تاجى كاپور

ئورنى Wikipedia

راجى كاپور ئەپەندى دۇنيا كىنوچىلىقىدىكى گىگانت چولپان، ھىندىستان كىنوچىلىقى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان كۆزگە كۆرۈنگەن رېژىسسور، كىنو سەنئەتكارى، كۆزگە كۆرۈنگەن فىلىم ئىشلىگۈچى، نومۇر رىياسەتچىسى، كىنوشۇناس.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە ئىسمى :راجى كاپور


يۇرتى :پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر شەھىرى

تۇغۇلغان ۋاقتى :1924-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1988-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى

كەسپى :ئارتىس، رېژىسسور، كىنو سەنئەتكارى، فىلىم ئىشلىگۈچى، نومۇر رىياسەتچىسى، كىنوشۇناس

ۋەكىللىك ئەسىرى :«ئوت»، «يامغۇر»

چەتئەلچە نامى :Raj Kapoor

كىرىش سۆز[تەھرىرلەش]

50-يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپ دۆلىتىمىزدە قويۇلۇشقا باشلىغان ھىندىستان ھېكايە فىلىمى «سەرگەردان» بەدىئىيلىكنىڭ يۇقىرىلىقى، ۋەقەلىكىنىڭ قىزىقارلىقى ۋە تەربىيىۋى ئەھمىيىتىنىڭ چوڭقۇرلىقى بىلەن ئېلىمىزدىكى ھەرمىللەت تاماشىبىنلارنىڭ زور ئالقىشىغا، يۈكسەك دەرىجىدىكى يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلگەن. بۇ فىلىمنىڭ ئاساسىي ناخشىلىرىدىن بولغان «سەرگەردان ناخشىسى»، «رىتا ناخشىسى» مۇ خەلق ئىچىگە كەڭ تارقاغان. كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالغان بۇ بۇ نادىر فىلىمنىڭ ئىجتىمائىي تەسىرى، زوقلاندۇرۇش ئۈنۈمىنى ئاددىي سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بولمايدۇ. بۇ فىلىمنى ھاياتىدا  40-50 قېتىم كۆرەرمەن تاماشىبىنلارنىڭ سانىنى سىتاتسىتىسكا قىلىشمۇ قىيىن.

«سەرگەردان» فىلىمىنىڭ باش قەھرىمانى راجنىڭ رولنى مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان ئارتىس-ھىندىستان كىنو مۇنبىرى، شۇنداقلا دۇنيا كىنوچىلىقىدىكى گىگانت چولپان، ھىندىستان كىنوچىلىقى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان كۆزگە كۆرۈنگەن رېژىسسور، كىنو سەنئەتكارى، كۆزگە كۆرۈنگەن فىلىم ئىشلىگۈچى، نومۇر رىياسەتچىسى، كىنوشۇناس راجى كاپور ئەپەندى.

شەخسى ئارخىپ[تەھرىرلەش]

راجى كاپورراجى كاپور 1924-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى ھازىرقى پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر شەھىرىدە بىر كىنو سەنئەتكارى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى بابا، بورتىۋى، راجى-ھىندىستاننىڭ دراما ئارتىسى بولۇپ، «سەرگەردان» فىلىمىدە راجىنىڭ دادىسى، سوتچى راگوناتنىڭ رولىنى ئالغان. راجى كاپورنىڭ ئۈچ ئوغلى ھازىر كىنو ساھەسىدە ئالاھىسە كۆزگە كۆرۈنگەن. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئىككىنچى ئوغلى رۇيشى كاپور ھازىر ھىندىستاندا ئالاھىدە تەسىرگە ئىگە داڭلىق كىنو چولپىنى، ئۇبىزگە تونۇشلۇق بولغان ھىندىستان ھېكايە فىلىمى «گاچا قىزنىڭ مۇھەببىتى» دە ياش داپچى يىگىتنىڭ رولىنى ئالغان. ھازىر راجى كاپور ئائىلىسىنىڭ 4-ئەۋلادى-رۇيشى كاپورنىڭ ئوغلى گۇلان كاپورمۇ كىنو ساھەسىگە كىرىپ كەلگەن. ھازىر ئۇنىڭ ئەۋلادى ئىچىدە 20 كىشى ھىندىستاننىڭ مەشھۇر كىنو ئارتىسلىرى بولۇپ تونۇلغان.

