مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام

ئورنى Wikipedia
‎ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام

محمد
Calligraphic representation of Muhammad's name.jpg
ھۆسنخەت بىلەن مۇھەممەد س.ئە.ۋ
تەۋەللۇت


مۇھەممەد بىن ئابدۇللاھ

(مُحَمَّد بنِ عَبد الله)

570\571- مىلادى،مەككە، ھىجاز، ئەرەبىستان (بۇگۈنكى سەئۇدىيە)

ۋەڧاتى




مىلادى 632- يىلى 6- سەڧەر\ئىيۇن

(61-62 ياشلىرىدا؛ ھىجرى تەقۋىمدە 63 ياش)

مەدىنە، ھىجاز، ئەرەبىستان (بۇگۈنكى سەئۇدىيە)

قەبرىسى
مەسجىدى نەبەۋىيدىكى يېشىل قۇببە، سەئۇدىيە
باشقا ئىسىملەرى
ئەبۇلقاسىم
رەسۇل
پەيغەمبەر
تېگى ئەرەب
ڧائالىيەت يىللىرى م. 583-610 تىجارەتچى
م. 610-632 دىنى داھىي، پەيغەمبەر
ۋارىسى

ئەبۇبەكرى ر.ئە ( 4 خەلىڧەنىڭ ب1.سى)

ئەلى ر.ئە (شىئەلەرگە كۆرە)

دىنى ئىسلام
ئاتا-ئانىسى
ئاتا: ئابدۇللاھ بن ئابدۇلمۇتەللىب

ئانا: ئامىنە

رەڧىقىلىرى


خەدىجە بىنت خۇەيلد (595-619)

سەۋدە بىنت زەمئا (619-632)

ئائىشە بىنت ئەبۇ بەكر (619-632)

ھەڧسە بىنت ئۆمەر (624-632)

زەينەب بىنت خۇزەيمە (625-627)

ھىند بىنت ئەبى ئۇمەييە (625-632)

زەينەب بىنت جەھش (627-632)

جۈۋەيرىيە بىنت ھارىس (628-632)

رەملە بىنت ئەبى سۇڧيان (628-632)

رەيھانە بىنت زەيد (629-631)

سەڧىيە بىنت خۇيەي (629-632)

مەيمۇنە بىنت ھارىس (630-632)

مارىيە ئەل قىبتىييە (630-632)

بالالارى


ئوغۇللارى:

قاسىم، ئابدۇللاھ، ئىبراھىم

قىزلارى:

زەينەب، رۇقىيە، ئۈممۇ گۈلسۈم، ڧاتىمەتۇز-زەھرا

ئەقرابالارە
ھەزرەتى مۇھەممەدنىڭ شەجەرىسى، ئەھلى بەيت

ھەزرىتى مۇھەممەد (ئەرەبچە:محمد، ‎ 570 ياكى 571، مەككە - 632-6-ئىيۇن، مەدىنە)[1]، ئىسلام دىنىنى تارقاتقۇچى پەيغەمبەر (مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئاخىرىقى پەيغەمبەر)، شۇنداقلا ئىجتىمائىي، دىنىي، سىياسىي ۋە ئەسكەرى بىر داھىيدۇر[2][3]. مەككەدىن باشلاپ ئەرەب يېرىم ئارىلىنى، ئىسلام ھاكىمىيىتىدە بىر مەركەزدىن باشقۇرىلىدىغان ھالغا كەلتۈرگەن. مۇسۇلمان ئەمەسلەر ھەزرىتى مۇھەممەدنى ئىسلامنى بەرپا قىلغۇچى دەپ قارايدۇ[4]. لېكىن مۇسۇلمانلار بولسا ھەزرىتى پەيغەمبەرنى ھەزرىتىئادەم ئەلەيھىسسالام، نۇھ ئەلەيھىسسالام، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام، مۇسا ئەلەيھىسسالام، ئىسا ئەلەيھىسسالام ۋە باشقا ئىسلام پەيغەمبەرلىرىنىڭ بوزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان شەرىئەتلىرىنى قايتا تىكلىگەن ۋە تاماملىغان، اللەنىڭ ئاخىرىقى ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ[5][6] ئىسلام دىنىچە، ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ۋاڧاتىغا قەدەر اللە تعالى تەرىپىدىن ۋەھىي قىلىنغان ئايەتلەر قۇرئاننى تەشكىل قىلىدۇ. قۇرئان، ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ھاياتى ۋە ئادەتلەشكەن شەرىئەت ئىجرالىرىدا ئاساسىي مەنبئە قىلىنغانلىقىغا ئىشىنىلىدۇ. بەئزى مۇسۇلمانلار ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنغاندا ئۇنىڭغا ھۆرمەت ۋە مۇھەببەت كۆرسىتىش يۈزسىدىن ئىسمىدىن كېيىن "سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (اللەنىڭ سالات ۋە سالامى ئۇنىڭغا بولسۇن!)" دەپ "سالاۋات" كەلتۈرىدۇ[7].


