تاشپاقا

ئورنى Wikipedia
تاشپاقا

تاشپاقا يېرىم سۇ ماكانلىق ئۆمىلىگۈچى ھايۋان بولۇپ، قۇرۇقلۇق ۋە سۇدا ئوخشاشلا ياشىيالايدۇ، كۆپىنچە ئىسسىق بەلۋاغ ۋە مۆتىدىل بەلۋاغقا تارالغان.

سىرتقى شەكىلى[تەھرىرلەش]

بەدىنىدە ئىنتايىن پۇختا قېپى بار ،ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا، قۇيرۇق ۋە پۇتلىرىنى تاشپاقا قېپى ئىچىگە يغىلىۋالىدۇ . كۆپ ساندىكى تاشپاقا گۆشخور كېلىدۇ . تاشپاقا ئادەتتە قۇرۇقلۇق ۋە سۇدا ياشايدۇ ، تاشپاقا ئۆمۈرى ئۇزۇن ھايۋان ، تەبىئىي مۇھىتى ئىچىدە يۈز يىللىق ئۆمۈر كۆرىدۇ .

تۈرى[تەھرىرلەش]

دېڭىز تاشپاقىسى ۋە قۇرۇقلۇق تاشپاقىسى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ .

ياشاش قانۇنىيىتى[تەھرىرلەش]

تاشپاقىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ئۇ بىرنەچچە يىل ئوزۇق يېمىسىمۇ ئاچلىقتىن ئۆلمەيدۇ؛ تاشپاقىنىڭ بېشىنى كېسىۋەتكەندىمۇ نەچچە ھەپتە ياشىيالايدۇ. تاشپاقا سوغۇق قانلىق ھايۋان بولۇپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى تاشقى مۇھىت تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ، ئادەتتە 11-ئايدىن ئىككىنچى يىلى3-ئايغىچە ئوزۇقلىنىشتىن توختاپ، سۇ تېگىدىكى لاي-پاتقاق ئىچىدىكى كاماردا جىمجىت يېتىپ ئۈچەككە كىرىدۇ. 4-ئاينىڭ باشلىرى سۇ تېمپېراتۇرىسى

℃10 تىن ئاشقاندا كاماردىن چىقىپ ئوزۇق ئىزدەيدۇ، ئادەتتە دەريا، كۆل ياكى كۆلچەكلەردە ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ.

تاشپاقىنىڭ ئۆسۈشى ئاستا بولۇپ، بىر يىلدا50 گرام ئۆپچۆرىسىدە چوڭىيىدۇ، ئۈچ يىللىق تاشپاقىنىڭ ئېغىرلىقى100 گرام ئۆپچۆرىسىدىلا بولىدۇ، ئۈچ يىللىقتىن كىچىكلىرى بالا تاشپاقادەپ ئاتىلىدۇ، بالا تاشپاقا مەخسۇس ياسالغان بالا تاشپاقا كۆلچىكىدە بېقىلىدۇ، ئۈچيىللىقتىن ئاشقان تاشپاقا بىلەن بېلىق بىللە بېقىلىدۇ، تاشپاقىنىڭ ئوزۇقى ئىنتايىن كەڭ دائىرىدە بولۇپ، ھاشارات تۈرىدىكىلەر، كىچىك بېلىق، كىچىك راك، كىچىك سەدەپ قۇلۇلىسى، چارۋا، ئۆي قۇشلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ھەمدە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يۇمران يوپۇرمىقى، ئوت-چۆپ ئۇرۇقى، كېپەك، شال قاسىرىقى قاتارلىقلارنى ئوزۇق قىلىدۇ .

كۆپىيىش ئەھۋالى[تەھرىرلەش]

تاشپاقا تۇخۇم چىقىرىشتا ئىنتايىن ئېھتىياتچان كېلىدۇ، ئۇ گۇگۇم چۈشكەندىن تارتىپ تاڭ سۈزۈلگىچە بولغان ۋاقىتتا تۇپرىقى يۇمشاق، يانتۇ، مەخپىي، كۈشەندىلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن مۇداپىئەلەنگىلى بولىدىغان جاينى تاللاپ، ئالدى-ئارقا پۇتى ۋە قۇيرۇقى بىلەن توپىنى كولاپ، تۇخۇم چىقىرىش ئۇۋىسىنى ياسايدۇ، ئادەتتە ئۇۋا كولاش ئەزالىرىنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ ئىشقا سېلىپ تۆت سائەتتىن ئارتۇق ئىشلەپ ئاندىن ئۇۋىنى تەييار قىلىدۇ. ئۇۋا تەييارلانغاندىن كېيىن تاشپاقا سەل-پەل ئارام ئېلىۋېلىپ تۇخۇملاشقا باشلايدۇ، ھەربىر تۇخۇمنى تۇغۇپ بولغاندا ئارقا پۇتى بىلەن ئۇنى تىزىدۇ. ھەر2 −5 مىنۇتتا بىرنى تۇخۇملايدۇ، بىر تۈركۈم تۇخۇمنى تۇغۇپ بولۇشى ئۈچۈن30 مىنۇت ئۆپچۆرىسىدە ۋاقىت كېتىدۇ، تاشپاقا تۇخۇملاپ بولغاندىن كېيىن، شۇ جايدا10 مىنۇت ئارام ئېلىۋېلىپ، ئاندىن ئارقا پۇتى ۋە قۇيرۇقى بىلەن تۇخۇملارنى توپىغا كۆمۈپ، توپىنى دەسسەپ چىڭدايدۇ. تاشپاقىنىڭ پۈتكۈل كۆپىيىش جەريانىغا تەخمىنەن سەككىز سائەت ۋاقىت كېتىدۇ. چىشى تاشپاقا يىلىغا3 −4 قېتىم، ھەر قېتىمدا4-7 گىچە تۇغىدۇ، تەبىئىي شارائىتتا بالا تاشپاقا50 −80 كۈندە تۇخۇمدىن چىقىدۇ؛ تۇخۇمدىن چىقىرىش ساندۇقى ئىشلىتىپ سۈنئىي ئۇسۇلدا تۇخۇمدىن چىقارغاندا50 كۈنلا ۋاقىت كېتىدۇ.