راجى كاپور 1988-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى ھىندىستان كىنوچىلىقىنىڭ 75يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەش مۇراسىمىدا ھىندىستاننىڭ ئەينى يىللاردىكى زۇڭتۇڭى ۋىنكا تاراماننىڭ ئۇنىڭغا ئۆز قولى بىلەن ھىندىستان كىنوچىلىقىدىكى ئەڭ ئالىي شەرەپ مۇكاپاتى-پاركىي مۇكاپاتىنى تارقىتىشى جاكارلانغاندا، راجىنىڭ زىققى كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ، ئورۇندۇقتىن تۇرالمايدۇ. زۇڭتۇڭ شەھنىدىن پەسكە چۈشۈپ مېدالنى ئۇنىڭ كۆكسىگە ئۆزقولى بىلەن تاقاپ قويىدۇ. شۇنىڭدىن كېين ئۇقايتا ئورنىدىن تۇرالماي، شۇيىلى 2-ئىيۇن 64 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ.

سەنئەت ھاياتى[تەھرىرلەش]

4پارچەراجى كاپورراجى كاپور دادىسىنىڭ تەسىرى ۋە تەربىيىسى بىلەن 1935-يىلى بالا ئارتىس بولۇپ، تۇنجى قېتىم «يەر تەۋرەشتىن كېيىن» دە رول ئالغان. 1941-يىلىدىن باشلاپ بومبايدىكى بىر كىنو شىركىتىدە مەيدان خاتىرىلىگۈچى بولۇپ ئىشلىگەن ۋە 1943-يىلىدىن ئېتىبارەن رەسمىي كىنو ئارتىسى بولۇپ رول ئېلىشقا باشلىغان ھەمدە 1947-يىلى بومبايدا ئۆزىنىڭ نامىدىكى راجى كاپور كىنو فىلىم ئىشلەش شىركىتىنى قورۇپ تۇنجى قېتىم مۇستەقىل ھالدا بىر سەنئەتكارنىڭ بىرلا  ۋاقىتتا ئۈچ قىز بىلەن مۇھەببەت قۇرغانلىقى تەسۋىرلەنگەن ھېكايە فىلىم «ئوت» قا رېژىسسورلۇق قىلغان ھەم ئۆزى باش رول ئالغان.

«ئوت» ناملىق فىلىمى گەرچە قۇرۇلما جەھەتتە دېگەندەك مۇكەممەل بولۇپ كېتەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن راجى كاپورنىڭ مەيدانغا چىققانلىقى-ھىندىستاندا يېڭى بىر ئەۋلاد كىنو رېژىسسورلىرى، كىنو ئارتىسلىرىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىدىن دىرەك بەردى. راجى كاپور 1949-يىلى مۇھەببەت ئاساسىي تېما قىلىنغان ئىككىنچى فىلىمى «يامغۇر» غا رېژىسسورلۇق قىلغان. بۇ فىلىم مەيدنغا چىقىپلا ھىندىستاننىڭ كىنو تارىخىدا تاماشىبىنلار سانى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمى جەھەتتە ئەڭ يۇقىرى رېكورد ياراتقان.

1950-يىلى«سەرگەردان» فىلىمىغا رېژىسسورلۇق قىلغانۋە ئۆزى باش رول ئالغان. بۇ فىلىم ھىندىستان كىنو مۇنبىرىنى زىلزىلىگە كەلتۈرۈپلا قالماي، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىمۇ دېققىتىنى قوزغىغان. ئۇ «سەرگەردان» فىلىمىدىكى زور مۇۋەپپەقىيىتى بىلەن خەلقئارا كىنو مۇنبىرىدىكى چولپانلار قاتارىغا كىرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ ئۆزى ئارقا-ئارقىدىن رېژىسسورلۇق قىلىپ باش رول ئالغان «ھەسرەت»، «مەن بىر قىزىقچى»، «كۈن پەردىسى ئېتەك ياپقاندا»، «ئاياغ مايلىغۇچى بالا»، «ئىتتىپاق»، «420-نومۇرلۇق ئەپەندى» (يەنە بىر ئىسمى «ئوغرى ئەپەندى»)، «ئويغان!» قاتارلىق فىلىملەرمۇ خەلقئارا كىنو مۇنبىرىنى زىلزىلىگە سېلىپ زور تەسىر قوزغىغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى «ئىتتىپاق» (1964-يىلى ئىشلەنگەن) ناملىق ھېكايە فىلىم تاماشىبىنلارنىڭ كۆپلۈكى جەھەتتە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