ئىسىم ۋە سىڧەتلىرى[تەھرىر]

تولۇق ئىسمى ئەبۇلقاسىم مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىب ئىبنى ھاشىم ئىبنە ئابد ماناڧ ئەلقۇرەيشى (ئەرەبچە: محمد بن عبد الله بن عبد المطلب بن هاشم بن عبد مناف القرشي) ئېرۇر. ياكى قىسقىراق قىلىپ ئەبۇلقاسىم مۇھەممەد بن ئابدۇللاھ بن ئابدۇلمۇتەللىب ئەلھاشىمى دېيىلىدۇ. بۇ ئىسىم ئۇيغۇرچىغا قۇرەيشلىك ئابدۇماناپ ئوغلى ھاشىم ئوغلى ئابدۇلمۇتەللىب ئوغلى ئابدۇللاھ ئوغلى قاسىمنىڭ ئاتىسى مۇھەممەد، دەپ تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ. بۇندىن باشقا، ئۇ زات ياشىغان جەمئىيەتتە ئەلئەمىن (ئىشەنچلىك كىشى) مەنىسىدە مۇھەممەدۇل ئەمىن دەپ ئاتالغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ.

موھەممەد، ئەرەبچە "ماختاش" دېگەن سۆز يىلتىزى بولمىش ھەمد فىئېلىدىن كېلىپ چىققاندۇر. مۇتاد: "مەدھىيەلەنگەن، ماختالغان" دېگەن مەنىلەرگە كېلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا مۇستافا، مەھمۇد، ياكى ئەھمەد ئىسىملىرى بىلەنمۇ ياد ئېتىلىدۇ. مۇستافا، ئەرەبچەدە "تاللانغان"؛ ئەھمەد بولسا "تېخىمۇ كۆپ ماختالغان" دېمەكتۇر. كۈنيەسى (لەقەبى) ئىسە ئەبۇلقاسىم، يەئنى "قاسىمنىڭ ئاتاسى" دېگەنلىكتۇر. كۈنيە، ئەرەب جەمئىيەتىدە، كىشىنىڭ تۇنجى توغۇلغان ئوغلىنىڭ ئىسمىگە نەزەرەن بېرىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ زاتنىڭ ئەبۇل بەنات، يەئنى "قىزلارنىڭ ئاتاسى" دەپمۇ تونۇلغان.

ئىسلام ئىتىقادىچە، ھەزرەتى مۇھەممەدنىڭ ئىبەرىلىشى تەۋراتتا ۋە ئىنجىلدا بىلدۈرىلگەندۇر[8][9]. بىر ھەدىسكە كۆرە، ھەزرەتى پەيغەمبەر ئۆزى ھەققىدە:"مېنىڭ ئىسمىم قۇرئاندا مۇھەممەد، ئىنجىلدا ئەھمەد، تەۋراتتا ئاھيەددۇر." دېگەن[10][11].شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇگۈنكى مۇسەۋىي ۋە خىرىستىيان مۇقەددەس كىتابلىرىدا بۇ ئىسىملەر كۆرۈلمەيدۇ. ئەمما ئىسلام ئالىملىرىدىن سەئىد نۇرسى «سۆزلەر» ئاتلىق ئەسىرى «19- سۆز»دە ئىنجىلدا چىقىدىغان فەرەقلىتنىڭ ئايەت ۋە ھەدىسلەردە تىلغا ئېلىنغان ئىسلام پەيغەمبەرىگە ئىشارەت قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئىسلام ئالىملىرى ۋە خىرىستىيان تەبلىغچىلەر ئارىسىدا گرىكچە ئىنجىلدە (يوھاننا 14، 16) تىلغا ئېلىنغان پاراكلەتوس (فەرەقلىت) سۆزىنىڭ ئەرەبچە تەرجىمىدە ئوتتۇرىغا چىققان ۋە ئۆرەبچىنىڭ ئالاھىيدىلىكىدىن توغۇلغان فەرقلىق ئوقۇش شەكىللىرى بىلەن مۇناسىبەتلىك بىر تارتىشما باردۇر[12].

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پۈتكۇل ئىنسانلارنىڭ يولباشچىسى،يېتەكچىسى، ئاللاھ تائالانىڭ دۇنيا ئىنسانلىرىغا ئەۋەتكەن ئەلچىسى، ئىسلامغا ئشەنگۈچى بارلىق مۇئمىن ۋە مۇئمىنە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمامى ۋە رەھبىرى، مۇسۇلمان مۇئىمىنلەنىڭ داھىيىسى. ئىنسانلارنى ئازغۇنلۇق، خوراپاتلىق، جاھالەت قاراڭغۇلىقىدىن ئىسلامنىڭ نۇرىغا يېتەكلىگۈچى پەيغەمبەردۇر. ئاللاھ ئۇنىڭغا قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلغان.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قانداقتۇر باشقىلار دەۋاتقاندەك دىندىن بىرنى ئىجاد قىلىپ شۆھرەت قازانغۇچى بولماستىن، بەلكى ئۇ ئىنسانىيەتكىلا ئەمەس پۈتكۈل ئىنسان ۋە جىنلارغا ئورتاق رەھمەت قىلىنىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەردۇر . ئاللاھ بۇ ھەقتە قۇرئانى كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ : (ئى مۇھەممەد!) سېنى بىز پۈتۈن ئەھلى جاھان ئۈچۈن پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق. (سۇرە ئەنبىيا ،17- ئايەت)

