بەرباب

ئورنى Wikipedia

بەرباب-ﯬجدادلىرىمىز ﯬڭ بۇرۇن كۇچاردا كەشىپ قىلغان قەدىمىي سازلارنىڭ بىرى.(خەنزۇچە " پىپا" دەپ ﯪتىلىدۇ.)بەرباب چېلىشنىڭ ﯰسۇلى ،تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ياشىغان ﯪتاقلىق قەشقەرلىك بەرباب ماھىرى پىلولنىڭ ﯻسلاھ قىلىشى ﯪرقىسىدا ،ﯬسىرلەردىن بۇيانقى يانتۇ تۇتۇپ چېلىنىشتىن تىك تۇتۇپ چېلىنىشقا،زەخمەك بىلەن چېلىنىشتىن بارماق بىلەن چېكىپ چېلىنىشقا ﯲزگەرتىلگەن.

ھازىر ﯻچكىرى ﯲلكىلەردە ساقلىنىپ قالغانلىرى بەش تارىلىق ،ياپىلاق يۈزلۈك،بېش سوزۇنچاق ،نەشپۈتسىمان،كەڭ كەلگەن ﯬسلىي نۇسخىسى بولۇپ ، بۇ خىل بەربابنىڭ ﯪۋازى جاراڭلىق ۋە مۇڭلۇق كېلىدۇ.،ﯰزۇنلۇقى تەخمىنەن70-80 سانتىمېتىر.قۇچاقتا تىك تۇتۇپ،سول قولدا پەدە بېسىپ ،ﯮڭ قول بارماقلىرى بىلەن تارىسى چېكىپ چېلىنىدۇ.ھازىر مەملىكىتىمىزدە كۆپرەك قوللىنىۋاتقىنى تۆت تارىلىق ،ﯬگرى ساپلىق بەرباب. بەربابنىڭ ﯬڭ بۇرۇنقى شەكلى تارا بېكىتىلگەن دۇمباق بولۇپ ،ﯰ،كېيىنكى دەۋرلەردە بەرباب،رەباب(راۋاب)لارنىڭ ﯬڭ ﯻپتىدائىي نۇسخىسى ﯻدى.ھازىر باي ناھىيىسىنىڭ قىزىل قاغا مىڭ ﯲي تاملىرىدا بەش تارىلىق قەدىمىي بەربابنىڭ رەسىمى ساقلىنىۋاتىدۇ.ﯪمرىكىدىكى بوستۇن رەسىملىك مۇزىيدىمۇ كۇچانىڭ قەدىمكى ﯬگرى ساپلىق بەربابىنى چېلىپ ﯮلتۇرغان قىزنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ﯮيما تاش ساقلانماقتا.

خەن دەۋرىدە ياشىغان ليۇ شۈينىڭ "ﯻسىملار ۋە چالغۇلار ھەققىدە مەلۇمات" دېگەن كىتابىدا :"پىپا (بەرباب) ﯰيغۇرلاردىن تارالغان چالغۇ بولۇپ ،ﯪت ﯴستىدە چېلىناتتى .بارماقلار بىلەن تارىنى ﯪلدىغا قارىتىپ چەككەندە "پى" دېگەن ﯪۋاز،كەينىگە قارىتىپ چەكەندە " پا" دېگەن ﯪۋاز چىققاچقا "پىپا" دەپ ﯪتالغان "دېيىلگەن.دېمەك،بەربابنىڭ ﯮتتۇرا تۈزلەڭلىكتە "پىپا دەپ ﯪتىلىشىدىكى سەۋەب شۇ بولسا كېرەك. بەرباب قەدىمكى زاماندا ﯻچكىرى ﯲلكىلەردە " خۇ پىپا" (غۇزلارنىڭ يەنى ﯰيغۇرلارنىڭ بەربابى) دەپ ﯪتالغان ھەمدە ﯰنىڭ "ﯬگرى ساپلىق پىپا"ۋە بەش تارىلىق پىپا دىن ﯻبارەت ﯻككى خىل شەكلى بولغان .ﯬگرى ساپلىق بەرباب تۆت تارىلىق بولۇپ ،4-ﯬسىردە ﯻچكىرى ﯲلكىلەرگە تارالغان .بەش تارىلىق بەربابنىڭ ،كېيىچە ﯪتاقلىق بەباب ماھىرى ،سەمەرقەنتلىك توققوز جاۋۇپ ﯰيغۇرلىرىدىن بولغان ساۋزىڭنۇ تەرىپىدىن ﯮتتۇرا تۈزلەڭلىككە ﯸلىپ بېرىپ تارقىتىلغانلىق ھەققىدە تارىخنامىلەردە خاتىرىلەر بار.

