقىقات ئورۇنلىرىدا تەتقىقاتچى، قىسقىسى ھەرساھەدە مۇسلىمەلەر ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلالىسا، ئوغۇللىرىم باتۇر جەڭچى، ۋەتەن، مىللەت، ئائىلىنىڭ تۈۋرىكى، يول باشچى، مەن سۆيۈنگەن قەھرىمانىم، رەسۇلىللاھ ئۈممىتى بولسا شۇ كۈنلەرنى كۆرسەم دەيمەن، بۇ چۈش ئەمەس، ئاللاھ بىزگە ۋەدە قىلغان بىزگە بىرىلىدىغان نۇسرەت، بىز ھازىر ياشاۋاتقىنىمىز ئاچچىق رىئاللىق، رىئاللىق بىزگە بۇنى بىر چۈشتەك ھىس قىلدۇردۇ، ئىمانىم بىلەن ئىيتىمەن بۇ ئاللاھنىڭ ۋەدىسى، دۇئالارغا كۆتۈرۈلگەن قوللار قۇرۇق قايتمايدۇ،ئاللاھتىن ئۈمىد كۈتكەنلەرنىڭ ئۈمۈدى يەردە قالمايدۇ.

بىزگە مۇسىبەت كەلدى، كەلگەندىمۇ بەك ئىغىر كەلدى. كىلىپ توختىغىنى يوق، يۈرەكلەرنىڭ ئىزىلىۋاتقان يىرى شۇكى، كۈندىن كۈنگە ئىغىرلىشىپ تىنغىدەك ھالىمىزنى قويمايۋاتىدۇ، “ھەممىمىز نىمە قىلىشىمىز كىرەك؟“ دەۋاتىمىز، ئۇستازلار دۇئا قىلايلى دىدى، مەنمۇ قوشۇلىمەن، مىدراش ئىھتىمالىمىز بولمىغاندىكىن دۇئا قىلىشتىن باشقىغا ئامالىمىز يوق، بالىمىزدىن ئايرىلدۇق، ئاتا ئانىمىزدىن ئايرىلدۇق، ئەركىن دۇنيادا تۇرۇپ بوينىمىز قىسىلغان، قەددىمىز تۈگۈلگەن روھىمىز سۇنغان ھالەتتە كوچىدا كۆرسىز بىز مىللەتنى، “قەددىڭنى تۇتۇپ ماڭ ”دىمەڭ، ۋەتەنسىز ئىنسان قەددىنى تۈزلىيەلمەيدىكەن، روھىيەتتىكى سۇلغۇنلۇق تەندە قارار تاپىدىكەن.

بىر قىرىندىشىمىز توغرا دىدى، “سىز ۋەتەن ئۈچۈن كۈنىگە بەش كىلومىتىر يۈگرەپ باقتىڭىزمۇ، ۋەتەن ئۈچۈن بەدەن چىنىقتۇرۇپ ئالدىمىزدا بولۇش ئىستىماللىقى بولغان شۇ جەڭلەرگە تەييارلىق قىپ باقتىڭىزمۇ ”دەپ، ئاجىز بەدەن بىلەن بىر تىپىككە يارىمايمىز قىرىندىشىم، دۇئا قىلىشتىن باشقا بىر مۇش بىلەن بىر دۈشمەننىڭ بۇرنىنى چۇۋىۋىتكىدەك بەدەنگە بىز مۇھتاج، ئالدىدا ماڭغانلار ئۆلسە كەينىگە قاچماي يىقىلىۋاتقان بايراقنى دەس قولىمىزغا ئىلىپ لەپىلدىتىپ ماڭالايدىغان قەھرىمانلارغا بىز مۇھتاج، مەيلى ئايال بولۇڭ مەيلى ئەر بولۇڭ مەيلى ئانا مەيلى دادا بولۇڭ جانغا جان بىرىپ كۆرەشنى داۋاملاشتۇرۇشقا بىز مۇھتاج، “بالام ئۆيدىن چىقما، جەڭ ئاخىرلاشسۇن ”ئەمەس، “قوپ ئوغلۇم دەس تۇرۇپ جەڭگە ئاتلان، ئوقنى كۆسەڭ ئارقاڭغا قايتما،ئۆلسەڭ شىھىت، تىرىك قالساڭ غازى، مەن سەندىن رازى ”دەپ ئوغلىنى يولغا سالىدىغان ئانىلارغا بىز مۇھتاج، “بالىلارنى مەن باقىمە، ۋەتەن ئۈچۈن ئاتلىنىڭلا، بىزنىڭ نۇمۇسىمىزنى يۇيۇپ بىرىڭلا ”دەيدىغان ئاياللارغا بىز مۇھتاج.

