ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام

ئورنى Wikipedia

UYGHURCHE, [[{{{2}}}|УЙҒУРЧӘ]]

ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام

ئاتا ئانىسى ئىبراھىم ۋە ھاجەر
نەسەبى إسماعيل بن إبراهيم بن تارح بن ناحور بن ساروغ بن راغو بن فالغ بن عابر بن شالح بن أرفخشذ بن سام بن نوح.

ھەزرىتى ئىسمائىل، (ئەرەبچە: إسماعيل) ئىبراھىمىي دىنلەردە تونۇلغان بىر پەيغەمبەردۇر. بولۇپمۇ ئىسلام دىنىدا يېرى ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

ئىسمائىلنىڭ توغۇلىشى ۋە نەسەبى[تەھرىرلەش]

قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان پەيغەمبەرلەردىندۇر. ئاتىسى ئىبراھىم ، ئانىسى ھەزرىتى ھاجەر ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغاندۇر. ئۇنىڭغا زەبىھەتۇللاھ يەئنى اللەنىڭ قۇربانى ھەم دېيىلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەجدادىدۇر.

ئىبراھىم بۇ يەردە (كەنئان) ياشىدى. ئىبراھىم 86 ياش ۋاقتىدا ھاجەردىن ئوغلى ئىسمائىل توغۇلدى. كېيىنچە ئىبراھىم 100، سارا 90 ياشقا كىرگەندە سارادىنمۇ ئىسھاق توغۇلدى. (يارىتىلىش 17:17-27)

ئىسلام

قۇرئاندا زىكىر قىلىنغان پەيغەمبەرلەر

ئادەم﵇ • ئىدرىس

نۇھ﵇ • ھۇد﵇ • سالىھ

ئىبراھىم﵇ • لۇت

ئىسمائىل﵇ • ئىسھاق

يەئقۇب﵇ • يۇسۇڧ

ئەييۇب﵇ • شۇئەيب

مۇسا﵇ • ھارۇن

داۋۇد﵇ • سۇلايمان

زۇلكېڧىل﵇ • يۇنۇس﵇ • ئىلياس

ئەليەسە﵇ • زەكەرىيا

يەھيا﵇ • ئىسا

مۇھەممەد بىن ئابدۇللاھ

ئىسمائىل ئىبرانىيچە ئشمائېل (ئىشما: ئاڭلاش، ئېل: تەڭرى) يىلتىزىن كەلمەكتە ۋە ''اللە ئاڭلىدى ۋە ئاڭلايدۇ'' دېگەن مەنىلەردىدۇر. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ڧەرزەندى بولمىغان ۋە اللەقا نەچچە قېتىملارچە ڧەرزەند تەلەپ قىلىپ يالۋارغان. نىھايەت اللە دۇئاسىنى قەبۇل قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا بىر ڧەرزەند ئاتا قىلغان. بۇ ۋەجدىن ھەزرىتى ئىبراھىم بالىسىنىڭ ئىسمىنى ''اللە دۇئايىمنى قەبۇل ئەتتى (ئىشمائېل)'' مەنىسدە ۋە كۈنىمىزدە ئەرەبچىدىكى ''ئىسمائىل'' دەپ قېلىپلاشقان ئىسىمنى قويغاندۇر.