ئۇچۇر مەنبئەلىرى[تەھرىر]

ھەزرىتى مۇھەممەد س.ئە.ۋنىڭ ھاياتى بىلەن مۇناسىبەتلىك مەنبئەلەر قۇرئان، ھەدىس ۋە سىيەر دەپ ئۈچ مەۋزۇدا تۇپلاشقا بولىدۇ:

  • قۇرئان، ھەزرىتى پەيغەمبەرنىڭ ھاياتى ھەققىدە ناھايىتى چەكلىك ئۇچۇر باردۇر. بەئزى ئايەتلەرنى تۈشەندۈرگەن ھەدىسلەر بىلەن بۇ مەنبئەلەر بايلاشتۇرۇلغاندۇر.
  • ھەدىس، ئۇمۇمەن ھەزرىتى مۇھەممەد س.ئە.ۋنىڭ ۋاڧاتىدىن 1-2 ئەسر سوڭرە يازىلغان، بىر رىۋايەت زەنجىرى بىلەن ھەزرىتى مۇھەممەد س.ئە.ۋگە ئىسنات قىلىنغان ۋە ئۇ زاتنىڭ ئوخشىمىغان ۋاقىئەلەر ۋە مەسىلىلەر قارشىسىدا ياكى قۇئاننىڭ ئايەتىلىرىنى تۈشەندۈرۈش ئۈچۈن سۆزلىگەن دەپ قارىلىدىغان سۆز، ھەرىكەت ۋە تەقرىرلەرنىڭ تامامىغا دېيىلىدۇ.
  • سىيەر، ھەزرىتى پەيغەمبەرنىڭ ھاياتى بىلەن مۇناسىبەتلىك ھەدىس ۋە ئايەتلەرنى، تۈرلۈك ئەڧسانىلەر (ئىلگىرى كېيىنلىك تەرتىبى بويىچە ۋاقىئەلەرگە كۆرە ۋ.ب) قوللىنىلىپ توپلانغان ۋە ئاڭلىتىلغان ئەسەرلەر.

ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئەرەب يېرىم ئارىلى[تەھرىر]

ئەرەب يېرىم ئارىلى ئىنتايىن قۇرغاق ۋە ۋولقانىك بولغانلىقى ئۈچۈن ۋاھە ۋە سۇ مەنبئەلىرى بار يەرلەردىن باشقا يەرلەردە تېرىقچىلىق قىلىش قىيىن ئىدى. ئومۇمىي كۆرۈنىشى چۆل ئىچىدە چىكىت مىسالى قىشلاقلار ۋە شەھەرلەر شەكىلىدە ئىدى. مەككە ۋە مەدىنەلەر بۇ شەھەرلەرنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەنلىرىدىن ئىدى. مەدىنە تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ بىر تېرىقچىلىق بازىسى ئىدى. مەككە بولسا نۇرغۇن قەبىلە بىلەن ئورالغان مۇھىم ئىقتىسادىي مەركەز ئىدى. چۆل شەرتلىرىدە ھاياتتا قېلىش ئۈچۈن ئوپچە ياشاش كېرەك بولاتتى. چۈنكى ئىنسانلار رەھىمسىز مۇھىت شەرتلىرىگە ۋە ھايات تەرزىگە ياردەمگە مۇھتاج ئىدى. قەبىلە گۇرۇھۋازلىقلىرىمۇ بىرلىك بولۇش ئىھتىياجى بىلەن تەشۋىق قىلىناتتى. بۇ بىرلىكلەر ئوخشاش قاندىن كەلگەن ئەقرابالار ئاساس قىلىنىپ قۇرۇلاتتى.

ئەرەب يېرىم ئارىلى سىياسىي نوقتىدىن ئىككى قەبىلە ئىتتىڧاقى ئارىسىدا بۆلۈنگەنىدى. قەيس قەبىلىسى ئەسلىدە شىمالي ۋە غەربىي ئەرەبىستاندا كۈچلۈك ئىدى ۋە ۋىزانتىيە بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتلىرى بار ئىدى. بەنۇ قەلب قەبىلىسى بولسا ئەسلىدە يەمەندىن كەلگەنىدى ۋە ساسانىي پارسلىرىغا يېقىن ئىدى. بۇ كېلىشەلمەسلىكلەر ئىسلام دەۋرىدە بېسىم ئاستىدا قالدى. ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاكتىپ پائالىيەتلىرىنى شىمالىي ئاڧرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرقتە دەۋام قىلدۇردى.

