تاجىسىمان يۇرەك قان تومۇر كېسىلى

ئورنى Wikipedia

ئۇشتۇمتۇت قوزغالغان يۇرەك كېسىلى (heart attack، 心脏病突发) دېگىنىمىز تاجىسىمان يۇرەك قان تومۇر كېسىلى (coronary artery disease، 冠心病) نىڭ ئۇشتۇمتۇت قوزغىلىشى بولۇپ، ئادەتتە يۈرەكنى قان بىلەن تەمىنلەيدىغان تاجىسىمان قىزىل قان تومۇرى (كوروناري ئارتەري، 冠状动脉) نىڭ بەزى تارمىقى ئۇشتۇمتۇت توسۇلۇپ قىلىش نەتىجىسىدە پەيدا بولغان كېسەلنى كۆزدە تۇتىدۇ.

يۈرەكنى قان بىلەن تەمىنلەيدىغان تاجىسىمان قىزىل قان تومۇرنىڭ مەلۇم تارمىقى ئۇشتۇمتۇت توسۇلۇپ قىلىش بىلەن مەلۇم دائىرىدىكى يۇرەك مۇسكۇللىرى heart muscle, myocardium، 心肌) قانسىزلىنىپ، يېتەرلىك ئوكسىگېنغا ئېرىشەلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم يۇرەك مۇسكۇللىرى ئۆلۈشكە (myocardial infarction,، 心肌梗死) باشلايدۇ، نەتىجىدە سول كۆكرىكى ياكى كۆكرەك سۆڭىكىنىڭ سول تەرىپى ئاغرىش، تەرلەش، كۆڭلى ئىلىشىش ياكى ياندۇرغۇسى كېلىش، پۇت قولى ماغدۇرسىزلىنىش، دېمى سىقىلىش ياكى نەپەس قىيىنلىشىشتەك ئالامەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. بۇ ئۇشتۇمتۇت قوزغالغان يۇرەك كېسىلىنىڭ تىپىك ئالامەتلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قان تومۇرنىڭ ئۇشتۇمتۇت توسۇلۇپ قىلىشىنى كوپۇنچە ھاللاردا ئۇيشىۋالغان قان (blood clot، 血凝块) كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئامېرىكىدا ھەر يىلى 1.5 مىليون كىشىنىڭ يۇرەك كېسىلى ئۇشتۇمتۇت قوزغىلىدىغان بولۇپ، يۇرەك كېسىلى ئامېرىكىدا بىرىنچى دەرىجىلىك قاتىل ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر رايونى بولسا بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، ھەر يىلى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئۇشتۇمتۇت قوزغالغان يۇرەك كېسىلى تۈپەيلىدىن قازا تاپىدۇ. بۇ ئاساسەن ئۇيغۇرلارنىڭ يىمەكلىك ئاداۋىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يۇقىرى خولىستىروللۇق، كوپ مايلىق، كوپ شېكەرلىك يېمەكلىكلەرنى كوپ ئىستىمال قىلىشقا ئادەتلەنگەنلىگىدىن كېلىپ چىققان. بۇلار بۇ كېسەلنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى ئاسالىق سەۋەبلەر بولۇپ، بۇ كېسەلنىڭ قوزغىلىشىغا روھى جەھەتتىكى بىسىم، كۆڭۈل بىئاراملىقى ۋە تۇرمۇش جىددىچىلىگى سەۋەپ بولغان.

ئۇشتۇمتۇت قوزغالغان يۇرەك كېسىلى يەنى تاجىسىمان يۇرەك قان تومۇر كېسىلىنىڭ ئۇشتۇمتۇت قوزغىلىشى ناھايىتى تىز بولسىمۇ، بىراق بۇ ھىل كىسەل ئەمەلىيەتتە بىر نەچچە يىلدا ئاستا ئاستا پەيدا بولىدۇ. قاندىكى ئېھتىياجىدىن ئارتۇق خولېستىرول (cholesterol, 胆固醇) ۋە مايلار (fatty substances، 脂肪) ئاستا ئاستا قان تومۇر تېمىغا ئولتۇرۇشۇپ، قان تومۇر قېتىشىدۇ، قان تومۇرنىڭ ئېلاستىكىلىقى تۆۋەنلەيدۇ، شۇنداقلا قان تومۇر تارتىدۇ، نەتىجىدە تاجىسىمان يۇرەك قان تومۇر كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ.