شىپالىق رولى[تەھرىرلەش]

تاشپاقا گۆشى بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ، مەنپىيلىكنى كۈچەيتىدۇ، قان تۈكۈرۈش، سۆڭەك، پەي ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدۇ. تاشپاقا قېنى سوڭى چىقىپ قېلىش، سۇنۇق قاتارلىق كېسەللەرگە شىپا بولىدۇ؛ تاشپاقىنىڭ قورساق چىغىنىقى دابۇيىڭۋەن كۇمىلىچى، داخۇلودەن كۇمىلىچى، زەيزاۋۋەن كۇمىلىچى، خېچېدازاۋۋەن كۇمىلىچى قاتارلىق مەشھۇر جۇڭيى دورىلىرىنىڭ ئاساسلىق خام ماتېرىيالى.

ئالاقىدار بايان[تەھرىرلەش]

تاشپاقىنىڭ ئۆمرى[تەھرىرلەش]

تاشپاقا گەرچە ھايۋانات دۇنياسىدىكى «ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش چولپىنى» بولسىمۇ، لېكىن نەسلى ئوخشاش بولمىغان تاشپاقلارنىڭ ئۆمرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلىرى 100 يىلدىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرسە، بەزىلىرى ئاران 15 يىل ياشىيالايدۇ. ئۇنداق بولسا نېمە ئۈچۈن بەزى تاشپاقىلارنىڭ ئۆمرى شۇنچە ئۇزۇن بولىدۇ؟ ئالىملار بۇ ھەقتە نۇرغۇن تەتقىقاتلارنى ئېلىپ باردى.

بەزىلەر: تاشپاقىنىڭ ئۆمرى ئۇنىڭ بەدەن شەكلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بەدىنى چوڭ تاشپاقىلار ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، بەدىنى ۋىجىك تاشپاقىلارنىڭ ئۆمرى قىسقىراق بولىدۇ. دېڭىز تاشپاقىسى بىلەن دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق تاشپاقىسى-پىلسىمان تاشپاقىنىڭ ئۆمرى ھەممىدىن ئۇزۇن بولىدۇ، دەپ قارىغان.

يەنە بەزىلەر: تاشپاقىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن-قىسقا بولۇشى ئۇنىڭ ئىستېمال قىلىدىغان يېمەكلىكلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئوتخور تاشپاقىنىڭ ئۆمرى گۆشخور تاشپاقىنىڭ ئۆمرىدىن ئۇزۇن بولىدۇ، دەپ قارىغان.

بەزى زوئوتومىيە ئالىملىرى ۋە مېدىستىنا ئالىملىرى تاشپاقىنىڭ يۈرىكى ئېلىۋېتىلگەندىن كېيىنمۇ، ئۇنىڭ يەنە ئىككى كۈنگىچە سوقۇشتىن توختىمىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ تاشپاقىنىڭ يۈرەك ئىقتىدارىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، بەلىكم بۇ تاشپاقىنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىدىكى بىۋاسىتە سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىغان.

نۇرغۇن تارىخىي ماتېرىياللاردا ۋە خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، تاشپاقىلار ئىچىدىكى نۇرغۇن «ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش كۆرسىتىلىشىچە، تاشپاقىلار ئىچىدىكى نۇرغۇن «ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش چولپانلىرى» نەچچە ئەسىرنىڭ بوران-چاپقۇنىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولىدۇ.

كورىيىدىكى بىر بىلىقچى ئۇزۇنلۇقى 1.5 مېتىر. ئېغىرلىقى 90 كىلوگرام كېلىدىغان بىر دېڭىز تاشپاقىسىنى تۇتۇۋالغان. ئۇنىڭ دۈمبىسىگە نۇرغۇن ئوستېر قۇلۇلىسى ۋە ۋېستىبۇلاقۇرتى چاپلىشىۋالغان بولۇپ، ياپيېشىل كۆرۈنىدىكەن. ئالىملار تەڭشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭ 700 نەچچە ياشقا كىرگەنلىكىنى بايقىغان. بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

1983-يىلى، جۇڭگو خەلق ئىنقلابىي ھەربىي ئىشلار مۇزېيىدا بىر دانە چوڭ دېڭىز تاشپاقىسى كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، ئېغىرلىقى 120 كىلوگرام كېلىدۇ، ئۇ كۆرگەزمە مەزگىلىدە تېخى 30 دانە تۇخۇم تۇغقان. مۇتەخەسسىسلەر تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭ 300 ياشتىن ئاشقانلىقىنى ئېنىقلىغان.