تازابېك ۋەقەسى

ئورنى Wikipedia

تازابېك ۋەقەسى ئىلى سۇلتانلىقى تارىخىدىلا ئەمەس،بەلكى پۈتۈن شىنجاڭ تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچلۈك رول ئوينىغان زور ۋەقە ھېسابلىنىدۇ.

ئارقا كۆرۈنۈش[تەھرىرلەش]

مىلادىيە 1860- يىلىنىڭ باشلىنىشى بىلەن ئۇيغۇر زېمىنىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دېھقانلارنىڭ مانجۇ ھاكىمىيىتىنىڭ تۈرلۈك زۇلۇملىرىغا قارشى قوزغىلىڭى تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. بۇ دولقۇننىڭ ئالاھىدىلىكى يۇرتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوخشاشمىغان دەرىجىدىكى قوزغىلاڭلارنىڭ كۆتۈرۈلۈشى بىلەنلا خاراكتىرلىنىپ قالماستىن بەلكى ھەر مىللەتتىن تەركىب تاپقانلىقى، شۇنىڭدەك ھەربىي قىسىم بىلەن پۇقرالارنىڭ ئورتاق ھەمكارلىقى بىلەن ئالاھىدە گەۋدىلىنىدۇ. ھەرمىللەت دېھقانلىرىنىڭ بىرلىشىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشىگە مانجۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ھەددىدىن زىيادە زۇلۇمى ۋە زورلۇق-زومبۇرلۇقى سەۋەب بولغان بولسا، ھەربىي قىسىم بىلەن پۇقرالارنىڭ ياكى دېھقانلارنىڭ بىرلىشىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشىگە مانجۇ ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنگان (خۇيزۇ) ئەسكەر ئوفىتسېرلارنى يوشۇرۇنچە كۆزدىن نېرى قىلىش تەدبىرىنىڭ ئاشكارلىنىپ قېلىشى سەۋەب بولغانىدى. شۇنداق قىلىپ، 1860-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر زېمىنىدا كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلدى. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى 1864- يىلى 10- ئايدا كۆتۈرۈلگەن ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭىدىن ئىبارەت.

جەريان[تەھرىرلەش]

1860- يىلى 10-ئايدا ئىلى دېھقانلار قوزغىلاڭچى قوشۇنى شۇ چاغلاردا نىڭيۈەن دەپ ئاتالغان غۇلجا شەھىرىنى ئىشغال قىلدى. موللا بىلال بىننى موللا يۈسۈپنىڭ «غازات دەر مۈلكى چىن» داستانىدىكى مەزمۇنلاردىن قارىغاندا، ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ باشلىنىش سەۋەبى ئىلىدىكى تۇڭگانلارنىڭ مانجۇ خانلىقى تەرىپىدىن قىرىۋېتىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت خەۋەرنىڭ تارقىلىپ كېتىشى ۋە تۇڭگانلارنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمبەگ ئابدۇرۇسۇلدىن ياردەم سورىشى ئارقىسىدا يۇقىرى باسقۇچقا كۆتۈرۈلگەن. ئىلىدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ مانجۇ خانلىقىغا قارشى قوزغالغان كۈرىشى ناھايىتى تېز ئۇلغىيىپ، قوزغىلاڭچى قوشۇن 30 مىڭدىن كىشىدىن ئېشىپ كەتكەن. دەل شۇنداق بولغاچقا، ئىككى قوزغىلاڭچى ئامما بىرلىشىپ، تارانچى-تۇڭگان سۇلتانلىقىنى تەشكىل قىلغان. بىراق، كېيىنكى تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئىلى ئۇيغۇرلىرى بىلەن تۇڭگانلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا سۇلتانلىقنىڭ ھوقوق تىزگىنىنى تۇتۇشنى تالىشىشتىن ئىبارەت قانلىق جەڭلەر روياپقا چىقتى. بۇ جەڭلەردە تۇڭگانلار يېڭىلگىنىگە تەن بەردى. شۇنىڭ بىلەن سۇلتانلىقنىڭ نامى تارانچى سۇلتانلىقى، يەنى ئىلى سۇلتانلىقى دەپ ئاتالدى.