يىپەك يولىنىڭ ﯸچىلىشىغا ﯬگىشىپ ،بەرباب ﯮتتۇرا ﯪسىيادىن غەربىي ﯪسىياغىچە،شەرقتە ﯮتتۇرا تۈزلەڭلىككىچە تارقالغان.تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە خەنزۇ مىللىتىنىڭ ياقتۇرۇپ ﯪڭلايدىغان چالغۇ ﯬسۋابى بولۇپ قالغان ھەمدە ﯬينى زامانلاردىمۇ ﯰنى مۇزىكا ﯮركىستىرىنىڭ باشلامچىسى قىلىپ ﯻشلەتكەن.بەربابنىڭ بەدىئىي ﯻپادىلەش ﯻقتىدارى مول بولۇپ ،مەيلى مەنزىرە تەسۋىرى ياكى داستانلار بولسۇن،ھەر خىل ﯮي-پىكىر ،كەيپىياتلارنى ﯪجايىپ روشەن سۈرەتلەپ ،تەلتۆكۈس ﯻپادىلەپ بېرەلەيدۇ.ﯰ،كۆپىنچە كىشىلەرگە چەكسىز تەسەۋۋۇر ۋە كۈچلۈك بەدىئىي زوق بېغىشلايدۇ.

"جوڭگو مۇزىكا تارىخىي " دېگەن كىتابنىڭ 4-بابىدا قەيت قىلىنىشىچە،10- ﯬسىردە ياشىغان مەشھۇر ﯪلىم ،مۇزىكىشۇناس فارابىنىڭ كىتابىدا بەربابنىڭ دەسلەپكى شەكلىنىڭ "ﯰد"دەپ ﯪتالغانلىقى تىلغا ﯸلىنغان ،بەش تارىلىق كۇچا بەربابى مىلادىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىلا ﯮمۇملاشقان بولۇپ ،تارىم ﯮيمانلىقىدىن پۈتكۈل ﯪسىيا ۋە ھىندىستانغا تارىلىشقا باشلىغان .شەرقتە دېڭىز بويلىرىغىچە ،غەربتە يىپەك يولىنىڭ جەنۇبىي لىنىيىسىنى بويلاپ ﯻران ۋە ﯬرەب دۆلەتلىرىگىچە يېتىپ بارغان.

جۇۋۇدىي مىلادىنىڭ 577-يىلى چى سۇلالىسىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن ،ﯰنىڭ تۈرك خانىشى مەلىكە ﯪسىنا شىمالىي جۇ ﯮردىسىغا بارغاندا ،ﯲزى بىلەن بىللە كۇچالىق بەرباب ماھىرى ،ناخشىچى،مۇزىكا نەزەرىيىسىچى سۇجۇپ ﯪقارى باشچىلىقىدىكى 300 دىن ﯪرتۇق ﯰيغۇر سەنﯭتچىلىرىنى بىرگە ﯸلىپ بارغان ۋە ﯰ يەردە يېڭىچە بەرباب چېلىش ﯰسۇلىنى تارقاتقان.

سۈي،تاڭ دەۋرلىرىنىڭ مۇزىكا ساھەسىدە غەربىي دىيارلىق ،ﯪز سانلىق مىللەت بەرباب ماھىرلىرى مەيدانغا چىققان بولۇپ ،ﯰلارنىڭ ﯻچىدە كۇچالىق سۇجۇپ ﯪقارى،ماندا ﯪقارى،قەشقەرلىك پىلول،پېي شىڭنۇ ۋە بىر نەچچە ﯬۋلاد بەربابچىلار ﯪئىلىسى ھىسابلارنغان ﯲر تۆپە ماھىرلىرىدىن ساۋ بىراھمان،ساۋ زىڭنۇ،ساۋ مىياۋدا،ساۋ باۋ،ساۋ شەنسەي،ساۋ گاڭ ھەمدە سەمەرقەنتلىك قۇتلۇق قاتارلىقلار ﯲتكەن.ﯰلارنىڭ ھەممىسى غەربىي دىياردىكى كۇچا،قەشقەر،مايمۇرۇغ،سەمەرقەنت،كېبۇت خانلىقلىرىدىن بولۇپ مانا بۇ " غەربىي دىيار ﯪز سانلىق مىللەت كومپۇزىتۇرلىرى دۆلىتىمىزنىڭ مۇزىكا سەنئىتىنىڭ راۋاجلىنىشى ،بەرباب چېلىش سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتى ﯴچۈن ﯲچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان." " بەرباب ،غەربىي دىياردىن ﯮتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارىلىپ كىرگەن ﯻككى مىڭ يىلدىن ﯪرتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ، ﯰىزچىل تۈردە مەملىكىتىمىزنىڭ مىللىي مۇزىكا ﯮركىستىرى ﯻچىدىكى ﯪساسلىق چالغۇ بولۇپ كەلمەكتە...ﯰنىڭ ﯮرۇنلاش تېخنىكىسىنىڭ مۇكەممەللىشىشىدە غەربىي دىيارلىق ﯪز سانلىق مىللەت كومپۇزىتۇرى پىلولنىڭ ﯪلاھىدە تۆھپىسى بار."

