تاقىچىلىق

ئورنى Wikipedia

   تاقىچىلىقىمىزنىڭ بارلىققا كېلىشى ئاتنىڭ قولغا كۆندۈرۈلۈش دەۋرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. خەلقىمىزدىكى ‹‹ئات يۈك كۆتۈرىدۇ، تاقا ئاتنى كۆتۈرىدۇ›› دېگەن ماقال بۇنىڭ دەلىلى. قاتناش، سودا ترانسپورتىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجى تاقىچىلىق كەسپىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى بولغان. شۇنىڭ بىلەن، تاقىچىلىق خاس كەسىپكە ئايلىنىپ، تۆمۈرچىلىكتىن ئايرىلىپ چىققان.

  تاقىچىلىقنىڭ سايمىنى ئاساسەن ئوچاق، كۆيەك، قىسقۇچ، بولقا، بازغان، سەندەل، قەلەم، سۈنبە –  سومتىراچ، ئاتنىڭ تۇيىقىنى شىلىدىغان تىغ، دار،ئارغامچا قاتارلىقلار.

  ھايۋانلارنىڭ تۈرىگە، چوڭ – كىچىكلىكى ۋە ئۇلار قاتنايدىغان يولغا قاراپ تاقىنىڭ تۈرى بەلگىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئات، خېچىر، ئېشەك، بۇغا تاقىسى قاتارلىقلار. تاقىلار يەنە تاشلىق يول، توپىلىق يول، مۇز يولغا قاراپ ئايرىم – ئايرىم سوقۇلىدۇ.

  تاشيول (ئۇزۇن يول)دا قاتنايدىغان ئۇلاغلارنىڭ تاقىسى قېلىنراق سوقۇلسا، توپا يولدا يۈرىدىغان ئۇلاغلارنىڭ تاقىسى نېپىز، سىپتا سوقىلىدۇ، مۇزلۇق يولدا ماڭىدىغانلارنىڭ تاقىسى مىخلىق سوقۇلىدۇ.

  تاقىلارنىڭ سوقۇلۇشى: تۆمۈر ئۆلچەملىك كېسىلىپ، قىزىتىلىپ تەلەپلىك سوقۇلغاندىن كېيىن، ئىككى بېشىغا زەي (مىخلاش ئورنى) تارتىلىپ، چىش چىقىرىلىپ تەييارلىنىدۇ.

  تاقا قېقىش: ئات ئۈچ تال ياغاچتىن ياسالغان دار ئىچىگە تۇرغۇزۇلۇپ، ئارقان بىلەن قولتۇق ۋە تېقىم ئارىلىقىدىن باغلىنىپ، ئارقان ئۇچى دار قوزىقىغا مەھكەملىنىدۇ. ئاندىن ئاتنىڭ تاقىلىنىدىغان پۇتى تۇياق ئۈستىدىن ئارقان بىلەن تارتىپ كۆتۈرۈلۈپ، سوتىراچ بىلەن تۇياق ياسىلىپ، تاقا تۇياق يۈزىگە جىپىسلاپ مىقلىنىدۇ.

  تاقىچىلىرىمىز تاقا ياساش، ئۇلاغلارنى تاقىلاش بىلەنلا قالماي، مال دوختۇرلۇقىنىمۇ قىلىدۇ. مەسىلەن: ئۇلاغلاردا بولىدىغان چاشقان يارىسى، ئالىقاراق، تۇياق يېرىلىش، يىرىڭداش، ھەرخىل سۇلۇق يېغىر، جۆجەي ۋە باشقا جاراھەتلەر، ئۆسمىلەرنى يەرلىك ئۇسۇل، يەرلىك دورىلار بىلەن داۋالايدۇ ۋە ئوپېراتسىيە قىلىدۇ.

  تەجرىبىلىك تاقىچىلار ئۇلاغلارنىڭ يۈرۈش، تىنىشىغا قاراپ ئۇلارنىڭ كېسىلى ۋە بولغۇسى كېسەللىرىنى مۆلچەرلىيەلەيدۇ. بىزدە ئېشەكمۇ ئاتقا ئوخشاشلا ناھايىتى مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش ۋە قاتناش قورالى بولغان. شۇڭا تاقىچىلىقنىڭ ئەڭ ئاۋات بازىرى ئېشەك تاقىلاش بولۇپ، ئۇنى تاقىلاش جەريانلىرى ئات تاقىلاشقا ئوخشايدۇ.[1]

  1. ئاپتۇر:بۈمەريەم شېرىپ خۇشتار ؛مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى ؛ۋاقىت:2008- 11- 28 13:12؛ تور ئادىرسى:http://uy.ts.cn/wenhua/content/2008-11/28/content_132963.htm؛