ئاللاھ ھەممىمىزدىن رازى بولسۇن، مەيلى مىللىتىم دەڭ مەيلى دىنىم دەڭ ھەممىمىزنىڭ نىشانىمىز ۋەتەن، شۇ خىتاينىڭ ئاياق ئاستىدا ئىڭراۋاتقان ۋەتەن، ئورۇنسىز تالاش تارتىش، بىھۇدە سۆز ئەمدى ئىشەككە يۈك، تا ھازىرغىچە دۈشمەننى تونىمىغان ئويغانمىغان ئىنسانلارنى يوقىتايلى، بايرىقىمىز چەتئەللەردە ئەمەس ۋەتىنىمىز ئاسمىنىدا لەپىلدەپ باقسۇن، شۇ كۈنلەرنى بىزمۇ كۆرەيلى، ئۈنتىنسىز ئۆلگىچە دەپ دەبىلىك ئۆلسەك ئەۋلادلىرىمىزغا ئۈلگە بولساق بولماسمۇ ؟

تۈركلەر ۋەتىنى ئۈچۈن شىھىت بولغان چاناق قەلئە جەڭچىلىرىنى تا بۈگۈنگىچە ئەسلەيدۇ، بىر تۈرك ماڭا ”سىلەرمۇ بىزدەك قەھرىمانلىق كۆرسىتەلىگەن بولساڭلا، بىزدەك ۋەتەن ئۈچۈن كۆرەش قىلغان بولساڭلا بۈگۈنكى كۈنگە قالمايتىڭلا ”دىدى.

خىتايلار جەڭچىسىدىن سىرت يەيدىغىنى يوق دىھقانلىرىمۇ ھەم نەپەس بولۇپ شۇ زىمىننى قولىغا ئالغان، بىزنىڭ بوۋىلىرىمىز دۈشمەننى ئىنىق تونۇپ ھەممەيلەن بىر نىيەت بىر مەخسەتتە تۇرغان بولسا ئاز قىسىم جەڭچىلەرگە بۇ ۋەزىپە ئاتىلىپ قىلىپ ۋەتەن قولدىن كەتمەيتى، ھەربىر پۇخرانىڭ ۋەتەننى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار، شۇنى تونۇپ يەتكەن بولساق ۋەتىنىمىز ئۇنچە ئۇزۇن مۇنقەرزلىكتە، خەلقىمىز قۇللۇقتا قالمايتى، ئىمانىمىز، كىملىكىمىز، غورورىمىز، بارلىقىمىز پايخان بولىۋاتقان مۇشۇ كۈندە ئانىلار بالام ساخچى تولۇقلايدىكەن، سەنمۇ بىرىپ ساخچى بول دەپ بالىسىنى ساخچى قىلمايتى، نادانلىق بىزنى بەك چوڭ زىيان تاتقۇزدى، ۋەتەن سىرتىغا چىقتۇق يەنە شۇ نادانلىقنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلالماپتۇق.

مىنىڭچە ھازىر قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار بىرىنجىسى ھەر بىرىمىز مۇستەھكەم ئىرادە تىكلىشىمىز كىرەك، جان ساقلىۋالاي ئەمەس ۋەتەن ئۈچۈن ھەرۋاقىت تەييارمەن دىيەلىشىمىز كىرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن بەدىنىڭىزنى ئازراق چىنىقتۇرۇپ قويۇڭ،ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن ئاتلاندىم دىگۈچىلەر ئىمانىڭىزنى تىخىمۇ مۇستەھكەملەپ تىخىمۇ ياخشى ئۈگىنىڭ،جەڭ باشلانغاندا شىھىتلىك ئۈچۈن يۈگرەڭكى ئارقىغا چىكىنمەڭ،ئەينى ۋاقىتتا مۇسۇلمانلا شۇ روھ بىلەن غەلبە قىلغان، مىللىتىم، ۋەتىنىم ئۈچۈن دىگۈچىلەر كەمەرنى چىڭ باغلاڭ، جەڭ باشلانغاندا كەمەر يىشىلىپ كەتمىسۇن. ئىككىنجى كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىز بولغان بالىلىرىمىزنى مەكتەپتىن ئايرىپ قويمايلى، بالىلار ئۈگەنگەنگە ئۆلمەيدۇ، پەن ئۈگەنسۇن، ئاندىن دىننى كىچىكىدىن ئۈگىتەيلى، تەڭ ئۈگەنگىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ تۈركىيەدە شارائىت يىتەرلىك، بىز ئۆلسەك ۋارىس بولىدىغان مۇشۇ بالىلار، بىز يەڭسەك كەلگۈسىدە ۋەتەننىڭ كەلگۈسىنى ياراتقۇچى مۇشۇ بالىلاردۇر، پەرزەنت تەربىيسىدە مەغلۇپ بولغانلىق، كەلگۈسىنى ۋەيران قىلغانلىقتۇر، بىر ئادەم نۇرغۇن تىلنى پىششىق ئۈگىنەلەيدۇ، بالىلىرىمىز ئۇيغۇرچە، تۈركچە، ئىنگىلىزچە، خىتايچە، ئەرەپچە قاتارلىق تىللارنى ئۈگىنىپ راۋۇرۇس يىتىشىپ چىقالايدۇ، ئىشەنمىسىڭىز ياۋرۇپادىكى خان جەمەتى قىزلىرىنى كۆرۈپ بىقىڭ ھەممىسى نۇرغۇن دۆلەتنىڭ تىلىنى پىششىق ئىگەللىگەن، دىپلۇمەتىيە ئىشلىرىدا تەرجىمانسىز بىمالال ئالاقە قىلالايدۇ، ئادەم قىلغاننى ئادەم قىلاممايدۇ دىسە ھەرگىز ئىشەنمەڭ.