بەرباب ،سۈي،تاڭ دەۋرلىرىدە ياپۇنىيە،كورىيە،بېرما ،ۋېيتام قاتارلىق دۆلەتلەرگىچە تارقالغان بولۇپ ،ﯰنىڭ دەسلەپكى شەكلى ھازىرمۇ ياپۇنىيەدە ساقلانماقتا.

بەش تارىلىق بەربابنى بەيجۈيى،يۈەن مىڭ ،جاڭخۇ قاتارلىق قەدىمكى زامان شائىرلىرى كۆپلىگەن شېئىرلار يېزىپ مەدھىيلەشكەن،مەسىلەن:بەيجۈيىنىڭ " بەشتار چېلىش " دېگەن شېئىرىنىڭ ﯪخىرقى مىسرالىرىدا :

بىر چېلىپ بىر ناخشا ﯸيتسا ﯴچ قېتىم ھەيھات دېدىم،

شۇنچە تەمكىن خالىي،راھەت نەغمىنى ﯪڭلاپ تامام.

دىل ﯸرىپ ﯪققان چېغىدا قارىسام كەيپىم يېنىپ،

ﯻختىيارسىز زوق بىلەن قەلبىم ﯪلماقتىكەن ﯪرام.


ھېسسىيات ﯸغىر بۈگۈن ،كونا سازلار كار ﯬمەس،

بولسىمۇ پەي تار " گۇ چىڭ " نىڭ چالار سازەندە كام.

جاۋ ﯸلى ﯻسقىرتمىغى سەنﯭت سانالغاندىن بۇيان،

يەتمىدى بەش تارىغا "يىگىرمە بەش تارى" بۇدام.


-دەپ تەسۋىرلىگەن . ﯰ يەنە :"پىپا شىڭ"دېگەن نەزمىسىدە مۇنداق دەپ يازغان:

يۈزىنى قىيپاش تۇتۇپ گەر كۆسىگە پىپا قويۇپ،

چالسا مىڭلار ﯴن-سادا شۇندا راۋان بوپ ياڭرىغاي.

ساز قۇلاغىنى بۇراپ چەككەندە تارغا ﯻككى رەت،

ھېسسىياتى بىر ﯪلۇر دىلنى تېخى كۈي باشلىماي.


سېرىگەندە تارىنى ﯪۋاز تەپەككۇر ﯬيلىگەي ،

خۇددىي قىلغاندەك شىكايەت بۇ ﯲمۈرنىڭ ﯴستىدىن.

ﯬۋجىتپ چەككەندە زەڭ بىرلەپ قېشىنى ھىمىرىپ،

تۈگىمەس سۆزنى خالاس ﯬيلەر كىشىنىڭ كۆكسىدىن.


ﯪستىلاپ چەكمەكنى بىردىن يۆتكىسە تېز پەدىگە،

دەسلىۋى"ﯬتلەس" تە باشلاپ،قىل تامام "رومال " بىلەن.

تارى بوم شار-شۇر يېغىندەك سالسا ﯴن ﯪشكارە گەر ،

تارى زىل ﯻككى كىشى سۆھبەت قىلىشقاندەك لېۋەن.

پايدىلانغان ماتېرياللار:

1.تۇرسۇن لىتىپ، "ﯰيغۇرچالغۇ ﯬسۋاپلىرى" ناملىق كىتابى