قوزغىلاڭچى قوشۇن غۇلجا شەھىرىنى بازا قىلىپ، كۈرە شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغانىدى. ئىلى جياڭجۈنى ئىلاجىسىز نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا، ئەسكىرىي ئوزۇق-تۈلۈكنى راسلاشقا كۈچ چىقارمىدى، دېگەن باھانە بىلەن تۈرمىگە تاشلانغان ئىلىنىڭ ھاكىمبېگى مەزامزاتنى قويۇپ بېرىپ سۈلھى قىلماقچى بولدى. بىراق، ئۇنىڭ ئويلىغىنىنىڭ ئەكسىچە، مەزەمزات ئىلى دېھقانلار قوشۇنىغا قوشۇلۇپ كەتتى، ئىلى پۈتۈنلەي قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، مەزەمزات ئۆزىنى ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ سۇلتانى دەپ ئاتىدى ھەمدە مۇئاۋىن ھاكىمبەگ ئابدۇرۇسۇلبەگنى ئەمىر، نەسىردىننى قازى كالان، موللا شەۋكەتنى مۇپتى قىلىپ تەيىنلىدى. كېيىن، ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا سۇلتانلىق ھوقوقىنى تالىشىش نىزالىرى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەردى. 1866-يىلى 3-ئايدا ئەلاخان ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ سۇلتانلىق تەختىگە ئولتۇردى. ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى داۋاملىق تۈردە كېڭىيىۋاتقان چارروسىيىنىڭ مەنپەئەتىگە ناھايىتىمۇ زىت ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كۈنلەردە چارروسىيە ئارمىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىستېلا قىلىش ئۇرۇشلىرىنى باشلىۋەتكەن ۋە شەھەر-قەلئەلەرنى بىر-بىرلەپ قولغا كىرگۈزۈۋاتاتتى. شۇڭا، چارروسىيە مەيلى دىنىي نۇقتىدىن بولسۇن، مەيلى ئىقتىسادىي نۇقتىدىن بولسۇن، مەيلى سىياسىي نۇقتىدىن بولسۇن، ئىلى سۇلتانلىقىدىن ئىبارەت مۇسۇلمان خانلىقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا زېمىنىدا تىكلىنشىنى، تەسىر كۈچىنى ئۇلغايتىشىنى خالىمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلى سۇلتانلىقى رسمىي يوسۇندا چارروسىيە ئارمىيىسىنىڭ تارانچىلار تەسىر دائىرىسىدىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى. شۇنداق قىلىپ، ئىلى سۇلتانلىقى بىلەن چارروسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز جىددىيلەشتى. ئەينى چاغدا چارروسىيە ھۆكۈمىتى چىڭ سۇلالىسىنى جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى بىر نەچچە ئۆلكىدىكى ھاكىمىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مادارى يەتمەيدۇ، ئىلىنى تېخىمۇ قايتۇرۋالالمايدۇ دەپ قاراپ، ئىلى زېمىنىغا بولغان<قىزغىنلىقى>تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغان ھەم رەسمىي رەۋىشتە جىددىيلەشتۈرگەنىدى.

1870-يىلى ئىلى سۇلتانلىقى چارروسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان بارلىق بېرىش-كېلىش ئالاقىسىنى ئۈزدى. ئالاقىنىڭ ئۈزۈلۈشى بىلەن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش، ماجىرا ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. شۇ يىلى 6- ئايدا چارروسىيىنىڭ بەش ئادىمى قانۇنسىز ھالدا ئىلىنىڭ جەنۇبىي چىگرىسى بولغان تېكەس رايۇنىغا كىرىپ، ئوۋچىلىق قىلغاندا، ئىلى قاراۋۇلخانىسىدىكى ئەسكەرلەر ئۇلارنىڭ بىرىنى ئېتىۋېتىپ، ئۈچىنى ئەسىرگە ئېلىۋالدى. بۇ ۋەقەنى ئىلى سۇلتانلىقىغا قارشى تۇرۇشنىڭ باھانىسى قىلىۋالغان چارروسىيە ھۆكۈمىتى تۆت ماددىلىق نوتا تاپشۇردى ۋە بىرمۇنچە يولسىز تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتۈپ، 8-ئايغا كەلگەندە، چارروسىيە ئارمىيىسى تەڭرىتاغ قوشۇنىنى ئىشقا سېلىپ، ئىلىنىڭ جەنۇبىدىن مۇزئارتقا بارىدىغان ئىستراتىگىيىلىك يول-مۇزئارت ئېغىزىنى ئىشغال قىلىپ، ئىلىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. بۇنىڭغا قارىتا ئىلى سۇلتانلىقى نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ چارروسىيە پىسەنتىگىمۇ ئالمىدى ھەمدە مۇزئارت ئېغىزىنىڭ سىرتىغا تەڭرىتاغ قوشۇنىنى تۇرغۇزۇپ، تەڭرىتېغى بىلەن ئالاتاغنىڭ ئارىلىقىدىكى 260 كىلومېتىردىن ئارتۇق يەرگە بوخوجىر قوشۇنى بىلەن چۈنجى قوشۇنىنى ئەۋەتىپ ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈردى. بۇ ئىككى قوشۇننى ناھايىتى تېزلىكتە بۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشى روشەنكى چارروسىيىنىڭ ئىلى سۇلتانلىقىنى يۇتۇۋېلىش تەييارلىقى ئىدى.