ئىسلامدىن ئەۋۋەل ئەرەبىستاندا، ئەركەك ۋە تىشى تەڭرىلەر قەبىلەلەر تەرىپىدىن قوغدىغۇچق سۈڧىتىدە كۆرۈلەتتى. ئۇلارنىڭ رۇھلىرى مۇقەددەس دەرەختلەر، تاشلار، بۇلاقلار ۋە قۇدۇقلارغا باغلىناتتى. ئۇ زامانلاردىمۇ ھەر يىللىق ھەج يېرى بولمىش مەككەدىكى كەئبە مابەدى، قەبىلەرنىڭ قوغدىغۇچى تەڭرىلىرىنىڭ 160 بۇتى قويۇلغان يەر ئىدى. ئەل مانات، ئەل لات ۋە ئەل ئۇززا ئىسمىدىكى ئۈچ چوڭ ئايال تەڭرى باش تەڭرىنىڭ قىزلىرى دەپ ئىتىقاد قىلىناتتى. ئەرەبىستاندا بىر خۇدالىق خەلقلەر ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنمۇ بار ئىدى. خىرىستىيانلار، يەھۇدىيلەر ۋە ھەنىڧىلەر بۇلاردىن ئىدى. مۇسۇلمان ئىتىقادىغا كۆرە، ھەزرىتى مۇھەممەد س.ئە.ۋ ھەم بىر ھەنىڧىي ئىدى. ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ھەزرىتى ئىسمائىلنىڭ پۇشتىدىن كەلمەكتە ئىدى.

ھاياتى[تەھرىر]

ئىسلام پەيغەمبەرى ۋە ئاخىرىقى پەيغەمبەر ھەزرىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مىللىتى ئەرەب بۇلۇپ ، ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى ئابدۇللا ئىبنى ئابدۇل مۇتەللىپ ، ئانىسىنىڭ ئىسمى ئامىنە بىنتى ۋەھبىدۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى مەككە شەھرىدە، قۇرەيش قەبىلىسى بەنۇ ھاشىم كوچىسى ئەبۇ تالىپنىڭ قوروسىدا ، مىلادى - 571 يىلى - 4 ئاينىڭ - 21 كۇنى رەبىئۇل ئەۋۋەل ( ھىجرىيىنىڭ - 3 ئېيى ) نىڭ - 9 كۇنى دۇشەنبە ئەتتىگەندە بامدات نامازدىن سەل بۇرۇن ھاۋانىڭ ساپ - سالقىن ۋاقتىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئانىسىنىڭ قوسىغىدا ئىككى ئايلىق بولغاندا دادىسى ۋاپات بولغان، تورت ياشقا كىرگەندە ئانىسى ئامىنە ۋاپات بۇلۇپ، چوڭ دادىسى ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ قولىغا قالغان، ئابدۇلمۇتەللىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەككىز ياشقا كىرگەندە ۋاپات بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دادىسىنىڭ قېرىندىشى تاغىسى ئەبۇ تالىبنىڭ ئالدىدا چوڭ بولغان . ئون ئىككى يېشىدا شامغا تاغىسى ئەبۇ تالىبقا ئەگىشىپ بىر قېتىم بارغان، ئۇ يىگىرمە بەش ياشقا كىرگەندە شامغا تىجارەت بىلەن ئىككىنچى قېتىم بارغان، ئۇ يەردىن كېلىپ، تۇنجى ئايالى خەدىچە بىنتى خۇۋەيلىد بىلەن توي قىلغان، بۇ چاغدا رەسۇلۇللا يىگىرمە بەش ياش، خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا قىرىق ياشقا كىرگەن ئىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوتتۇز بەش ياشقا كىرگەندە مەككىدىكى كەبىنى يەنى ھازىرقى ھاجىلار تاۋاپ قىلىپ دەۋر قىلىۋاتقان، مۇسۇلمانلار ناماز ئۇقۇغاندا يۈزلىنىدىغان قىبلىسى بەيتۇللانىڭ قايتا سېلىش قۇرۇلىشىغا قاتناشقان، چۈنكى مەككىگە كەلگەن بىر قېتىملىق كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبىدىن بەيتۇللانىڭ تاملىرى ئاجىراپ كەتكەن ئىدى. ئۇ قىرىق ياشقىچە يۇرتى مەككىدە كۆپىنچە چارۋىچىلىق بىر قىسىم تىجارەت بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى ئەبۇ تالىپمۇ مەككە مۇشرىكلىرىغا ئوخشاش بىر مۇشرىك ئىدى، ھەم ساۋاتسىز ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياشىغان دەۋرىدە مەككەدە پەقەت بىر قانچە ئادەملا خەت ئۇقۇيالايتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ بىرەرسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ تەلىم ئالمىغان، ئەگەر تەلىم ئالغان بولسا ئەلۋەتتە ئۇنى مەككە مۇشرىكلىرى ئۇ پەيغەمبەر بولغاندا، سەن پالانىدىن تەلىم ئالغان شۇنىڭدىن ئۆرگەنگەن بولۇشۇڭ مۇمكىن، دەپ زورىغا بولسىمۇ بۇ گەپنى قىلىپ باقاتتى. لېكىن ھىچكىم ئۇنداق دېمىدى، دېگەن بولسا ئۇ خەۋەر بىزگە ئەلۋەتتە يېتەتتى. شۇڭا بىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تارىخى سۆزلەنگەن ھەر قانداق ماتىرىياللارغا قارىساق ئۇنىڭ ساۋاتسىز بىر پەيغەمبەر ئىكەنلىگىنى تىلغا ئېلىنىدۇ .

