تاق سان

ئورنى Wikipedia

ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىدە تاق سانلار ئۇلۇغلىنىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ بەزى تۇرمۇش ئادەتلىرىدە تاق سانلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

مەسىلەن، ئۇلار ھەر كۈنى بەش قېتىم (بەش ۋاخ) ناماز ئوقۇيدۇ؛ ھەر ھەپتىنىڭ بەشنچى كۈنى بىر قېتىم جۈمەگە يىغىلىپ جۈمە نامىزىغا داخىل بولىدۇ. بىر ھەپتە يەتتە كۈن بولىدۇ؛ مەسچىتلەرنىڭ پەشتاق پەلەمپىيى تاق بولىدۇ؛ ئاپتۇۋا بىلەن مېھمانلانىڭ قولىغا سۇ بەرگەندە ئۈچ مەرتە قويىدۇ؛ قىزلارنىڭ چېچى تاق ئۆرۈلىدۇ؛ ئۆي ياپقاندا ئىشلىتىدىغان جەگە ياغاچ (لىم) ۋە تۈۋرۈكلەرمۇ تاق بولىدۇ؛

ئاخۇنۇم توي نىكاھنى ئوقۇغاندا قىز ۋە يىگىتنىڭ نىكاھنى قوبۇل قىلغان - قىلمىغانلىقىنى پەقەت ئۈچ قېتىملا سورايدۇ، بالىلارنىڭ سۈننىتىنى قىلىشقا توغرا كەلگەندە، تاق كۈن تاللىنىدۇ ھەمدە سۈننەت قىلىش يېشىمۇ تاق بولىدۇ. كىشى ئۆلگەندە مېيىتنى سۇغا ئالغاندىن كېيىن، ئەگەر ئەر كىشى بولسا كېپەنلىكى ئۈچ قەۋەت، ئايال بولسا بەش قەۋەت تىكىلىدۇ؛ يول - كوچىلاردا بىرەر كىشىنىڭ ئالدىغا غايىبتىن نەرسە ئۇچراپ قالسا، يۇقىرى ئاۋازدا «بۇ نەرسە كىمنىڭ؟» دەپ ئۈچ قېتىم توۋلاش شەرت. ئىگىسى چىقمىسا ئاندىن ئۇ كىشى ئۇچرىغان نەرسىنى قولغا ئالسا بولىدۇ؛

تۆگە كارۋانلاردىكى تۆگىنىڭ سانىمۇ تاق بولىدۇ؛ ئومۇمەن بۇ خىل تاق سانلار ئەقىدىسى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىدە ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. ئۇيغۇرلاردىكى بۇنداق ئادەت ئاساسەن ئىسلام دىنى ئەقىدىسىدىن كېلىپ چىققان. ئىسلام دىنىدا خۇدا مۇتلەق بىر، يېگانە دەپ قارىلىدۇ.

مۇشۇ ئېتىقاد ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە سېڭىپ، ئىستىخېيىلىك ھالدا تاق سانلارنى ئۇلۇغلاش ئەقىدىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان يەنە بىر ئەنئەنىۋى ئېڭىدا شەكىللەنگەن مۇقەددەس سانلار ھەققىدە ئايرىمتوختىلىمىز. (ئا)