تارىم دەريا چوڭ كۆۋرۈكى

ئورنى Wikipedia

تارىم دەريا چوڭ كۆۋرۈكى 1995-يىلى ياسالغان، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 605 مېتىر، باشلىما يولى يېرى 673 مېتىر، ئۇ تارىم نېفىتلىكىنى ئېچىشتىكى تۇنجى چوڭ كۆۋرۈك، تەكلىماكان قۇملۇقى غا ئۆتۈشتىكى مۇھىم كۆۋرۈك، تارىم دەرياسى نىڭ يۇقىرى ئېقىنى ۋە ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىنىڭ ئايرىش نۇقتىسى. كۆۋرۈك شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك 1-شىسى ئالار شەھىرىگە جايلاشقان.

تونۇشتۇرۇش[تەھرىرلەش]

تارىم دەريا چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ شىمالىدا بۈگۈر ناھىيىسى بار، شەرقىدە قۇملۇقتىكى توغراق ئورمانلىق باغچىسى بار، جەنۇبى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن قۇملۇق تاشيولى ۋە دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ قۇملۇق − تەكلىماكان قۇملۇقى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالدا جەنۇبىي بۈگۈر نېفىتلىكى مەنزىرە رايونى ۋە دۆلەت غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى گاز يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» تۇنجى بېكىتى بار. تارىم دەرياسى كۆۋرۈكىنى مەركەز قىلغان تەبىئىي مەنزىرە رايونى بىلەن گۇمانىتارلىق مەنزىرە بىرلىشىپ ئۆزگىچە ساياھەت مەنزىرە رايونى شەكىللەندۈرگەن.