بەزىلەر خىتايچىنى نىمىشقا ئۈگىنىدۇ دىيىشى مۇمكىن، دۈشمەننىڭ تىلىنى بىلمەسلىك جەڭدە يىڭىلگەنلىك بىلەن بىرابەر، دۈشمىنىڭنى يىڭەي دىسەڭ ئىچىدىكىنى ياخشى بىل، سىيت نوچى ئارىمىزدىن بىر قىتىم چىقسۇن، شۇ سىيت نوچى بىلەن تارىخىمىزغا خاتىمە بىرەيلى، بىزنىڭ ئۇ تارىخنى قايتا تەكرارلىشىمىزنىڭ ئۆزى بىر ئەخمەقلىق.

ئۈچىنجىسى نىشان بىر، يول جىق قانداق ماڭساق نىشان ئۈچۈن ئىلگىرلىسەكلا بولىدۇ، باشلىنىش نۇقتىدىن چىقماي تۇرۇپ دەتالاشنى كىم قويدى، ھەممىمىز ئۇيۇشۇپ ئون بايراقنى تاقىتىپ، قوشۇننى رەتكە تۇرغۇزۇپ، ئىددىيىسى مەخسىدى بىر يەرگە كىلىدىغان جەڭچىلەرنى بىر سەپ قىلىپ، تۇغنى سەپ ئەزالىرى چوڭ بىلىدىغان بىر باشقا تۇتقۇزۇپ، ئۆزى ماڭالايدىغان يول بىلەن نىشانغا قارىتىپ ئاتلاندۇرساق ئىچىدىن يىمىرلىش بولمايدۇ، چۈنكى نىشان ئىنىق، بىر يولدىكىلەر ئايرىلمىدى، ئاخىرقى نۇقتىدا ئۇچراشقاندا ئىختىلاپ قىلىشقا چول تەگمەيدۇ، قالغان ئىختىلاپنى غەلبىدىن كىيىن مۇزاكىرە قىلساقمۇ كىچىكمەيمىز، ئۇرۇشنىڭ توققۇزى رەڭ بىرسى جەڭ، قۇرۇق ئىشلار بىلەن ئاۋارە بولاۋاتقان ئاياللارنى ھەر بىر ئەركەك رەتكە ساسۇن، ئۆزى يوق ۋاقىتتا بالىلارنى راۋۇرۇس تەربىيلەپ ئۆينى ئوبدان تۇتۇپ تۇرغىدەك ھالغا كەلتۈرۈشكە سەل قارىمايلى، ۋەتەن بىكارغا كەلمەيدۇ، قىنىمىز جىنىمىز بەدىلىگە ئىرىشىدىغان ۋەتەن بۇ، بەدەل تۆلەشكە ھەممىمىز تەييار تۇرغاندا غەلبە قىلىدىغان جەڭ بۇ. تۇتۇشما جەڭ بولمىغان تەقدىردىمۇ ئۇيۇشچان قوشۇن بولمىسا بولمايدۇ، 5000 مۇجاھىتنىڭ خىياتنى ئالاقىزادە قىلغىنىنىڭ ئۆزىلا بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ، بىزنى بىردىن بىردىن ئۆتتەسە تۈگەيمىز، تۈگىمەيدىغان ئىش يوق، ئانىمىز بىزنى قايتا تۇغقان تەقدىردىمۇ بىزدەك بولىشى ئۈچۈن يىگىرمە ئوتتۇزيىل ساقلاش كىرەك، تۇڭگاندا قوشۇن يوق نىمىشقا خىتاي تۇڭگانغا مۇئامىلە قىلغاندا ئىھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ ئويلىنىپ باقتۇقمۇ، چۈنكى تۇڭگان ئۇيۇشقاق خەق، ئىچىدە ئۇلارنىڭمۇ يىتىپ ئاشقىچە زىدىيەت مەۋجۈت، بىراق ياتقا كەلگەندە ئاجايىپ ئۇيۇشقاقلىقنى ئىپادىلەيدۇ، بىز ئۆزىمىزگە رەھىمسىز ئۆزگىگە كەڭ قورساق خاراكتىرىمىز بىلەن خەققە يەم بولۇپ كىتىۋاتىمىز، ئۇششاق زىدىيەتلەر ئۈچۈن ئاق تاغلىق قارا تاغلىق بولۇش كىرەكمۇ ؟