ۋاپاتى[تەھرىر]

سۇننەت ۋە ھەدىس[تەھرىر]

ھەققىدە تالاش تارتىش[تەھرىر]

تارىخى ئەھمىيتى[تەھرىر]

سىرىتقى ئۇلىنىش[تەھرىر]

پايدىلانغان مەنبەلەر[تەھرىر]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇيۇك ئەخلاققا ئىگە بۇلۇپ ئەخلاق جەھەتتە زىمىندا تەڭدىشى يوق ئىدى ، ئاللاھ ئۇنى قۇرئاندا ماختاپ مۇنداق دەيدۇ : سەن ھەقىقەتەن بۇيۇك ئەخلاققا ئىگىسەن ( سۈرە نۇن ، 4 - ئايەت ) ئۇ ھاياتىدا بىرەر قېتىم چاقچاق قىلىپمۇ يالغان گەپ قىلىپ باقمىدى ۋە ئىنساننىڭ تەبىئىتى يىرگىنىدىغان سەت قىلىق ياكى ئەخلاقسىزلىقمۇ قىلىپ باقمىدى ،ئاددىسى ئادەم بار يەردە بۇنىنى تاشلاپ باقمىدى ، بۇ مۇمكىنمۇ ! ، بىر ئادەمنىڭ بىر ئومۇر پەقەت يالغان گەپ قىلماي ياشىيالىشى ھەم ئىنساننىڭ تەبىئىتى يىرگىنىدىغان ئىشلاردىن پەقەتلا خالى بۇلالىشى مۇمكىنمۇ! ، ئادەمنىڭ بۇنداق ئىشلىرىنى بىر ئادەم كورمىسە بىر ئادەم كورىدۇ ، بىر ئادەم ئاڭلىمىسا بىر ئادەم ئاڭلايدۇ ، لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۇنداق ناچار بىر ئىللەت ( ئەمىلىيەتتە بۇ ئادەتتىكى ئادەملەر ئۇچۇن ناچار ئىللەت دەپ قارالمىغىنى بىلەن ، پۇتۇن ئىنسانلار ئەگىشىشكە بۇيرۇلغان شەخىس ئۇچۇن ، ئەلۋەتتە چوڭ ئىللەت ھېساپلىنىدۇ. ) كۇرۇنگەنلىك خەۋەرى ئۇنىڭ ساھابىللىرىدىن بولسۇن ياكى دۇشمەنلىرىدىن بولسۇن ، پەقەتلا كەلمىدى. ئۇ جاھالەتنىڭ ئىشلىرىدىن بۇتقا سەجدە قىلىش ، ھاراق ئىچىش ، زىنا قىلىش ، بۇتلار ئۇچۇن ئولتۇرۇلگەن قوي ياكى توگىلەرنىڭ گوشلىرىنى يىيىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ بىرەرسىنمۇ قىلىپ باقمىدى ، بۇ ئىشلارنى ئۇ ئوز تەبئىتىگە زورلاپ ئەمەس ، بەلكى ئۇزىنىڭ تەبئىتىدىنلا ياقتۇرماي قىلمىدى ، ( پەيغەمبەرلەر مانا شۇنداق تەبىئەت بىلەن يارىتىلىدۇ . ) ئۇ ئۇزىنىڭ كىيىن پەيغەمبەر بولىدىغانلىغىدىن پەقەتلا خەۋىرى يوق ئىدى . بەلكىم توھمەتخورلا ئۇنىڭ ئۇ ئەيىپلىرى توغۇرلۇق خەۋەرلەرنى مۇسۇلمانلار ئۇنىڭغا يان بېسىپ يەتكۇزمىگەن ، يېپىپ ئوتكۇزىۋەتكەن ، دىيىشى مۇمكىن . مۇسۇلمان بۇرادەرلەر ، سىلە دەپ بېقىڭلار ! بىر ئادەمنىڭ بۇلۇپمۇ دۇنياۋى مەشھور ، دوستلىرىدىن دۇشمىنى كوپ بولغان ، بىر شەخىسنىڭ ئەيىپلىرىنى ئەتراپىدىكى دوستلىرى ، دۇنيا يۇزىدىن ھەتتا تارىخ يۇزىدىن يېپىپ كېتەلىشى مۇمكىنمۇ ؟! . ئۇنىڭدىن باشقا ئەتراپىدىكى ساھابىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىش - ئىزلىرىنى ( ھەدىستە ) رىۋايەت قىلىپ بىزگە ئۇنىڭ سوزلىرىدىن تارتىپ ئىش ھەركەتلىرىگىچە يەتكۇزدى. ھەتتا ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاھارەت ئېلىپ ئىستىنجا قىلغاندا ئۇچ تاش ئىشلەتكەنگە ئوخشاش ، ئەڭ ئىنچىكە ئىشلىرىنىمۇ رىۋايەت قىلدى، بۇنىڭدەك كىچىك ئىشلارنىمۇ قالدۇرماي يەتكۇزگەن يەردە شۇنچىۋالا چوڭ ئىشلارنى تاشلاپ قويارمۇ ؟ ئۇ توھمەتخورلار نىمە دىگەن رەززىل ! .ئۇلار يەنى مەككە مۇشرىكلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۇ پەيغەمبەر بۇلۇشتىن ئىلگىرى ئەمىن ( ئىشەنچىلىك ) دىگەن تەخەللۇسنى بىرىپ مۇھەممەد ئەمىن دەپ ئاتاشتى، ئۇنى باشقا بىرى ئەمەس ، بەلكى دەل مەككە مۇشرىكلىرى يەنى كىيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەشەددى دۇشمەنلىك قىلغان مۇشرىكلار بەردى. ئەگەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدا ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش ، يالغان گەپ قىلىشتەك ئەھۋال كۇرۇلگەن بولسا ئەمىن دىگەن تەخەللۇسنى ھەرگىز بەرمىگەن بولاتتى ، بۇمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا نەقەدەر ئىسىل ياشىغانلىغىنى كورسىتىدۇ .