تاشپولات تېيىپ

ئورنى Wikipedia

تاشپولات تىيىپ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغان ۋاقىت:28-04-2015 

ئىسىم-فامىلىسى تاشپولات تىيىپ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1958.12
يۇرتى غۇلجا
تۇرۇشلۇق ئورنى ئۈرۈمچى

تاشپولات تىيىپ[تەھرىرلەش]

تاشپولات تىيىپ 1958-يىلى 12-ئايدا غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى ياشلار خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى.

قىسقىچە تارىخى[تەھرىرلەش]

1976-يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، نىلقا ناھىيەسىنىڭ ئۆكتەبىر يېزىسىدا ئىككى يىل قايتا تەربىيە ئالغان.

1978-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇغراپىيە فاكۇلتېتى تەبىئىي جۇغراپىيە كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان.

1983-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان.

1988-يىلى ياپونىيەنىڭ توكيو تەبىئىي پەن ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا بېرىپ، 1992-يىلى 6-ئايدا سانائەت پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ قايتىپ كەلگەن.

1988-يىلى دوتسېنتلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

1993-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن.

1994-يىلى پىروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

1994-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇتەخەسسىس مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى بولغان. 

1996-يىلى 9-ئايدا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

1996-يىلى، 2001-يىلى جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 5-، 6-قېتىملىق دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى ياشلار خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان.

نەتىجىلىرى[تەھرىرلەش]

1993-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە «ئون تۆھپىكار ياشنىڭ بىرى» بولۇپ باھالانغان.

1994-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون بويىچە «تۆھپىكار مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس» بولۇپ باھالانغان .

1996-يىلىدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 211 قۇرۇلۇشى تارماق تەتقىقات تۈرىدىن بىرى بولغان «شىنجاڭ بايلىق مۇھىت ئېكولوگىيەسى ۋە بىئولوگىيە تېخنىكىسى» نۇقتىلىق پەن تۈرىنىڭ 1-باسقۇچلۇق ۋە 2-باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولغان.

1999-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە 13 تەتقىقات تۈرىگە رىياسەتچىلىك قىلغان. بۇلاردىن باشقا يەنە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان «يىراقتىن سېزىش تېخنىكىسى ھەققىدە ئومۇمىي بايان »، «ئايرو فوتو سۈرەتلەرنى، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارتىلغان سۈرەتلەرنى پەرقلەندۈرۈش»، «يىراقتىن سېزىش تېخنىكىسى ئارقىلىق تەبىئىي بايلىقلارنى تەكشۈرۈش ۋە باھا بېرىش»، « يىراقتىن سېزىلغان سۈرەتلەرنى كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئانالىز قىلىش»، «جۇغراپىيە ئۇچۇر سىستېمىسى»، «يەر ئىنفورماتسىيە سىستېمىسىنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش» قاتارلىق يېڭى دەرسلەرنى تەسىس قىلغان ھەم ئاسپىرانتلارنى يېتەكلىگەن.

ئەمەلىي تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش ئاساسىدا مۇئەييەن ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتالايدىغان ئىلمىي ماقالىدىن 80 پارچىغا يېقىن ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ ئىچىدىكى «فىراكتال ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ سۈنئىي ھەمراھتا تارتىلغان سۈرەتلەر ئارقىلىق يەردىن پايدىلىنىش خەرىتىسىنى تۈزۈشنىڭ ئېنىقلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۇسۇلى»، «يىراقتىن سېزىلغان سۈرەتلەرنى كۈچەيتىپ بىر تەرەپ قىلىشنىڭ يېڭى ئۇسۇلى»، «سۈنئىي ھەمراھتا تارتىلغان سۈرەتلەر ئارقىلىق يەردىن پايدىلىنىش خەرىتىسىنى تۈزۈشتە مەشىق مەيدانىنى تاللاش توغرىسىدا» قاتارلىق ماقالىلىرى 1994-يىلى مەملىكەتلىك يىراقتىن سېزىش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ۋە 1995-يىلى ئېچىلغان جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 2-قېتىملىق ياشلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئىككى پارچە ماقالىسى 1995-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 3-نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئەسەرلىرىنى باھالاش يىغىنىدا 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 2-نۆۋەتلىك ياشلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

2001-يىلى 11-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 9-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە 1-دەرىجىلىك «پەن-تەتقىقات ئىلغار خىزمەتچىسى» مۇكاپاتىغا، 2002-يىلى 10-ئايدا ئاپتونوم رايون بويىچە «پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرى ئىلغار خىزمەتچىسى» مۇكاپاتىغا، 2004-يىلى 4-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر ئاسپىرانت يېتەكچىسى» مۇكاپاتىغا، 2004-يىلى 12-ئايدا مەملىكەت بويىچە «باۋگاڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى» مۇكاپاتىغا، ئىككى قېتىم شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 211 قۇرۇلۇشىدىكى «ئالاھىدە تۆھپە مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە 1998-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتۇش نەتىجىسى 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا، 1999-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتۇش نەتىجىسى 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا، 2000-يىلى مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر دەرسلىك بويىچە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

2002-يىلى مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «تايانچ ئوقۇتقۇچى» مۇكاپاتىغا، 2003-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق 7-نۆۋەتلىك تەبىئىي پەنلەر بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ماقالە مۇكاپاتىغا، 2003-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بويىچە مۇنەۋۋەر پەن-تەتقىقات نەتىجىلىرى 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا، 2004-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق 6-نۆۋەتلىك ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

2004-يىلى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇش شەرىپىگە ئېرىشكەن.

«تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدىكى بوستانلىقلار بىلەن چۆللۈكلەرنىڭ گىرەلەشمە بەلبېغىدىكى مۇھىت ئۆزگىرىشىنى يىراقتىن تەكشۈرۈپ پەرقلەندۈرۈش ئۈستىدە تەتقىقاتى»، «يىراقتىن سېزىش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئۈرۈمچى رايونىدىكى تەبىئىي بايلىقلاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ئۈستىدە تەتقىقات» قاتارلىق ئىككى تۈرلۈك تەتقىقات تېمىسىغا قاتناشقان ھەم يېتەكچىلىك قىلغان.