ئىسلامى ۋە يەھۇدى مەنبئەلەرگە كۆرە، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ چوڭ ئوغلى ھەزرىتى ئىسمائىلنىڭ پۇشتى بۇگۈنكى ئەرەب مىللىتى، كىچىك ئوغلى بولمىش ھەزرىتى ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ پۇشتى بولسا يەئقۇب ئەلەيھىسسالامدىن تارالغان بەنى ئىسرائىل بولۇپ دەۋام قىلغانلىقىغا ئىشنىلىدۇ. ھەزرىتى ئىبراھىم تەۋراتقا كۆرە ھەزرىتى ھاجەر ۋە ھەزرىتى ئىسمائىلنى بۇگۈنكى بۇگۈنكى ئىئوردانىيە چىگىرىسىغا (پاران) ئىبەرگەن. ھەزرەتى ئىسمائىل ۋە ئەۋلادلىرى ئۇ يەردە چوڭ بولۇپ كۆپەيگەن. ئىئوردانىيە، ئەرەبىستان ۋە جەنۇبىي ئەدومنى قولغا كىرگۈزگەن. ئىسلامىي قاراشتا ئىسە ئىسمائىلنى ھەجەر بىلەن بىرگە بۇگۈنكى مەككەنىڭ ئورنىغا ئېلىپ كېلىنىدۇ ۋە زەمزەم قۇدۇقىنى تاپىدۇ. كېيىنچە ھەزرىتى ئىبراھىم كېلىپ ئوغلى ئىسمائىل بىلەن كەئبەنى ئىنشا قىلىدۇ. شۇنداقلا ھەزرىتى ئىبراھىم كۆرگەن بىر چۈشىگە بىنائەن ئوغلى ئىسمائىلنى قۇربانلىق قىلىپ سۇنغانلىقى، ۋە سوڭرە اللەنىڭ ئىسمائىلنىڭ ئورنىغا ئەرشتىن بىر قوچقار تۈشۈرۈلگەنلىكىگە ئىشىنىلىدۇ.

رَبِّ هَبْ لِي مِنَ الصَّالِحِينَ¤ فَبَشَّرْنَاهُ بِغُلَامٍ حَلِيمٍ¤ فَلَمَّا بَلَغَ مَعَهُ السَّعْيَ قَالَ يَا بُنَيَّ إِنِّي أَرَىٰ فِي الْمَنَامِ أَنِّي أَذْبَحُكَ فَانظُرْ مَاذَا تَرَىٰ ۚ قَالَ يَا أَبَتِ افْعَلْ مَا تُؤْمَرُ ۖ سَتَجِدُنِي إِن شَاءَ اللَّهُ مِنَ الصَّابِرِينَ¤ فَلَمَّا أَسْلَمَا وَتَلَّهُ لِلْجَبِينِ¤ وَنَادَيْنَاهُ أَن يَا إِبْرَاهِيمُ¤ قَدْ صَدَّقْتَ الرُّؤْيَا ۚ إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ¤ إِنَّ هَٰذَا لَهُوَ الْبَلَاءُ الْمُبِينُ¤ وَفَدَيْنَاهُ بِذِبْحٍ عَظِيمٍ¤

پەرۋەردىگارىم! ماڭا بىر ياخشى پەرزەنت ئاتا قىلغىن¤ بىز ئىبراھىمغا ناھايىتى مۇلايىم بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق¤ ئۇ ئىبراھىمنىڭ ئىش - كۈچلىرىگە يارىغۇدەك بولغان چاغدا، ئىبراھىم: «ئى ئوغلۇم! مەن سېنى بوغۇزلاپ قۇربانلىق قىلىشقا (ئەمر قىلىنىپ) چۈشەپتىمەن (پەيغەمبەرلەرنىڭ چۈشى ھەقىقەتتۇر ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرى ئاللاھ نىڭ ئەمرى بويىچە بولىدۇ)، ئويلاپ باققىنا! سېنىڭ قانداق پىكرىڭ بار؟» دېدى. ئۇ ئېيتتى: «ئى ئاتا! نېمىگە بۇيرۇلغان بولساڭ، شۇنى ئىجرا قىلغىن، خۇدا خالىسا (ئۇنىڭغا) مېنى سەۋر قىلغۇچى تاپىسەن¤ ئىككىسى (ئاللاھ نىڭ ئەمرىگە) بويسۇندى، ئىبراھىم ئۇنى (يەنى ئوغلىنى بوغۇزلاش ئۈچۈن) يېنى ياتقۇزدى¤ بىز ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! (ھېلىقى) چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ (يەنى چۈشۈڭدە بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈردۈڭ)» دەپ نىدا قىلدۇق. بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز¤ بىز ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! (ھېلىقى) چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ (يەنى چۈشۈڭدە بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈردۈڭ)» دەپ نىدا قىلدۇق. بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز¤ بۇ ھەقىقەتەن روشەن سىناقتۇر¤ بىز ئۇنىڭ ئورنىغا چوڭ بىر قۇربانلىقنى (يەنى جەننەتتىن چىققان قوچقارنى) بەردۇق¤ (سۇرە ساڧڧات: 100-107)