ئۇشتۇمتۇت قوزغالغان يۇرەك كېسىلى يۇرەك سانجىقى (angina، 心绞痛) بىلەن باشلىنىدىغان بولۇپ، يۇرەك سانجىقى ئادەتتە بىرنەچچە سائەت داۋام قىلىدۇ. ئۇشتۇمتۇت قوزغالغان يۇرەك كېسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، ۋاقتىدا داۋالاش ئىلىپ بېرىش. ئەگەر ئۇشتۇمتۇت قوزغالغان يۇرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچى دەسلەپكى بىرنەچچە سائەتتە ياخشى بىر تەرەپ قىلىنسا، ئاقىۋىتى (outcomes, prognosis预后) ياخشى بولىدۇ. مەسىلەن يۇرەك سانجىقى (angina، 心绞痛) قوزغالغاندىن كىيىن دەرھال داۋالاش ئىلىپ بېرىپ، ئۇيۇشۇپ قالغان قاننى ئېرىتىدىغان دورا ئىشلەتسە، قان تومۇرنىڭ ئۇشتۇمتۇت توسۇلوپ قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قان ئۇيۇشمىلىرى ئېرىپ، يۈرەكنى قان بىلەن تەمىنلەيدىغان قان تومۇر قايتىدىن ئىچىلىپ، يۈرەكنىڭ قان تەمىناتى ئەسلىگە كېلىشى، يۇرەك مۇسكۇللىرىنىڭ مەڭگۈلۈك ئۆلۈشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولۇشى ياكى ئۆلۈش دائىرسىنى كىچىكلەتكىلى بولۇشى، شۇنىڭ بىلەن يامان ئاقىۋەتلەردىن ساقلانغىلى بولۇشى مۇمكىن.

تاجىسىمان يۇرەك قان تومۇر كېسىلى (coronary artery disease، 冠心病) نى پەيدا قىلىدىغان يۇقىرى خولېسترول (cholesterol، 胆固醇) ۋە يۇقىرى قان بېسىمى (high blood pressure، 高血压) قاتارلىق خەتەرلىك ئامىللارنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق، ئۇشتۇمتۇت قوزغالغان يۇرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىشى ياكى قايتا قوزغىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

يۇرەك ۋە يۇرەك كېسىلىگە مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلار

1. بالاغەتكە يەتكەن كىشىنىڭ يۈرىكى ئوز مۇشتى بىلەن تەڭ چوڭلۇقتا بولىدۇ.

2. يۇرەك ئادەتتە توختىماستىن 100 يىلدىن ئارتۇق خىزمەت قىلالايدۇ.

3. يۇرەك مىنۇتىغا تەخمىنەن 60 قېتىم، سائىتىگە 3600 قېتىم، كۈنىگە 86400 قېتىم، يىلىغا 31.5 مىليون قېتىم سوقىدۇ.

4. يۇرەك بىر ئۆمۈرگە 2.4 مىليارد قېتىم سوقۇپ، 1 مىليون چېلەك قاننى يۇرەكتىن بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسمىغا يەتكۈزۇپ بېرىدۇ.