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كامالەت يېشى بولغان قىرىق ياشقا يەتكەندە ، ئاللاھ ئۇنى پۇتۇن ئىنسانلارنى جاھالەت قاراڭغۇلۇقىدىن مەرىپەت يۇرۇقلۇقىغا چىقىرىش مەقسىتىدە بېشارەتچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى . مەرھوم مەھمۇد پاشانىڭ ئېنىقلىشىچە بۇ ۋەقە مىلادىنىڭ - 610 يىلى - 2 ئاينىڭ باش تەرەپلىرىدە بولغان . ۋەھى ئەڭ دەسلىۋىدە راست چۇشلەردىن باشلاندى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كورگەن چۇشلىرى تاڭ نۇرىدەك روشەن ئىدى. چۇنكى ئاللانىڭ ئوز مەخلۇقاتلىرىغا قوللانغان ئادىتى ئۇلارنى ھەممە ئىشتا پەيدىن - پەي كامالەت دەرىجىسىگە يەتكۇزۇش ئىدى . پەرىشتىدىن ۋەھىنى ( ۋەھىنىڭ لوغەت مەنىسى مەخپى سىردىشىش ، مەخپى پاراڭلىشىش دىگەن بولىدۇ ، شەرىئەتتىكى مەنىسى بولسا پەيغەمبەرنىڭ پەرىشتىدىن ئاللاھ تەرەپتىن كەلگەن خەۋەرنى تاپشۇرۇۋىلىشى ) تۇنجى قۇبۇل قىلىش ئىنسانغا تولىمۇ قىيىن ئىدى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىسى چۇشۇدە نىمىنى كورسە كۇندۇزى شۇ چۇشۇدە كورگەن ئەھۋال جەمئىيەتتە ئەينەن يۇز بېرەتتى . مۇشۇنداق ئەھۋال داۋاملىشىپ تۇرغان بىر ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەبئى ھالدا يالغۇزلۇقنى خالايدىغان بۇلۇپ قالدى ، يالغۇزلۇقتا كىشىنىڭ كوڭلى ساپ بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇزۇقلۇق ئېلىۋىلىپ ھىرا غارىغا ( مەككىگە يېقىن جايدىكى بىر تاغنىڭ غارى ) بىرىپ ئىستىقامەت بىلەن ئولتۇردى. ئۇزۇقلۇق تۇگىسە ئويىگە قايتىپ ئۇزۇقلۇق ئېلىپ كەلدى ، شۇنداق تۇرۇۋاتقان كۇنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ تاغ ئۇستىدە تۇرغاندا ، ئۇنىڭ ئالدىدا بىر شەخىس پەيدا بۇلۇپ : بىشارەت ساڭا مۇھەممەد ! مەن بولسام جىبرىئىل ، سەن بولساڭ ئاللاھنىڭ مۇشۇ ئۇممەتلەرگە ئەۋەتكەن ئەلچىسى ، دىدى. ئاندىن كىيىن ئۇنىڭغا ئۇقۇ ! دېدى. رەسۇلۇللا : ئۇقۇشنى بىلمەيمەن ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇممى بۇلۇپ ، بۇرۇن ئۇقۇشنى ئوگەنمىگەن ئىدى، جىبرىئىل ئۇنى تۇتۇپ قاتتىق سىقتى ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چارچىدى، جىبرىئىل ئۇنى قۇيۇۋىتىپ : ئۇقۇ ! دېدى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : ئۇقۇشنى بىلمەيمەن ،دېدى . ئىككىنچى قېتىم يەنە قاتتىق سىقىپ قۇيۇۋېتىپ : ئۇقۇ ! دېدى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : ئۇقۇشنى ئۇقمايمەن ، دېدى . ئۈچۇنچى قېتىم يەنە قاتتىق سىقىپ قۇيۇۋېتىپ : ياراتقان رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئۇقۇغىن ، ئىنساننى ئۇيۇل قاندىن ياراتتى ، ئۇقىغىن ، رەببىڭ ئەڭ ھورمەتلىكتۇر . ئۇ قەلەم بىلەن يىزىشنى ئوگەتتى ، ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى ئوگەتتى . ( سورە ئەلەق ،- 1 ئايەتتىن - 5 ئايەتكىچە ) دېدى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەرىشتە بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچۇرىشىشى تۇپەيلىدىن پەيدا بولغان قورقۇنچ بىلەن قايتىپ كەلدى . ئۆزىدىكى قورقۇنچىدىن بولغان تىتىرەكنى بېسىش ئۇچۇن ، ئايالى خەدىچىگە : مېنى يوگەپ قۇيۇڭلار ، يوگەپ قۇيۇڭلار ! دېدى . خەدىچە ئۇنى قورقۇنچىسى بېسىققىچە يوگەپ قويدى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەدىچىگە ئەھۋالنى بايان قىلىپ : ئوزەمدىن قورقۇپ قالدىم ، دېدى . چۇنكى پەرىشتە ئۇنى شۇنداق سىققان ئىدىكى ، جېنى چىقىپ كەتكىلى تاس قالغانىدى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىبرىئىل ۋە ئۇنىڭ شەكلى توغرىسىدا بىخەۋەر ئىدى. خەدىچە : ئۇنداق ئەمەس . ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ، ئاللاھ سىنى ھەرگىز رەسۋا قىلمايدۇ ، چۇنكى سەن خىش - ئەقرىبالارغا سىلە - رەھىم قىلىسەن ، ئاجىز - بىچارىلەرگە ياردەم قىلىسەن ، يوقسۇللارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىسەن ، مېھمانلارنى ياخشى كۇتىسەن ، مەزلۇملارغا ياردەم قىلىسەن ، ئاللاھ ساڭا شەيتاننى ۋە بولمىغۇر خىياللارنى ئاپرىدە قىلمايدۇ . شۇبھىسىزكى ، خەلقىڭنى ھىدايەت قىلىش ئۇچۇن ئاللاھ سېنى تاللاپتۇ ، دېدى .