وَإِذْ يَرْفَعُ إِبْرَاهِيمُ الْقَوَاعِدَ مِنَ الْبَيْتِ وَإِسْمَاعِيلُ رَبَّنَا تَقَبَّلْ مِنَّا ۖ إِنَّكَ أَنتَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ¤

ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىل كەبىنىڭ ئۇلىنى قوپۇرۇۋېتىپ: «پەرۋەردىگارىمىز بىزنىڭ (خىزمىتىمىزنى) قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن (دۇئايىمىزنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، (نىيىتىمىزنى) بىلىپ تۇرغۇچىسەن¤ (سۇرە بەقەرە: 127)

وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ إِسْمَاعِيلَ ۚ إِنَّهُ كَانَ صَادِقَ الْوَعْدِ وَكَانَ رَسُولًا نَّبِيًّا¤ وَكَانَ يَأْمُرُ أَهْلَهُ بِالصَّلَاةِ وَالزَّكَاةِ وَكَانَ عِندَ رَبِّهِ مَرْضِيًّا¤ (ئى مۇھەممەد!) كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ئىسمائىل (نىڭ قىسىسى) نى بايان قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ۋەدىسىدە راستچىل، ھەم رەسۇل، ھەم پەيغەمبەر ئىدى¤ ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇيتتى، پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن ئىدى¤ (سۇرە مەريەم: 54-55)

رَّبَّنَا إِنِّي أَسْكَنتُ مِن ذُرِّيَّتِي بِوَادٍ غَيْرِ ذِي زَرْعٍ عِندَ بَيْتِكَ الْمُحَرَّمِ رَبَّنَا لِيُقِيمُوا الصَّلَاةَ فَاجْعَلْ أَفْئِدَةً مِّنَ النَّاسِ تَهْوِي إِلَيْهِمْ وَارْزُقْهُم مِّنَ الثَّمَرَاتِ لَعَلَّهُمْ يَشْكُرُونَ¤

پەرۋەردىگارىمىز! ئەۋلادىمنىڭ بىر قىسىمىنى (يەنى بالام ئىسمائىل بىلەن ئايالىم ھاجەرنى) ناماز ئوقۇسۇن (يەنى ساڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپ) سېنىڭ ھۆرمەتلىك ئۆيۈڭنىڭ قېشىدىكى ئېكىنسىز بىر ۋادىغا (يەنى مەككىگە) ئورۇنلاشتۇردۇم، پەرۋەردىگارىمىز! بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ دىللىرىنى ئۇلارغا مايىل قىلغىن، ئۇلارنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگىن¤ (سۇرە ئىبراھىم: 37)

ھەزرىتى ئىسمائىلنىڭ 12 ئوغلى ۋە بىر قىزى بولغانىكەن:

  1. نَبَايُوتُ\ Nebaioth (نابىت)
  2. قِيدَارُ\ Kedar (قېيدار)
  3. أَدَبْئِيلُ\ Adbeel (ئىزىل\ئىدبىل)
  4. مِبْسَامُ\ Mibsam (مەسما\راما)
  5. مِشْمَاعُ\ Mishma (مىشا)
  6. دُومَةُ\ Dumah (دۇما)
  7. مَسَّا\ Massa (ماس\ماش)
  8. حَدَارُ\ Hadad (ئەزەر\ئەزۇر)
  9. تَيْمَا\ Tema (تاميا)
  10. يَطُورُ\ Jetur (كەتۇرا)
  11. نَافِيشُ\ Naphish (قاڧەس)
  12. قِدْمَةُ\ Kedemah (قايدمان)
  13. Mahalath (ماھالاس) ياكى Bashemath (باسما) - يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى ئەساۋ بىلەن توي قىلغان.

شەجەرە[تەھرىرلەش]

نۇھ ئوغلى سامدىن ئىبراھىمغىچە

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەزرىتى ھەجەر ۋە كەتھۇرادىن بولغان نەسلى

قاراڭ[تەھرىرلەش]

قۇربان ھېيت
كەئبە
ھەج