5. ئامېرىكىدا تەخمىنەن 26.3 مىليون ئەر، 22.7 مىليون ئايال، تاما چىكىش سەۋەبىدىن ئۇشتۇمتۇت قوزغالغان يۇرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش گىردابىغا ماڭىدۇ. 6. قاندىكى خولېستىرولنىڭ يۇقىرى تۆۋەن بولۇشى، ئۇشتۇمتۇت قوزغالغان يۇرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنىڭ يۇقىرى تۆۋەن بولۇشىغا باھا بېرىدىغان ياخشى ئۆلچەم. 7. تەخمىنەن 99.5 مىليون بالاغەتكە يەتكەن ئامېرىكىلىقنىڭ قاندىكى ئومۇمى كولەستىرولى 200 مگ/دل غا يەتكەن ياكى ئۇنىڭدىن ئاشقان، تەخمىنەن 39.9 مىلىيۇن بالاغەتكە يەتكەن ئامېرىكىلىقنىڭ قاندىكى ئومۇمى كولەستىرولى 240مگ/دل غا يەتكەن ياكى ئۇنىڭدىن ئاشقان. 8. 50 مىليون ئامېرىكىلىقنىڭ قان بېسىمى يۇقىرى بولۇپ، بۇ ئامىركىلىقلارنىڭ ئۇشتۇمتۇت قوزغالغان يۇرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى ئاشۇرىدۇ. 9. تەخمىنەن ھەر 29 سېكۇنتتا بىر ئامېرىكىلىقنىڭ يۇرەك كېسىلى قوزغىلىدۇ. 10. تەخمىنەن 7.2 مىليون 20 ياش ۋە ئۇنىڭدىن چوڭ ئامېرىكىلىق ئۇشتۇمتۇت قوزغالغان يۇرەك كېسىلىنى باشتىن كەچۈرگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە 4.4 مىلىيۇنى ئەر، 2.8 مىلىيۇنى ئايال. 11. ھەر يىلدا تەخمىنەن 1.1 مىليون ئامېرىكىلىق يېڭىدىن ئۇشتۇمتۇت قوزغالغان يۇرەك كېسىلى گىرىپتار بولىدۇ.

نورمال يۇرەك قۇرۇلمىسى ۋە خىزمەت ئەھۋالى.

بالاغەتكە يەتكەن كىشىنىڭ يۈرىكىنىڭ چوڭلىقى ئادەتتە ئوز مۇشتى بىلەن تەڭ بولۇپ، كۆكرەك قىسمىنىڭ سول تەرىپىگە جايلاشقان. يۈرەكنىڭ ئىچىدە 4 بوشلۇق بولۇپ، ئىككىسى ئوڭ ۋە سول قىرىنچا (left and right ventricle، 左右心室)، قالغان ئىككىسى ئوڭ سول دالانچا (left and right atrium، 左右心房) دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار ئايرىم ئايرىم ھالدا بەدەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن قايتىپ كەلگەن ئوكسىگېنسىز قاننى يۈرەككە يىغىپ، ئاندىن ئۆپكىگە يوللاش، ۋە شۇنداقلا ئۆپكىدىن كەلگەن ئوكسىگېنلىق قاننى يۈرەككە توپلاپ ئاندىن بەدەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يەتكۈزۇپ بېرىش خىزمىتىنى ئۆتەيدۇ. بۇلار بەدەن قان ئايلىنىش ۋە ئۆپكە قان ئايلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ.

يۈرەك ئۆزىدىكى قاندىن بىۋاستە ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇققا ئېرىشەلمەيدۇ. يۇرەك كېرەكلىك بولغان ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇققا، يۈرەكنى قان بىلەن تەمىنلەيدىغان تاجىسىمان قان تومۇر ئارقىلىق ئىگە بولىدۇ. تاجىسىمان قان تومۇرى بەدەن قان ئايلىنىش سىستېمىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئوڭ سول ئىككى تاجىسىمان قىزىلقان تومۇرى (coronary artery، 冠状动脉) ۋە ئوڭ سول ئىككى تاجىسىمان كۆك قان تومۇردىن (冠状静脉، 冠状静脉) ئىبارەت 4 چوڭ قان تومۇر، نۇرغۇن كىچىك قان تومۇر ۋە قىلدام قان تومۇرلاردىن تەركىپ تاپقان.