بىز مۇسۇلمانلار ھىرا غارىدا تۇنجى بۇلۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جىبرىئىل بىلەن ئۇچۇراشقانلىغىغا ھەقىقەتەن شەكسىز ئىشىنىمىز . رەسۇلۇللا تۇنجى ۋەھىنى جىبرىئىلدىن قۇبۇل قىلىپ ، كەلگەن شۇ چاغدا ئۇنىڭ چىرايلىرى قورقۇپ سارغىيىپ ، بەدەنلىرى تىتىرەپ كەتكەن ئىدى ، جىبرىئىل ئاللاھنىڭ ئەڭ يېقىن پەرىشتىسى ، ھەم ئىنسانغا نىسپەتەن يات بىر مەخلۇق ( ئاللاھ ياراتقان ھەر بىر نەرسە بىر مەخلۇق ھېساپلىنىدۇ ، يەنى يارتۇلغۇچى دىگەن مەنادا . ئىنسان ، جىن ، پەرىشتىلەرمۇ شۇنداق ) بولغانلىغى ئۇچۇن ، رەسۇلۇللا بۇ ھىچكىم يوق بىر ۋادىدا تۇيۇقسىز پەيدا بۇلۇپ ياققىسىدىن قاتتىق سىقىپ تۇرۇپ سوزلىگەن بۇ پەرىشتىدىن چۇچۇپ كەتكەن ئىدى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇيىگە قايتىپ كىلىپ كىيىمىگە يوگىنىۋالغان ، ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ : ئى ( ۋەھى نازىل بولغان چاغدا ) كىيىمىگە چۇمكىلىۋالغۇچى ( پەيغەمبەر ! ) تۇر ! ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇر . ( سورە مۇددەسسىر ، 1 - 2 - ئايەت ) .

