تاشكەنت
تاشكەنت شەھىرى
Toshkent | |
تاشكەنت | |
دۆلەت | ئۆزبېكىستان |
مەمۇرىي رايون شەكلى | شەھەر |
مىللەتلەر | ئۆزبېك، |
تىللار | ئۆزبېكچە رۇسچە |
نوپۇسى | 2,309,600 |
يەر مەيدانى | 334.8 كۋادرات كىلومېتىر |
ۋاقىت رايونى | UTC+5 |
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ شەھەر، ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى، تاشكەنت ئوبلاستىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى، تاشكەنت ئوبلاستىنىڭ مەمۇرىي مەركىزى.
مەمۇرىي رايون
[تەھرىرلەش]تاشكەنت شەھىرى تۆۋەندىكىدەك تۇمانلارغا بۆلۈنگەن.
تاشكەنت شەھىرى خەرىتىسى |
يەر تۈزۈلۈشى
[تەھرىرلەش]ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ شەھەر، ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى ، سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى، تاشكەنت ئوبلاستىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى، تاشكەنت ئوبلاستىنىڭ مەمۇرىي مەركىزى. بۇ شەھەر ئۆزبېكىستانىڭ شەرقىي شىمالىدىكى سىر دەرياسىنىڭ تارمىقى چىرچىق دەريا ۋادىسىغا جايلاشقان. ئاھالىسى 2 مليون 30 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)
تارىخى
[تەھرىرلەش]تاشكەنت ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ بىرى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىلا بازار بولۇپ قۇرۇلغان. مىلادى 6-ئەسىردە سودا ھەم قول سانائىتى خېلى تەرەققىي قىلىپ، شەرق-غەرب ئوتتۇرىسىدىكى سودا ھەم قاتناش تۈگۈنى بولغان، كۆپ قېتىم يەر تەۋرەشنىڭ ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچرىغان. 1966-يىلدىكى چوڭ يەر تەۋرەشتە ۋەيران بولغاندىن كېيىن قايتىدىن قۇرۇلغان، ھازىر سوېت ئۆزبېكىستاننىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى، شەھەرنىڭ ماشىنىسازلىق، توقۇمىچىلىق، يېمەك-ئىچمەك سانائەتلىرى تەرەققىي قىلغان. شەھەرنىڭ يېنىدا چوڭ تىپتىكى ئوت ئېلېكتر ئىستانىسى بار. شەھەرنىڭ تۆمۈريول، تاشيول قاتنىشى تەرەققىي قىلغان، خەلقئارا ئايرودورمى، يەر ئاستى تۆمۈريولى بار. تاشكەنت ئۆزبېكسىتاننىڭ ئەڭ ئاتاغلىق مەدەنىيەت مەركىزى.