يۇرەك تاجىسىمان قىزىل قان تومۇر كېسىلى ۋە ئۇنىڭ ئۇشتۇمتۇت قوزغىلىشىدىكى سەۋەبلەر ۋە خەتەرلىك ئامىللار قاندىكى خولېستىرول ۋە ماينىڭ مىقدارى ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتكەندە، ئارتۇق خولېستىرول ۋە مايلار قان تومۇر تېمىغا ئولتۇرىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قان تومۇرنى قېتىشىدۇ ۋە قان تومۇرنىڭ ئېلاستىكىلىقى تۆۋەنلەيدۇ، بۇ قان تومۇرنىڭ قېتىۋېلىشى (atherosclerosis، 动脉硬化症) دەپ ئاتىلىدۇ. قان تېمىغا ئولتۇرۇشۇپ قالغان خولېسترول ۋە مايلار تەڭ ۋاقىتتا قان تومۇرنى تارايتىۋېتىدۇ، قان تومۇردىكى قان ئېقىمى ئاستىلايدۇ ۋە ئازىدۇ، شۇنداقلا قان تومۇرنىڭ ئاسان توسۇلۇپ قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، نەتىجىدە يۈرەكنى قان بىلەن تەمىنلەيدىغان قان تومۇردىكى قان ئېقىمى پۈتۈنلەي توختاپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يۈرەككە قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ.

تۆۋەندىكى ئامىللار كىشىلەرنىڭ ئۇشتۇمتۇت قوزغالغان يۇرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

1. ئىرسىيەت. بەزى كىشىلەرنىڭ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى باشقىلاردىن يۇقىرى بولىدۇ. يەنى ئاتا ئانىسىدا يۇرەك كېسىلى بار بولسا، بالىلىرىنىڭ بۇ ھىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ.

2. ياش. بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى 40 ياشتىن يۇقىرىلار بولۇپ، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرىلاپ بارىدۇ. 20 ياشتىن تۆۋەندىكى كىشىلەردە ياكى كىچىك بالىلار بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولمايدۇ. 3. سېمىزلىك ۋە بەدەن ئېغىرلىقى. سېمىز ۋە بەدەن ئېغىرلىقى ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى بولغان كىشىلەرنىڭ بۇ ھىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. 4. تاماكا چىكىش. تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ بۇ ھىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. 5. يىمەكلىك ئادىتى. كوپ مىقداردا گۆش ۋە ماي بولۇپمۇ ھايۋانلارنىڭ تويۇنغان مېيىنى كوپ ئىستىمال قىلغان كىشىلەرنىڭ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. 6. قان بېسىمى يۇقىرى بولغان كىشىلەرنىڭ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. 7. ھەركىتى ۋە بەدەن چىنىقتۇرۇشى كەم بولغان كىشىلەرنىڭ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. 8. روھى جەھەتتىكى بىسىم، كۆڭۈل ئاغرىقى، تۇرمۇش ۋە خىزمەت جىددىچىلىگى، ھەددىدىن زىيادە چارچاپ كېتىش ۋە ھارغىنلىق، بۇ كېسەلنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەبچى بولىدىغان ئاسالىق ئامىللار ھېسابلىنىدۇ.

يۇرەك تاجىسىمان قىزىل قان تومۇر كېسىلىدە ۋە ئۇ ئۇشتۇمتۇت قوزغالغاندا قانداق ئالامەتلەر بولىدۇ؟ 1. يۇرەك سانجىقى (angina، 心绞痛) ئۇشتۇمتۇت قوزغالغان يۇرەك كېسىلىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋە ئەڭ كوپ ئۇچرايدىغان ئالامىتى بولۇپ، كۆكرەك سۆڭىكىنىڭ سول تەرىپى ئاغرىش ياكى يۇرەك مۇجۇلۇش، ئاغرىق كۆكرەكتىن سول گەجگىسىگە ۋە دولىسىغا كېڭىيىشتەك ئالامەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئالامەتلەر ئاساسلىقى يۈرەككە ۋاقىتلىق قان يېتىشمەسلىك تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ بىمارنىڭ ئۇشتۇمتۇت قوزغالغان يۇرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولىۋاتقانلىغىدىن ياكى بۇ كېسەلنىڭ قوزغىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتقانلىغىدىن دېرەك بېرىدۇ. 2. يۇرەك قاتتىق ئاغرىش. بۇ ھىل ئاغرىق ئاساسەن يۇرەك مۇسكۇللىرى قانسىزلىنىپ ئۆلۈشكە باشلىغانلىقتىن كېلىپ چىققان. 3. دېمى سىقىلىش ۋە نەپىسى قىسىلىش ياكى قىيىنلىشىش. 4. بەدەندىن سوغاق تەر چىقىش. 5. پۇت قولى ماغدۇرسىزلىنىپ يىقىلىپ چۈشۈش ۋە ئورنىدىن تۇرالماسلىق.

يۇرەك تاجىسىمان قىزىل قان تومۇر كېسىلى ۋە ئۇنىڭ ئۇشتۇمتۇت قوزغىلىشىغا قانداق دىئاگنۇز قويۇلىدۇ؟ توۋەندىكىلەرگە ئاساسلىنىپ ئۇشتۇمتۇت قوزغالغان يۇرەك كېسىلى ياكى يۇرەك تاجىسىمان قىزىل قان تومۇر كېسىلىگە دىئاگنۇز قويۇش مۇمكىن.

1. يۇقاردا دېيىلگەن يۇرەك سانجىقى، نەپىسى قىسىلىش، دېمى سىقىلىش، تەرلەش ۋە پۇت قولى ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق تىپىك ئالامەتلەر. بىراق بۇ ئالامەتلەر ئاشقازان يارىسى، يۇرەك تاشقى پەردە ياللۇغى (Pericarditis، 心包炎)، يۇرەك مۇسكۇل ياللۇغى (Myocarditis، 心肌炎) قاتارلىق كىسەللەردىمۇ كۆرۈلىدىغان بولغاچقا، بۇ كېسەللەر بىلەن پەرىقلەندۇرۇشكە دىققەت قىلىش كېرەك. 2. يۇرەك سوقۇش دولقۇنلىرىنى ئېلېكترلىق خاتىرىلەش (electrocardiogram, ECG 心电图). يۇرەك سانجىقى قوزغالغان ھامان، دەرھال يۇرەك دولقۇنلىرىنى ئېلېكترلىق خاتىرلىگەندە، بەزى نورمال بولمىغان يۇرەك سوقۇش دولقۇنلىرىنى خاتىرلىۋىلىش مۇمكىن. بۇنىڭغا ئاساسەن بۇ ئاغرىقنىڭ يۇرەك كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى چىقارمىغانلىغىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. بىراق تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ نورمال بولۇشى، بۇ كىشىدە ئۇ كېسەلنىڭ يوقلۇقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بۇ ھىل ئەھۋال ئاستىدا ئەڭ ياخشىسى يۇرەك سوقۇش دولقۇنلىرىنى 24 سائەت ئۈزلۈكسىز خاتىرىلەش كېرەك، ياكى كىيىن يۇرەك سانجىقى قوزغالغاندا، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دوختۇرغا بېرىپ، دەرھال يۇرەك دولقۇنلىرىنى ئېلېكترلىق خاتىرىلەش كېرەك. 3. قان تەكشۈرۈش. قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق قاندىكى خولېستىرولنىڭ مىقدارىغا، يۈرەكنىڭ زەخىملىنىش ئەھۋالىغا ۋە مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇش مۇمكىن. 4. كۆكرەكنى رىنتىگىن رەسىمىگە ئىلىش (Chest SH-ray). كۆكرەك رىنتىگىن رەسىم ئارقىلىق يۇرەك، ئۆپكە ۋە قوۋۇرغىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش مۇمكىن. 5. يۇقىرى چاستوتىلىق ئاۋاز دولقۇنلىرى ئارقىلىق يۇرەك سوقۇش دولقۇنلىرىنى خاتىرىلەش (Echocardiography超声波心动描记法). بۇ خىل تەكشۈرۈش ئارقىلىق يۈرەكنىڭ قۇرۇلمىسى، يۈرەكنىڭ خىزمەت ئەھۋالى، يۇرەكتىن ئېقىپ چىققان قان ئېقىمى قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئىگە بولۇش مۇمكىن. 6. يۈرەكنىڭ ھەرىكەتكە بەرداشلىق بېرىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش (Eshercise Tolerance Or Stress Test运动耐量试验). بۇ تەكشۈرۈش ئارقىلىق يۇرەك سوقۇشىدىكى بەر نورمالسىز دولقۇنلارنى قوزغاپ، يۇرەك سوقۇش دولقۇنلىرىنى ئېلېكترلىق خاتىرىلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق بۇ نورمالسىز دولقۇنلارنى خاتىرلىگىلى بولىدۇ، ۋە شۇ ئارقىلىق يۇرەك كېسىلىگە دىئاگنۇز قويۇش مۇمكىن. 7. رادىئاكتىپلىق رەسىم (Nuclear Imaging) ئىلىش. بۇ تەكشۈرۈش ئارقىلىق يۇرەك مۇسكۇللىرىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىش (myocardial perfusion) ياكى قانسىزلىنىش (myocardial ischemia) ئەھۋالىغا ئىگە بولغىلى بولىدۇ. 8. ئۇندىن باشقا يۇرەك قان تومۇرىغا نەيچە سېلىش (Cardiac Catheterization، 心导管插入术) ۋە تاجىسىمان قان تومۇرىغا رىنتىگىن رەسىمىگە ئېنىق چىقىدىغان دورا ئۇرۇپ تەكشۈرۈش (Coronary Angiography، 冠状血管造影术) قاتارلىق تەكشۈرۈشلەرنى ئىلىپ بېرىش كېرەك.