بىز ئىنساپ بىلەن ، ئەقىل بىلەن تەپەككۇر يۇرگىزىدىغان بولساق رەسۇلۇللانىڭ ھەقىقى پەيغەمبەرلىگىنى كۇرۇۋالالايمىز ، بىر ئادەم ھىچنىمىدىن ھىچنىمە يوق چىرايىمنى قورقۇنۇش بىلەن سارغايتالايمەن دەپ ، سارغايتالامدۇ ؟ ھىچنىمىدىن ھىچنىمە يوق قورقۇنۇشدىن بەدەنلىرىمنى تىتىرتەلەيمەن دەپ تىتىرتەلەمدۇ ؟ دىمەك بۇ يەردە ھەرگىزمۇ رەسۇلۇللا ئوزلىگىدىن بىر ئىشنى مەيدانغا ئېلىپ چىقىش ئۇچۇن ياكى دىن ئىجاد قىلىش ئۇچۇن ، ئۇنداق تىتىرەپ ، چىرايىنى سارغايتىپ كەلگەن ئەمەس ، بەلكى ئۇ جىبرىئىل بىلەن چۇقۇم ئۇچۇراشقان ئىدى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋەھىنى جىبرىئىل بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ ئۇنىڭدىن قۇبۇل قىلغان ، ئۇ ھەرگىزمۇ قانداقتۇر كاپىرلار دىگەندەك رەسۇلۇللا ھىرا غارىدا تەپەككۇر قىلىپ تاپقان ئىش ئەمەس ، قۇرئاندەك بىر كىتاپنى بىر ئادەمنىڭ تەپەككۇر قىلىپ مەيدانغا ئەپچىقالىشى ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس ، ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ : بەندىمىز ( مۇھەممەد ) گە بىز نازىل قىلغان قۇرئاندىن شەكلانساڭلار، قۇرئانغا ئوخشاش بىرەر سۈرىنى مەيدانغا چىقىرىپ بېقىڭلار ( قۇرئانغا تەئەررۇز قىلىشتا ) ئاللاھدىن باشقا ياردەمچىڭلارنىڭ ھەممىسىنى ( ياردەمگە ) چاقىرىڭلار ، ( قۇرئان ئىنساننىڭ سۆزى دېگەن گېپىڭلادا ) راستچىل بولساڭلار. ( سورە بەقەر ، 23 - ئايەت ) . بۇ زىمىن يۇزىدە قۇرئاندىن باشقا بىر كىتاپتا ، يەر شارىنىڭ پەيدا بۇلىشىدىن ئۇنىڭ يوقاپ كىتىشىگىچە ياشىغان ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىگە قارىتا بۇنداق مەن قىلغاننى سەن قىلىپ باقە ! دەپ مەردانىلىق بىلەن ئۇتتۇرىغا قويغان بىر چاقىرىقنى ئۇچۇراتقىلى بولمايدۇ ، ئەگەر ئۇ ئاللاھ تەرەپتىن نازىل بولغان كىتاپ بولماي ، بىر ئىنساننىڭ يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدەك بىر ئەرەپ بالىسىنىڭ سۇزى بولىدىغان بولسا ، سوزدە ئۇنداق چوڭ يەردىن چۇشمىگەن بولاتتى ، شۇنداق دىگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا قارىتا دۇنيا يۇزىدىكى مانا مەن دەپ تۇرغان ھەر نوچىلا ، ئەلۋەتتە ئىنكاس قايتۇرۇپ مانا مەن بۇنى قىلدىمغۇ ! سىنىڭكىدىن ئېسىل ، بۇنىڭغا نىمە دەيسەن ! دەپ ئوتتۇرغا قويغان بولاتتى . دۇنيا نۇبىل مۇكاپاتىنىڭ ئاتمىش پىرسەنتىنى ئېگەللىگەن ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەشەددى تارىخى دۇشمىنى بولغان يەھۇدىلارمۇ ، بۇ ئايەتكە سۇكۇت قىلىپ تۇردىغۇ ! ، قىرىق يىل دۇم يېتىپ ، ( كاپتال ) دىگەن كىتاپنى يازغان ، ھەم : دىن زەھەرلىك ئەپيۇن دىگەن . ماركىسمۇ بۇ ئايەتنى كورمەسكە سالغاممىدۇ ؟! دۇنيادا قۇرئاننىڭ تەرجىمىسى ئاساسى جەھەتتىن ھەممە تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ بولدى . دىمەك دۇنيا بۇ ئايەتتىن ئاساسى جەھەتتىن خەۋەر تېپىپ بولدى ، لېكىن سۇكۇت قىلماقتا ، چۇنكى ئۇ ئىنساننىڭ سۇزى ئەمەستە . بىز ھەر قانداق بىر يازغۇچىنىڭ يازغان ئەسەرلىرىدە ئۇنىڭ ناھايىتى تاۋازۇ بىلەن : ھەر قانداق بىر ئادەم كەمچىللىكتىن خالى ئەمەس، كىتابخانلارنىڭ خاتالىقلىرىمنى كەچۇرىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن . دىگەن ئىنسانى ئاجىزلىق ئىچىدىكى يازمىللىرىنى كورىمىز .


قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان پەيغەمبەرلەر[تەھرىر]

ئادەم || ئىدرىس || نۇھ || ھۇد || سالىھ || ئىبراھىم || لۇت || ئىسمائىل || ئىسھاق || يەئقۇب || يۇسۇڧ || ئەييۇب || شۇئەييۇب || مۇسا || ھارۇن || داۋۇد || سۇلايمان || زۇلكېڧىل || يۇنۇس || ئىلياس || ئەليەسە || زەكەرىيا || يەھيا || ئىسا || مۇھەممەد س.ئە.ۋ

  1. Elizabeth Goldman (1995), p. 63 gives 8 June 632, the dominant Islamic tradition. Many earlier, mainly non-Islamic traditions refer to him as still alive at the time of the invasion of Palestine. See Stephen J. Shoemaker,The Death of a Prophet: The End of Muhammad's Life and the Beginnings of Islam, University of Pennsylvania Press, 2011.
  2. http://www.nytimes.com/roomfordebate/2012/10/04/is-islam-an-obstacle-to-democracy/from-its-earliest-days-islam-respects-plurality%7Ctitle
  3. http://www.politicalislam.com/blog/mohammed/http://web.archive.org/web/20160307035621/https://www.politicalislam.com/blog/mohammed/
  4. http://books.google.com/?id=U94S6N2zECAC&pg=PA101&dq=non-Muslims+Muhammad+%22founder+of+islam%22#v=onepage&q=non-Muslims%20Muhammad%20%22founder%20of%20islam%22&f=false
  5. Esposito (1998), p. 12.
  6. Esposito (2002b), pp. 4–5.
  7. Ann Goldman, Richard Hain, Stephen Liben (2006), p. 212
  8. سۇرە بەقەرە, 89
  9. سۇرە ئەئراف, 157
  10. Halebî, ئەسسىراتۇل ھەلەبىييە, 1:353
  11. ئەل ئەنۋارۇل مۇھەددىييە مىنەل مەۋاھىبۇل لەدۇنييە، 143-بەت، s. 143 (ئىبنى ئابباستىن رىۋايەت قىلىنغان)
  12. İslam'a Cevap