تاجىگۈل

ئورنى Wikipedia
تاجىگۈل

تاجىگۈل (ئىلمىي نامى: Celosia cristata L.،خەنزۇچە: 雞冠花) تاجى كىچىك باش توخۇنىڭ تاجىسىغا ئوخشغاچقا، قىزىل توخۇسى تاجىسى، چىپار توخۇ تاجى قاتارلىق ناملار بىلەنمۇ ئاتىلىدۇ. بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ياز ۋە كۈز پەسلىدە چېچەكلەيدۇ، گۈلى كۆپىنچە قىزىل رەڭلىك بولۇپ، تاجسىمان بولغاچقا تاجىگۈل دەپ ئاتالغان.

سىرتقى شەكىلى[تەھرىرلەش]

تاجىگۈل تاجىگۈل ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 60 ~ 100 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ غولى تىك، توم، يۇقىرى قىسمى سەل ياپىلاق؛ يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، تۇخۇمسىمان ياكى تۇخۇمسىمان تېمىنە شەكلىدە بولۇپ، تولۇق گىرۋەكلىك، سېپى بار؛ باشاقسىمان گۈل رېتى توخۇ تاجىسىغا ئوخشايدۇ، گۈللىرى كىچىك، زىچ ئۆسىدۇ، رەڭگى قىزىل، سۆسۈن، سېرىق، ئۇرۇقى ياپىلاق يۇمىلاق بولۇپ، رەڭگى قارا، پارقىراق كېلىدۇ.

ئۆسۈش خۇسۇسىيىتى[تەھرىرلەش]

تاجىگۈل ئىللىق، قۇرغاق كىلىمات، قۇرغاقچىلىقتىن قورقىدۇ، قۇياش نۇرىنى ياخشى كۆرىدۇ، ھۆلچىلىككە چىدامسىز، لېكىن تۇپراققا بولغان تەلىپى يۇقىرى ئەمەس، ئادەتتە ھويلا تۇپراقلىرىغا تېرىلىدۇ، نۆۋەتتىكى تاجىگۈل ئۆستۈرۈش ھويلا-ئارام ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى بىر خىل يولى. ئۇنىڭدىن باشقا ناھايىتى چوڭ دورىلىق قىممىتىگە ئىگە.

جۇغراپىيەلىك تارقىلىشى[تەھرىرلەش]

تاجىگۈل ئەسلى ماكانى ئافرىقا، ئامېرىكا قىتئەسى ئىسسىق بەلباغ رايونلىرى، ھىندىستان ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ ئۆستۈرۈلىدۇ، بىر يىلدا بىر قېتىم ئۆسىدىغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك.

جۇڭگودا بولسا ئاساسلىقى ئەنخۇي، بېيجىڭ، فۇجيەن، گەنسۇ، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، گۇيجۇ، خەينەن، خېبېي، خېيلوڭجياڭ، خېنەن، شياڭگاڭ، كوخوگۇ، خۇنەن، جاڭسۇ، جياڭشى، جىلىن، لىياۋنىڭ، ئىچكى موڭغۇل، نىڭشيا، سەنشى، شەندۇڭ، شەنشى، سىچۇەن، تەيۋەن، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ، شىزاڭ، يۈننەن، جېجىياڭ قاتارلىق جايلاردا ئۆستۈرۈلىدۇ.

كۆپەيتىش ئۇسۇلى [تەھرىرلەش]

تاجىگۈل ئۇرۇقى ئارقىلىق كۆپىيىدۇ، مۇۋاپىق بولغان سۈپەتلىك يەر، ئاساسىي ئوغۇتنى يېتەرلىك بېرىش، تۈزلەپ ۋە تاختىلاش، ئۇرۇقنى تەكشى چېچىش، ئادەتتە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃15-20 تا، 15-10 كۈندە مايسا چىقىرىدۇ.

بىخلىنىپ چىققاندىن كىيىن سۇغىرىشقا ئەھمىيەت بېرىش، مايسا مەزگىلىدە چوقۇم ئوتاپ تۈۋىنى بوشۇتۇش، ئانچە قۇرغاق بولمىغان چاغدا ئىمكانقەدەر ئاز سۇغىرىش.