تالھا بىن ئۇبەيدۇللاھ

ئورنى Wikipedia
تالھا بىن ئۇبەيدۇللاھ
تۇغۇلۇشھ. بۇرۇن 28 / م. 594
ۋاپاتىھ. 36 / م. 656


تالھا بىن ئۇبەيدۇللاھ ئەتتەيمىي ئەل قۇرەشىي (طَلْحَة بن عُبَيْد اللّه التَّيمي القُرشي) (ھ. بۇرۇن 28 - 36 / م. 594 - 656) ئۇ ئىسلام دىنىنى تۇنجى قوبۇل قىلغان سەككىز كىشىنىڭ بىرى. جەننەت بىلەن بېشارەت بېرىلگەن ئون ساھابىنىڭ بىرى. ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىلا مۇسۇلمان بولغان ۋە نۇرغۇن غازاتلارغا قاتناشقان كاتتا زات. مۇھەممەد پەيغەمبەر ئۇنى يەردە مېڭىۋاتقان شەھىد دەپ ئاتىغان. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكى بارلىق غازاتلارغا قاتناشقان، ئۇبەدر ئۇرۇشى، ئۇھۇد ئۇرۇشىدىن باشقا شام فەتھىگە قاتناشقان. ئۆمەر بىن خەتتاب ئۇنى خەلىپە سايلايدىغان ئالتە كىشىلىك شۇراغا قوشقان. ئوسمان بىن ئەففان ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئوسمان قاتىللىرىنىڭ جازاسىنى تەلەپ قىلىپ بەسرەگە بارغان ۋە ھىجرىيە 36 - يىلى تۆگە ئۇرۇشىدا ئوق تېگىپ ئالەمدىن ئۆتكەن.