ئەييۇب ئەلەيھىسسالام

ئورنى Wikipedia

UYGHURCHE, [[{{{2}}}|УЙҒУРЧӘ]]


ئىسلام

قۇرئاندا زىكىر قىلىنغان پەيغەمبەرلەر

ئادەمئىدرىس

نۇھھۇدسالىھ

ئىبراھىملۇت

ئىسمائىلئىسھاق

يەئقۇبيۇسۇڧ

ئەييۇبشۇئەيب

مۇساھارۇن

داۋۇدسۇلايمان

زۇلكېڧىليۇنۇسئىلياس

ئەليەسەزەكەرىيا

يەھيائىسا

مۇھەممەد بىن ئابدۇللاھ

ھەزرىتى ئەييۇب (ئەرەبچە: أيوب، ئىبرانىيچە:אִיּוֹב)، قۇرئاندا زىكىر قىلىنغان پەيغەمبەرلەردىن بىرى. ھەزرىتى ئىسھاقنىڭ پۇشتىدىن بولۇپ، كېسەللىك ۋە قىيىنچىلىقلارغا سەبر ۋە بەرداشلىق بېرىشى بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىلىدىغان بىر پەيغەمبەردۇر.


ئىسلامدا ئەييۇب ئە.س[تەھرىرلەش]

ھەزرىتى ئەييۇب قۇرئاندا تۆرت يەردە تىلغا ئېلىنغان ۋە سەبرچانلىق نەمۇنىسى سۈپىتىدە تەقدىم قىلىنغان. ئىسلام مەنبئەلىرىچە، ھارران رايونىدا ياشىغۇچى ۋە ئىنتايىن باي بىرى بولۇپ، سان-ساناقسىز مال-مۈلك، نۇرغۇن ئوغۇل قىزى بولغان ھەزرىتى ئەييۇب، ئۆز قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئىبەرىلگەن. بۇگۈنكى تۈركىيەنىڭ ئۇرڧا ۋىلايىتىدە بىر غار بولۇپ، ھەزرىتى ئەييۇب ئەلەيھىسسالام بۇ يەردە دەرد سىنالغان دەپ قارىلىدۇ ۋە زىيارەت قىلىنىدۇ.
دۇنيا يۈزىدە تۈركىيەنىڭ ئۇرڧادا، سۇرىيەنىڭ دەمەشىقتە، ئومان مەملىكىتىدە، يەمەن ئېلىدە ۋە ئىراق دۆلىتىدە ھەزرىتى ئەييۇب پەيغەمبەرنىڭ مازارى دەپ قارالغان يەرلەر باردۇر.