بىراق، چارروسىيە بۇنىڭلىق بىلەنلا ئىلىغا رەسمىي قوشۇن تارتىشقا پېتىنالمايتتى، كېيىنكى يىلىغا كەلگەندە يۈز بەرگەن بىر ۋەقە چارروسىيىنىڭ ئىلى سۇلتانلىقىغا قارشى قوشۇن تارتىشىنىڭ سەۋەبىنى تولۇقلاپ بەردى. 1871-يىلى ئەتىيازدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقلارنىڭ چارروسىيىگە قارشى قوزغىلىڭى ناھايىتى كەسكىنلەشتى. چارروسىيە ھۆكۈمىتى قازاق خەلقىنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى قانلىق باستۇرۇش بىلەن بىرگە، يەنە قازاقلارنىڭ ئاقساقاللىرىنى ئەمەل-مەنسەپ ۋە مائاش بېرىپ سېتىۋېلىپ، ئۇلارنى قازاق خەلقىنىڭ قوزغىلىڭىنى باستۇرىدىغان ۋە ئىزىدىغان قورالغا ئايلاندۇرۋالدى. چارروسىيىنىڭ زۇلۇمىغا چىدىمىغان تۈركۈملىگەن قازاق چارۋىچىلىرى ئاۋۇل-ئاۋۇل بولۇپ، ئىلى چىگرىسى ئەتراپىغا كۆچۈپ كېلىشكە مەجبۇر بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەتتۇ سۇ رايۇنىدىكى ئالبان قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى چولتاي تازابېك چارروسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن بېرىلگەن ئەمەل-مەنسەپلىرىگە پىسەنت قىلمىدى. ئۇنىڭ نىيىتىچە بولغاندا، ئاۋۇلىنى باشلاپ ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ تەۋەسىگە ئۆتۈپ كېتىش ئىدى. شۇڭا، ئۇ 1871- يىلىنىڭ باشلىرىدا ئىلى سۇلتانى ئەلاخانغا مەكتۇپ يوللاپ، ئۆز قەبىلىسنى باشلاپ ئىلىغا كۆچۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى ھەم ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈردى. ئەلاخان سۇلتان ئۇنىڭغا جاۋاپ مەكتۈپ يوللاپ، تەلىپىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئىشتى خەۋەر تاپقان چارروسىيە ھۆكۈمىتى شۇ يىلى 4-ئايدا قوشۇن ئەۋەتىپ، تازابېكنىڭ تۇرالغۇسىنى قورشىۋالدى. تازابېك ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى چارروسىيە قوشۇنى بىلەن قان كېچىپ جەڭ قىلىپ، قورشاۋنى بۆسۈپ چىقىپ ئىلى تەرەپكە قاراپ قاچتى. بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، چارروسىيە قوشۇنىنىڭ قوغلاپ زەربە بېرىشىدىن قۇتۇلغان تازابېك ئۆز ئاۋۇلىدىكى مىڭچە ئادىمىنى باشلاپ ئىلى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا كۆچۈپ كېلىپ ئەلاخان سۇلتاندىن پاناھلىق تىلىدى. ئەلاخان سۇلتان تازابېكنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل كۆرۈپ، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى توققۇزتاراغا ئورۇنلاشتۇردى. تازابېكنى تۇتالمىغان چارروسىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ پاناھىغا كىرگەنلىكىنى ئىلىغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىۋاستە مەقسىتىگە ئايلاندۇرۋالدى. 5- ئايدا چارروسىيە يەتتە سۇ ئۆلكىسىنىڭ گوبېرناتورى كالپاكوۋسكى ئىلى سۇلتانلىقىغا مەكتۇپ بىلەن ئەلچى ئەۋەتىپ، چارروسىيىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالغان ‹قاراقچى› تازابېكنى دەرھال تۇتۇپ قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. چارروسىيىنىڭ بۇ تەلىپى ئەلۋەتتە ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولغان ئەلاخان سۇلتاننىڭ قاتتىق رەت قىلىشىغا ئۇچرايتتى. ئەلاخان سۇلتاننىڭ پوزىتسىيىسى چارروسىيىنىڭ ئىلى سۇلتانلىقىغا قوشۇن تارتىشىنىڭ ئوت پىلتىسىنى ئاچتى. مانا بۇ تازابېك ۋەقەسىدۇر.

نەتىجە[تەھرىرلەش]

شۇنداق قىلىپ، چارروسىيە قوشۇنى ئىلىغا بېسىپ كىردى. ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ قوشۇنى ۋە كەڭ ئاممىنىڭ چارروسىيىگە قارشى ئۇرۇشى دەسلەپكى قەدەملەردە غەلبىلىك ئاياغلاشقان بولسىمۇ، كېيىنكى قانلىق جەڭلەردە زور تالاپەتكە ئۇچرىدى. 6- ئاينىڭ 25- كۈنى چارروسىيە يەتتە سۇ ئۆلكىسىنىڭ گوبېرناتورى ئەلاخان سۇلتانغا يەنە ئولتماتوم تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭدىن تازابېكنى دەرھال تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئەگەر بۇ شەرت ئورۇندالمىغاندا، چارروسىيە قوشۇنىنىڭ غۇلجا شەھىرىنى ھۇجۇم بىلەن ئالىدىغانلىقى دەبدەبە قىلىندى. ئەلاخان سۇلتان بۇ تەلەپنى قاتتىق رەت قىلدى. 6- ئاينىڭ 28- كۈنى چارروسىيە قوشۇنى قورغاسقا باستۇرۇپ كىردى، ئۈچىنچى كۈنى چىڭسىخوزىنى ھۇجۇم بىلەن ئالدى. 7- ئاينىڭ 1- كۈنى سۈيدۈڭگە باستۇرۇپ كىرىپ، ئەلاخان سۇلتانغا يەنە ئولتماتوم تاپشۇردى.

ئولتماتومدا بىرىنچىدىن، غۇلجا شەھىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش؛ ئىككىنچىدىن،ئەلاخان سۇلتان ئۆزى چارروسىيە قوشۇنى تۇرۇۋاتقان جايغا بېرىپ، تەسلىم بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش؛ ئۈچىنچىدىن،تازابېكنى تاپشۇرۇپ بېرىشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك شەرت ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەغلۇبىيەتكە تەن بەرگەن ئەلاخان سۇلتان چارروسىيە قوشۇنىنىڭ ئولتماتومىغا ئوچۇقئاشكارە ئىپادە بىلدۈرۈپ كەتمىگەن بولسىمۇ، تازابېكنى تۇتۇپ چارروسىيە قوشۇنى تۇرۇۋاتقان سۈيدۈڭگە يەتكۈزۈپ بەردى. بىراق، قالغان ئىككى شەرتنى ئورۇنلىمىغانلىقنىڭ ئۆزى چارروسىيە قوشۇنىنىڭ تېخىمۇ ئىچكىرلەپ باستۇرۇپ كىرىشىگە بېرىلگەن بۇيرۇق ئىدى. ئاخىر،7- ئاينىڭ 4- كۈنى ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ مەركىزى بولغان غۇلجا شەھىرى چارروسىيە قوشۇنىنىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا قالدى. تازابېك قاتارلىقلار چارروسىيىگە يالاپ ئاپىرىلغاندىن كېيىن شۇ يەردە قەتلى قىلىندى. ئەلاخان سۇلتان روسىيىگە يالاپ ئېلىپ كېتىلگەن بولسىمۇ، ئۈچ يىلدىن كېيىن ئىلىغا قايتۇرۋېتىلدى، ئۇزاق ئۆتمەي ئۆز ئەجىلى بىلەن قازا قىلدى.

بىر مەھەل شىمالىي شىنجاڭدا باش كۆرگەن ۋە ئەتراپىدىكىلىرىنى ھەيرەتتە قالدۇرغان ئىلى سۇلتانلىقى ئەنە شۇ تازابېك ۋەقەسىنىڭ قۇربانى سۈپىتىدە چارروسىيىنىڭ مۇنتىزىم ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىدا تارىخ بېتىدىن ئۆچۈرۈلدى.

مەنبە[تەھرىرلەش]