يۇرەك تاجىسىمان قىزىل قان تومۇر كېسىلى ۋە ئۇنىڭ ئۇشتۇمتۇت قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش

يۇرەك تاجىسىمان قان تومۇر كېسىلىنى ۋە ئۇنىڭ ئۇشتۇمتۇت قوزغىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۇچۇن توۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك. 1. يىمەكلىك ئادىتىنى ئۆزگەرتىش، تۆۋەن مايلىق، تۆۋەن كولەستىروللۇق، تۆۋەن شېكەرلىك، يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش، گوش مايلارنى ئاز ئىستىمال قىلىش، كوكتاتلارنى ۋە ئوسۇملۇك يېمەكلىكلىرىنى كوپ ئىستىمال قىلىش كېرەك. 2. ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش، مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇپ بېرىش كېرەك. 3. تاماكا چەكمەسلىك، ئەگەر تاماكا چېكىپ ئادەتلەنگەن بولسا ئامال بار تاماكىنى تاشلاش كېرەك. 4. قان بىسىمىنى ياخشى كونترول قىلىش كېرەك، ئەگەر قان بېسىمى يۇقىرى بولسا ۋاقتىدا دورا يەپ، نورمال دائىرىدە كونترول قىلىش كېرەك. 5. روھى جەھەتتە بەك جىددىيلەشمەسلىك، ئالاھىدە چارچاپ كەتمەسلىك، خىزمەت، بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە ئارام ئېلىشنى مۇۋاپىق ئىلىپ بېرىش كېرەك. بىرەر ئىشقا بەك قايغۇرۇپ ۋە ئاچچىقلىنىپ كەتمەسلىك، كەيپىياتىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. 6. يۇرەك كېسىلىگە دىئاگنۇز قويۇلغاندىن كىيىن، ۋاقتىدا دورا يەپ، مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەرنى ياخشى كونترول قىلىش، يۇرەك سانجىقىنىڭ قايتا قايتا قوزغىلىپ، يامان ئاقىۋەت ئىلىپ كېلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش كېرەك.