تاجىكىستاندا فامىلە

ئورنى Wikipedia

تاجىكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى فامىلىسىنى ئۆزگەرتتى.

تاجىكىستاندا رۇسچە فامىلىلەرنى ئۆزگەرتىش تەلەپلىرىگە ئاساسەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى رامزان رەھىموۋ فامىلىسىنى رەھىمزادىگە ئۆزگەرتتى.

تاجىكىستان مەتبۇئاتلىرىدا ئورۇن ئالغان بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى رامزان رەھىموۋ فامىلە ئۆزگەرتكەنلەرنىڭ سېپىغا قوشۇلغان. كېيىنكى ئايلاردا تاجىكىستاندا مىنىستىرلار بەس-بەس بىلەن فامىلىلىرىنى ئۆزگەرتمەكتە.

سىياسەتچىلەر بۇ ئىشتا پىرېزىدېنت ئىمامئەلى راھماننى ئۆلگە قىلدى. دۆلەت ئەربابلىرى فامىلىسىدىكى رۇسچە «ئوۋ» ۋە «ئەۋ» قوشۇمچىلىرىنى ئېلىپ تاشلىدى. تاجىك رەھبەر 2007-يىلى فامىلىسىدىكى «ئوۋ» قوشۇمچىسىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئىمامئەلى راھمانغا ئۆزگەرتكەن ئىدى. راھماننىڭ قىزى ئوزودا رامانوۋامۇ ئوزودا راھمانغا ئۆزگەرتتى.