بەختىيار پەيزۇللا(پۇتپولچى)

ئورنى Wikipedia

بەختىيار پەيزۇللا (Bextiyar Peyzulla يېڭى يېزىق: ) 1998-يىلى ئاتۇش شەھىرىدە تۇغۇلغان، مەيداندىكى ئورنى ئوتتۇرا مەيدان. ئۇ شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىنىستوتىدىن چىققان بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن سوڭ چىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپىگە كىرگەن ھەمدە 2015/2016-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە مەملىكەتلىك U17 ياشلار بىرلەشمىسىگە قاتناشقان، شۇنداقلا شىنجاڭ U18 كوماندىسىغا تاللىنىپ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشقان. ئۇنىڭدىن باشقا، بەختىيار 2017-يىلى شىنجاڭ U20 كوماندىسى بىلەن بىرگە مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشقان بولۇپ، ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە ھەممە مۇسابىقىنى تولۇق تاماملىغان ھەمدە 2017/2018-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزىغا قوشۇلغان، شۇنداقلا شۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە 23 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ئىككى توپ كىرگۈزگەن. ئۇ چوڭچىڭ سىۋېيغا قوشۇلغاندىن كېيىن تەييارلىق كوماندىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى بولۇپ كەلگەن بولۇپ، تىرىشچانلىقى بىلەن كوماندىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەن.

2020-يىلى 2-ئايدا، بەختىيار ئىجارە شەكلىدە گراناداغا (ئىسپانىيە بىرلەشمىسى) قوشۇلىدىغان بولۇپ، مۇددىتى بىر مۇسابىقە پەسلى ئىكەن.