بەن چاۋ
مىلادى 73-يىلى : بەن چاۋ غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە بارغان .
شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلىپىدە جەنۇبىي ھۇنلار ۋە ئوغانلار، سىيانپىلار خەن سۇلالىسىگە ئەل بولغاندىن كېيىن، شىمالىي ھۇنلار غەربى يۇرتتىكى ھەر قايسى «بەگلىك» لەرنى كونتىرول قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى بەگلىكلەرنىڭ ئادەم كۈچى ۋە ماددى كۈچىدىن باشقا مىللەتلەرگە تاجاۋۇز قىلىشتىكى تولۇقلىما كۈچ قىلغانىدى. ئەينى چاغدا غەربىي يۇرتتىكى جەنۇبىي يولنى ئىگەللىۋالغان ئۇدۇن خانى شىمالىي يولنى كونتىرۇل قىلغان كۈسەن خانى شىمالىي ھۇن قۇلدارلىرى يۆلەپ تۇرغۇزغان قورچاقلار ئىدى. شىمالىي ھۇنلار ئۇدۇندا دائىمىي تۇرۇشلۇق ئەلچى تۇرغۇزۇپ، ئۇدۇننى نازارەت قىلدى ھەم ئۇدۇن خەلقىدىن ھەر يىلى يىپەك قاتارلىق نەرسىلەرنى باج قىلىپ ئالدى. كۈسەن خانىمۇ شىمالىي ھۇنلارنى يۆلەنچۈك قىلىپ، شىمالىي يولدىكى ئاجىز بەگلىكلەرگە ھۇجۇم قىلدى. غەربىي يۇرت ئەمىلىيەتتە شىمالىي ھۇن قۇلدار ئاقسۆكەڭلىرىنىڭ تاشقى غەزنىسى بولۇپ قالغانىدى. شىمالىي ھۇنلار يەنە غەربىي يۇرتنىڭ شەرىقىدىكى قوش قاتارلىق بەگلىكلەرنىڭ ئوت، سۈيى مول رايونلىرىغا كۆز تىكىپ، قۇيان خاننى قوۋمى بىلەن تەڭرىتاغ ۋە بارىكۆل بويلىرىغا ئەۋەتىپ چارۋىچىلىق قىلدۇردى. بۇ يالغۇز خەن سۇلالىسى غەربىي يۇرتنىڭ ئالاقىسىگە توسقۇنلۇق قىلىپلا قالماي، يەنە خېشى كارىدورىغا بىۋاستە تەھدىت سالدى. شۇڭا، شەرقىي خەن سۇلالسى يۇڭپىڭ 16- يىلى شىمالغا يۈرۈش قىلغاندا، دوگۇ باشچىلىقىدىكى بىر يول قوشۇننى تەڭرىتاغدىكى قۇيۇن خانغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتىش بىلەن بىللە بەن چاۋنىمۇ غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە ئەۋەتتى.
بەن چاۋ ئالدى بلەن پىشامشانغا (ھازىرقى شىنجاڭدىكى مىرەن ئەتراپى) يېتىپ باردى. پىشامشان خانى گۇاڭ دەسلەپتە ئۇنى ناھايتى قائىدە- يوسۇنلۇق كۈتىۋالدى. ئەمما شىمالىي ھۇنلارنىڭ ئەلچىسى يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا سوغۇق مۇئامىلە قىلدى. بەن چاۋ بىللە كەلگەن 36 نەپەر ھەمراھى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، كېچە قاراڭغۇلىقىدىن پايدىلىنى ھۇنلارنىڭ ئەلچىسىگە ئوت بىلەن تېگىش قىلماقچى بولدى. ئۇ ئاۋال ئون ئادەمى داقا- دۇمباقلارنى ئېلىپ ھۇنلار قارارگاھىنىڭ ئارقىسىغا مۆكۈنۈشكە، قالغانلارنى قولىغا قورال- ياراق ئېلىپ قارارگاھ ئىشكىنىڭ ئىككى يېنىغا مۆكۈنۈشكە بۇيرىدى. كېچە شامال يۆنىلىشى بويىچە ئوت يېقىلغان ھامان قارارگاھنىڭ ئالدى- كەينىدىكىلەر قىقاس- چۇقان كۆتۈرۈپ، داقا- دۇمباق چېلىپ ھۇجۇمغا ئۆتتى. ھۇن ئەلچىسى قالايمىقانچىلىقتا ئۆلتۈرۈلدى. قالغان يۈز نەچچە ھۇن ئوتتا كۆيۈپ ئۆلدى. بۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن «ئەل» چۆچۈپ ۋەھمىگە چۈشۈپ، «خەن سۇلالىسىگە تەۋە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى، ئالا كۆڭۈللۈك قىلمايدىغانلىقىنى» بىلدۈردى.
بەن چاۋ ئارقىدىن ئۇدۇنغا باردى. ئۇدۇن خانى گۇاڭدې شىمالىي ھۇنلار ئەلچىسىنىڭ ئۆز «ئېلى» دە تۇرۋاتقانلىقى سەۋەپلىك بەن چاۋغا ناھايتى سوغۇق مۇئامىلە قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ داخان- باخشىلارغا ئىشىنەتتى. شۇڭا ۋەزىر سىلەيبىنى ئەۋەتىپ بەنچاۋنىڭ قارا تۇمشۇقلۇق قۇلا ئېتىنى سورىدى. بەن چاۋ بۇ ئىشلارنى ئاستىرىتتىن بىلىپ بولغاچقا، ئاتنى داخاننىڭ ئۆزى كېلىپ ئېلىپ كېتىشنى ئېيتتى ھەم كەلگەندە ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، سىلەيبىنى تۇتۇپ باغلاپ، داخاننىڭ كاللىسى بلەن قوشۇپ گۇداڭدېغا ئەۋەتىپ بەردى. گۇداڭدې بەن چاۋنىڭ پىشامشادىكى ئىشلىرىنى ئاڭلىغان بولغاچقا، قاتتىق قورقۇپ ھۇن ئەلچىسىنى ئۆلتۈرۈپ، بەن چاۋغا ئەل بولدى. غەربىي يۇرتتىكى باشقا «بەگلىك» لەرمۇ ئوغۇللىرىنى بارىمتايلىققا ئەۋەتتى. جەنۇبىي يولدىكى ھەر قايسى بەگلىكلەر تىنجىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ غەربىي يۇرت بىلەن خەن سۇلالىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغىنىغا 50 -60 يىل بولغان ئالاقىسى قايتىدىن ئەسلىگە كەلدى (ۋاڭ ماڭ ھاكىمىيەت قۇرغاندىن باشلاپلا خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرت بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان بولۇپ، يۇڭپىڭ 16- يىلى قايتا ئەسلىگە كەلدى [21].