بېغىش قايرىش ئويۇنى

ئورنى Wikipedia

بېغىش قايرىش ئويۇنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىنىڭ بىرى. بۇ رىقابەتچىلىكى كۈچلۈك، يەكمۇ يەك بېغىش قايرىپ كۈچ سىنىشىدىغان ئويۇن. بېغىش قايرىش ئويۇنىدا ئىككى كىشى ئۈستەل ئالدىدا ياكى تۈز يەردە قارىمۇ قارشى ئولتۇرۇپ جەينەكلىرىنى يەرگە تىرەپ، بىر - بىرىنىڭ ئوڭ ياكى سول ئالىقانلىرىدىن مەھكەم تۇتىشىدۇ ۋە باشلىدۇق دېيىشىپ بىر - بىرىنىڭ قولىنى باسىدۇ. كىم قارشى تەرەپنىڭ قولىنى باسالىسا شۇ يەڭگەن بولىدۇ. بېغىش قايرىشنى تۈز يەردە، كىگىز - پالاس ئۈستىدە قارىمۇ قارشى يېتىپ ئويناشقىمۇ بولىدۇ. بۇ بىر خىل ئاددىي ئويۇن بولۇپ، بېغىشنىڭ كۈچىنى ۋە سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرىدىغان ئويۇن، بېغىش قايرىش ئويۇنىدا جەينەك يەر يۈزىگە چوقۇم تېگىپ تۇرۇشى شەرت، جەينەك كۆتۈرۈلۈپ كەتسە بولمايدۇ."[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]