Jump to content

تارانتو

ئورنى Wikipedia

تارانتو ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىدىكى مۇھىم سانائەت شەھىرى. ئۇ ئىئونىيە دېڭىزىنىڭ تارانتو قولتۇق بويىدىكى سالېنتىن يېرىم ئارىلى بىلەن ئۇ ئارالغا يېقىن بولغان بىر كىچىك ئارالغا جايلاشقان مۇھىم پورت شەھىرى.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

[تەھرىرلەش]

نامى :تارانتو


دۆلىتى :ئىتالىيىە

مەمۇرىي رايون شەكلى :شەھەر

چەتئەلچە نامى :Taranto

جۇغراپىيەلىك ئورنى :ئىتالىيە شەرقىي جەنۇبىي

تارانتو شەھىرىنىڭ ئورنى

[تەھرىرلەش]

ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىدىكى مۇھىم سانائەت شەھىرى. ئۇ ئىئونىيە دېڭىزىنىڭ تارانتو قولتۇق بويىدىكى سالېنتىن يېرىم ئارىلى بىلەن ئۇ ئارالغا يېقىن بولغان بىر كىچىك ئارالغا جايلاشقان مۇھىم پورت شەھىرى.

مۇندەرىجە

[تەھرىرلەش]
  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • تارانتو شەھىرىنىڭ ئورنى
  • ئىقتىسادىي ئەۋزەللىكى
  • مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

ئىقتىسادىي ئەۋزەللىكى

[تەھرىرلەش]

تارانتو شەھىرى شەھەرنىڭ ئاھالىسى 240 مىڭدىن ئاشىدۇ، ئۇ ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىدىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى. ئۇ ئۆزىنىڭ پولات-تۆمۈر سانائىتى بىلەن داڭلىق. بۇ جايدا ئىتالىيە بازىسى بار. ئۇ جايدىكى پولات-تۆمۈر زاۋۇتلىرى يىلىغا 10 مىليون توننا ئەتراپىدا پولات ئىشلەپ چىقىرالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كېمىسازلىق سانائىتىمۇ ئىتالىيە بويىچە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ ئىككى چوڭ سانائەت تارمىقىدىن باشقا ماشىنىسازلىق، كونسېرۋا، خىمىيە، توقۇمىچىلىق، سېمونت قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. ئۇ ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى مۇھىم پورت بولۇپ، پولات سانائىتىگە كېرەكلىك تۆمۈر رۇدىسى شىمالىي ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن، كوكىس ئا ق ش دىن ئېلىپ كېلىنىدۇ.

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى

[تەھرىرلەش]

شەھەردە دېڭىز، ھاۋا ئارمىيە بازىلىرى، دۆلەتلىك مۇزېيخانا، قەدىمى ھەيكەلتىراشلىق بۇيۇملىرى، يۇمىلاق شەكىللىك ئۈستى ئوچۇق مەيدانلار، رىم دەۋرىدىن قالغان قەدىمىي خارابىلار ناھايىتى كۆپ.