بېدە ئۇرۇقى
بېدە ئۇرۇقى ئىچىنى توختىتىش، مەنى، سۇت پەيدا قىلىش، بەدەننى سەمىرتىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، ھەيىز ماڭدۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
[تەھرىر]ئۇيغۇرچە نامى :بېدە ئۇرۇقى
ئەرەبچە نامى :بەزرولىرەتىبە
پارسچە نامى :تۇخمى دىئۇئەسپەت
ئىنگلىزچە :Seed of Alfalfa
ئوردۇچە نامى :بەسكە پىراكى بىج
تونۇش :ئۇسۇمـلۇك بېـدىنىـڭ مىۋىسىدىـن ئىبـارەت
چىقىش ئورنى : شەرقىي تۈركىستان
ۋاقتى :كۈز
تەبىئىتى :2- دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق
ئائىلىسى :پۇرچاق ئائىلىسىدىـكى ئۇسۇمـلۇك
تونۇش
[تەھرىر]ئۇسۇمـلۇك بېـدىنىـڭ مىۋىسىدىـن ئىبـارەت. ( Medicago Sativa L ئەسلى ئۇسۇملىكى سۇسۇن گۇللۇك بېدە)
مۇندەرىجە
[تەھرىر]- قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
- ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
- تونۇش
- ئۈنۈملۈك تەركىبى
- خۇسۇسىيىتى
- ئورۇنباسارى
- تۈزەتكۈچىسى
- ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى
- فارماكولوگىيىلىك تەسىرى
- خاس تەسىرى
- ئەكىس تەسىرى
- ئىشلىتىش ئۇسۇلى
- كېسەللىك مىسالى
- سۈرەتلەر
- قامۇس باشبېتى
ئۈنۈملۈك تەركىبى
[تەھرىر]sialis acid, homostachydrine, stachydrine لار بار.
خۇسۇسىيىتى
[تەھرىر]ئىچىنى توختىتىش، مەنى، سۇت پەيدا قىلىش، بەدەننى سەمىرتىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، ھېيىز ماڭدۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئورۇنباسارى
[تەھرىر]پالەك ئۇرۇقى
تۈزەتكۈچىسى
[تەھرىر]پىننە
ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى
[تەھرىر]لوبوبى كەبىر،لوبۇبى سەغىر .
ئورۇنباسارى
[تەھرىر]پالەك ئۇرۇقى
تۈزەتكۈچىسى
[تەھرىر]پىننە
ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى
[تەھرىر]لوبوبى كەبىر،لوبۇبى سەغىر .
فارماكولوگىيىلىك تەسىرى
[تەھرىر]پۈتۈن چۆپىنىڭ ئېرىتمىسى ئۆپكە سىل تاياقچە باكتىريىسىنىڭ ئۆسۈشىنى تورمۇزلايدۇ. تىكەنلىك بېدە نۇرغا نىسبەتەن زىيادە سەزگۈرلۈككە مەنبەئەتلىك تېرە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بەلغەم چىقىرىش، يۆتەل توختۇتۇش ۋە كانايچە سىلىق مۇسكۇللارنى بوشۇتۇش؛ پاقىنىڭ يۈرەك قىسقىراش چاستوتىسىنى ئاستىلىتىش، توشقان ۋە چوڭ چاشقانغا نىسبەتەن قان چىقىش نىسبىتىنى چۈشۈرۈش ۋە قان چىقىش ۋاقتىنى قىسقارتىش، بالىياتقۇنى قوزغىتىش، ئاشقازاندا يەل پەيدا قىلىش.
خاس تەسىرى
[تەھرىر]بۆرەك ۋە باھنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورا.
ئەكىس تەسىرى
[تەھرىر]قورساقنى ئېسىدۇ.
خاس تەسىرى
[تەھرىر]بۆرەك ۋە باھنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورا.
ئەكىس تەسىرى
[تەھرىر]قورساقنى ئېسىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى
[تەھرىر]بېدە ئۇرۇقى1. بېدە ئۇرۇقىنى كۆيدۈرۈپ، تۈتۈنىدە داۋاملىق ئىس سېلىپ بەرسە. پالەچكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. بادام مېغىزى 5 گرام، كۆكنار ئۇرۇقى، بېدە ئۇرۇقى، چىگىت مېغىزى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 10 گرام، چىلغوزە مېغىزى 10 گرام، پىننە 50 گرام ئېلىپ قائىدە بويىچە سوقۇپ ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇپ ئىستېمال قىلسا سۈت مەنى كۆپەيتىدۇ.
3.بېدە ئۇرۇقى 10 گرام، سۆئلەپ، شاقاقۇل 5 گرامدىن ئېلىپ سۇپۇپ تەييارلاپ يەپ بەرسە باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
كېسەللىك مىسالى
[تەھرىر]كۇكرەكنىڭ يىرىكلىگى ، باھ ئاجىزلىغى، يۆتەل، ئىچى سۇرۈشلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.