راجى كاپور ئىشلىگەن فىلىملەر ئىچىدە يۇقىرى فىلىملەردىن باشقا يەنە «ئۈمىد»، «گانگ دەرياسى ئېقىپ ئۆتكەن جاي»، «كۆك نىلۇپەر»، «قىزچاق بوبې»، «مۇھەببەت ھەققىدە ھېكايە»، «قىزچاق ھەننا»، «قوشۇلغان ئېقىن»، «بىزنىڭ ئىشلىرىمىز»، «ۋارمىكىي»، «جىتورنىڭ غەلبىسى»، «قاماپ قويۇش»، «يالقۇن»، «ھەقىقەتەن پاكلىق ۋە گۈلچېھرە»، «سېغىنىش»، «ساڭكەن»، «تازىلىق ئىشچىسى»، «ھازىر دېھلى يېنىمىزدىكىدەكلا تۇرىدۇ»، «ئۆتمۈش»، «ھازىر ۋە كەلگۈسى»، «قىساس قانۇن-قائىدىسى» قاتارلىق ھېكايە فىلىملەر بولۇپ، ئۇ ئۆمرىدە 14 فىلىمگە رېژىسسورلۇق قىلىپ، 57 فىلىمدە باش رول ئالغان.

رول ئالغان فىلىملەر[تەھرىرلەش]

3پارچەراجى كاپورراجى كاپور «يەر تەۋرەشتىن كېيىن»، «ئوت» (رېژىسسورلۇق قىلغان ھەم باش رول ئالغان)، «يامغۇر»، «ھەسرەت»، «مەن بىر قىزىقچى»، «كۈن پەردىسى ئېتەك ياپقاندا»، «ئاياغ مايلىغۇچى بالا»، «ئىتتىپاق»، «420-نومۇرلۇق ئەپەندى» (يەنە بىر ئىسمى «ئوغرى ئەپەندى»)، «ئويغان!»، «ئۈمىد»، «گانگ دەرياسى ئېقىپ ئۆتكەن جاي»، «كۆك نىلۇپەر»، «قىزچاق بوبې»، «مۇھەببەت ھەققىدە ھېكايە»، «قىزچاق ھەننا»، «قوشۇلغان ئېقىن»، «بىزنىڭ ئىشلىرىمىز»، «ۋارمىكىي»، «جىتورنىڭ غەلبىسى»، «قاماپ قويۇش»، «يالقۇن»، «ھەقىقەتەن پاكلىق ۋە گۈلچېھرە»، «سېغىنىش»، «ساڭكەن»، «تازىلىق ئىشچىسى»، «ھازىر دېھلى يېنىمىزدىكىدەكلا تۇرىدۇ»، «ئۆتمۈش»، «ھازىر ۋە كەلگۈسى»، «قىساس قانۇن-قائىدىسى» قاتارلىق فىلىملەردە رول ئالغان.

نادىر سۆز-ئىبارىلىرى[تەھرىرلەش]

راجى كاپور مۇنداق دېگەن: «خەلق ماڭا كۈچ بەخش ئەتتى. ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى بولمىغان بولسا، مېنىڭ ھېچقانداق ئىشىم ۋۇجۇتقا چىقمىغان بولاتتى، داڭلىق كىنو ئارتىسى ۋە كىنو رېژىسسورى بولۇشۇم تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى».

ئالاقىدار بايان[تەھرىرلەش]

راجى كاپورراجى كاپور ئىجادىيەتكە قاتتىق ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، جەمئىيەتكە بولغان كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن ئىجادىيەتكە كىرىشىپ، دەۋرگە يېقىندىن ئەگىشىپ، تۆۋەن تەبىقىدىكى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى، ھاياتىي كەچۈرمىشلىرىنى، ياشلارنىڭ مۇھەببىتى، نامرات خەلقلەرنىڭ ئوبرازىنى ئىجادىيەت يولىنى تېپىپ، مەزمۇنى سەرخىل، تېمىسى رەڭدار، مول، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە، مەلۇم ئىدىيىۋى مەنىگە ۋە بەدىئىي زوقلىنىش قىممىتىگە ئىگە نادىر ئەسەرلەرنى ياراتقان.

ھىندىستان كىنوچىلىقىدىكى گىگانت چولپان راجى كاپور ئالەمدىن ئۆتكىنىگە ئۇزاق يىللار بولغان. لېكىن، ئۇنىڭ يارقىن سىيماسى، خۇشخۇي قىياپىتى، ئېكران ئوبرازى مەڭگۈ دۇنيا كىنو تاماشىبىنلىرى قەلبىدە ساقلىنىدۇ.

مەنبە: ئىزدە قامۇسى