بەندە
بەندە، ئىسىم، پارسچىدىن ئۇيغۇرچىغا كىرگەن سۆزدۇر.
① ئاللاھنىڭ قۇلى؛
②دىنلارغا كۆرە تەڭرى ياكى تەڭرىلەرگە ئىبادەت، مەسئۇلىيەت ۋە ساداقەت بورچى بولغان كىشى ياكى جانلىق؛
ئىسلامدا بەندە[تەھرىرلەش]
ئىسلامىيەتتە ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ ھاياتتىكى مەسئۇلىيىتىنىڭ ئاللاھقا بەندىچىلىك\قۇلچىلىق ئىكەنلىكى قۇرئاندا "ۋە مەن، جىنلار ۋە ئىنسانلارنى، پەقەتلا ماڭا قۇلچىلىق قىلسۇنلار دەپ ياراتتىم[1]" ئايىتى بىلەن ئۇرغۇلىغان.[2][3]
يەھۇدىيلىكتە بەندە[تەھرىرلەش]
يەھۇدىيلىكتە (ياكى مۇسەۋىيلىكتە) رەب يەھۋاھقا قۇللۇق مەناسىغا كېلىدىغان Avodah Elohim، تەۋراتتا "رەببىڭنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىڭلار، ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار، ئۇنىڭ ئەمىرلىرىگە بوي سۇنۇڭلار ۋە ئۇنىڭغا قۇللۇق قىلىڭلار[4]" دەپ بۇيرۇپ مۇھىملىقىنى ئۇرغۇلىغان.[2]