دۈشمەن كىم ؟ۋەتىنىمىزگە ناھايىتى يۇمشاق، مىھرىبان قىياپەتتە كىرىپتى چاندۇرماي باپلىدى بىزنى، بۈگۈنگە كەلگەندىمۇ ئۇيقۇمىزنى ئاچالمامدۇق، ھەممىمىز ھەربىي بولالمايمىز، بىراق بىر سەپتە تۇرۇپ ئادەم تىمى قۇرالايمىزغۇ، تۈرۈكلەرمۇ ھەربىيلەر كەلسۇن دىمەي چاناق قەلئەدە قىرى ياش ئەر ئايال دىمەي ۋەتىنىنى قوغداپ قالغانغۇ، نىمىشقا ھەر بىرىمىز ئۆزىمىز قىلىشقا تىگىشلىك ئىشنى تىپىپ قىلاممايمىز، قەلىمى بارلا يازايلى، ناتىقلا سۆزلەيلى، بالىسى بارلا بالام ۋەتىنىم مانا دەپ خەرىتىدىن كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئۈگىتەيلى، كەلگۈسىمىزنىڭ ئۈمىدلىرىنى تەربىيلەيلى، ئۆزىمىزنى تەربىيلەپ يىتىشتۈرەيلى، خەق بىر ئىككى ئاي مەشىق قىلدۇرۇپ ئالاھىدە ساقچى قىلىپ يىتىشتۈرۈپ ئوتتۇز قەۋەتلىك بىناغا يۈگرەپ چىققۇدەك قىلالاۋاتىدۇ كۆرەۋاتىمىزغۇ، قىلغىلى بوممايدىغان نىمە ئىش بار، دۇئاغا كۆتۈرۈلگەن قولنىمۇ چۈشۈرۈشكە بولمايدۇ، ھەر تەرەپتىن تەييارلىقنىمۇ پۇختا قىلماي بولمايدۇ، پۈدىسە ئۇچۇپ كىتىدىغان مىشچان خوتۇنلارغا بالىنى ئۆينى قويۇپ كەتكىلى بولامدۇ، ئاياللىرىمىز ئارقا سەپنى قوغدىيالىغىدەك ئىقتىدارغا ئىگە بولسۇن، ئەرلىرىمىزنىڭ غورورى، نۇمىسى ئۆلمىسۇن، خوتۇن قىزلىرىمىزنى قوغدايدىغان نۇمۇسنى ئاقلايدىغانغا ۋاختى كەلمىدى دىيىلسە ھەممىمىز ئۆلگەندە كىلىشىنى كۈتىمىز، شۇڭا دەيدىغىنىم بارلىق ئۇيغۇرۇم، شەرقىي تۈركىستانلىقلار پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن بىرلىشىپ ۋەتەن داۋاسى قىلىۋاتقانلارغا ھەم نەپەس بولايلى.

ئارىمىزدا خىتاي ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان، دۈشمەننى تونىمايۋاتقان، كۈن كەچۈرۈش كويىغا چۈشكەن نان قىپى، تۇز كورلارنى سۈپۈرۈش بىزنىڭ بىرىنجى قەدىمىمىز بولىشى كىرەك دەپ ئويلايمەن.

ئۆزىمىز قىلىشقا جۈرئەت قىلاممىغاننى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا يۈكلەشكە ھەققىمىز يوق، يولنى بىز مىڭىپ پەيدا قىلغاندا ئەۋلادىمىز ئاسفالىتلاشتۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.

2017-يىل 5-ئاپرىل، ئىستانبۇل

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى