تاشقى پېرېۋوت
خەلقئارا ئىقتىسادىي ئالاقىدە دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ھەممە قوبۇل قىلىدىغان ھەمدە ئىككى تەرەپ مەسلىھەتلىشىپ بېكىتكەن پۇل ئىشلىتىلىپ ھېسابات قىلىنىدۇ ۋە كىرىم - چىقىم قىلىنىدۇ. تاشقى پېرېۋوت خەلقئارا ھېسابات ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان چەت ئەل پۇلى ۋە چەت ئەل پۇلى بولۇپ ئىپادىلەنگەن چىقىم قىلىش دوكۇمېنتى ۋە كرېدىت دوكۇمېنتىدۇر. تاشقى پېرېۋوت ئاساسلىقى مۇنۇرلارنى كۆرسىتىدۇ: چەت ئەل پۇلى، بۇ چەت ئەل قەغەز پۇلى ۋە تەڭگە پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ چەت ئەلنىڭ ئاكسىيىسى، بۇ ھۆكۈمەت زايومى، شىركەت زايومى، پاي چېكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ چەت ئەلنىڭ چىقىم دوكۇمېنتى، بۇ چەت ئەلنىڭ ۋېكسىلى، بانكا پۇل ئامانەت دوكومېنتى، پوچتا پۇل ئامانەت دوكۇمېنتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلار چەت ئەل پۇلى بولۇپ ئىپادىلىنىدىغان چىقىم دوكۇمېنتى ۋە كرېدىت دوكۇمېنتى، چەت ئەل پۇلى بولۇپ ئىپادىلىنىدىغان تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقى بولۇپ، ئىگىدارنىڭ ئۇنىڭغا ئاساسلىنىپ قارشى تەرەپتىن چەت ئەل پۇلى تېگىشىۋېلىش ھوقۇقى بولىدۇ. شۇڭا، ئۇلار چەت ئەل پۇلىغا ئوخشاشلا دۆلەت تاشقى پېرېۋوتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ. تاشقى پېرېۋوت خەلقئارا ئىقتىسادىي ئالاقىنىڭ مەھسۇلى، شۇنداقلا ئىقتىسادىي ئالاقىدىكى چىقىم قىلىش ۋاسىتىسى. خەلقئارا سودا ۋە پۇل مۇئامىلە ئالاقىسىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، ھەرقايسى دۆلەتلەر مەلۇم مىقداردا تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ساقلىشى كېرەك. نۆۋەتتە، ئامېرىكا دوللىرى، گېرمانىيە ماركى، ياپونىيە يېنى، فوند ستېرلىڭ، شۋېتسارىيە فرانكى، فرانسىيە فرانكىنى ھەرقايسى دۆلەتلەر كەڭ كۆلەمدە تاشقى پېرېۋوت زاپىسى قىلىپ ئىشلەتمەكتە. بىر دۆلەتنىڭ پۇلىنى يەنە بىر دۆلەتنىڭ پۇلىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلاش نىسبىتى ياكى سېلىشتۇرما باھا تاشقى پېرېۋوت نىسبىتى دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن،100 يۈەن خەلق پۇلىنى قانچىلىك ئامېرىكا دوللىرىغا تېگىشكىلى بولىدىغانلىقى خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا نىسبەتەن پېرېۋوت نىسبىتى بولىدۇ. دۆلەت بانكىسى ئىككى دۆلەت پۇلىنىڭ ئەمەلىي سېتىۋېلىش كۈچى ۋە تەمىنلەش - تەلەپ ئەھۋالىغا ئاساسەن، خەلقئارا ئالاقىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىغا پايدىلىق بولۇشنى چىقىش قىلىپ، تاشقى پېرېۋوت نىسبىتىنى تەڭشەيدۇ. [1]