تارىم دەريا ۋادىسى توغراقلىقى

ئورنى Wikipedia
 تارىم دەرياسى جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى بولۇپ ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2179 كىلومېتىر كېلىدۇ ، تارىم دەرياسى ۋادىسى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدا بولۇپ ، تەڭرىتاغ تىزمىسى ۋە كوئېنلۇن تاغ تىزمىسى ئارىسىغا جايلاشقان ، شەرق ۋە غەربنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1100 كىلومېتىر، جەنۇب ۋە شىمالىنىڭ كەڭلىكى 600 كىلومېتىر بولۇپ ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى ۋادىسىدىن ئىبارەت.
    تارىم دەريا ۋادىسىدىكى توغراقلىق— دۆلىتىمىزدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ، ئەڭ قەدىمىي ، شۇنداقلا ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان ئىپتىدائىي توغراقلىق ھېسابلىنىدۇ . بۇ توغراقلىق تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي قىسىمىغا ، تەكلىماكان چوڭ قۇملۇقى بىلەن قۇمتاغ چوڭ قۇملۇقى ئارلىقىغا جايلاشقان بولۇپ ، دۇنيادىكى بىردىنبىر ئەڭ چوڭ ئىپتىدائىي توغراقلىق ھېسابلىنىدۇ . ئېنىق بولمىغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، توغراقلىقنىڭ  ئومۇمىي كۆلىمى 3800 كۋادرات كىلومېتىر كېلدىغان بولۇپ ، جۇڭگودىكى توغراقنىڭ %90 ى تارىم دەريا ۋادىسىغا جايلاشقان . توغراقلىقنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 400 كىلومېتىر بولۇپ ، كورلا شەھىرى بىلەن چاقىلىق ، چەرچەن قاتارلىق ناھىيلەرنى ، شۇنداقلا شىنجاڭ بىلەن گەنسۇ ، چىڭخەي قاتارلىق ئۆلكىلەرنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ .