تەۋرات
تەۋرات، تورا ياكى پەنتاتېۇك (ئەرەبچە: تورة tawrat؛ ئىبرانىيچە: תורה Torah, گرېكچە: Πεντάτευχος پەنتاتېۋھوس)، تاناھ ۋە كونا ئەھدنىڭ تۇنجى بەش كىتابىغا بېرىلگەن ئىسىم. ھەزرەتى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بەش كىتابى دەپمۇ بىلىنىدۇ. ئەسلىدە ئىبرانىيچە يېزىلغاندۇر. پەرۋەردىگار تەرەفىدىن مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي قىلىنغانلىقىغا ئىشىنىلىدۇ. تەۋرات كەلىمىسى بەئزىدە تاناھنىڭ تامامى ئۈچۈنمۇ قوللىنىلىدۇ[1].
ئاتالغۇ
[تەھرىرلەش]تەۋرات ئاتالغۇسى، ئىبرانىچە توراھ سۆزلۈكىنىڭ ئەرەبچە شەكلىنىڭ ئۇيغۇرچە تەلەففۇزىدۇر. ئىبرانىچە ''ئۆرگەتمەك، كۆرسەتمەك، تەئلىم، قانۇن'' دېگەن مەنىلەرگە كېلىدۇ. تەۋراتنى تەشكىل قىلغۇچى كىتابلارنىڭ ئىنگىلىزچە ۋە بەئزى غەرب تىللىرىدا قوللىنىلغان ئىسىملىرى، تەۋراتنىڭ 2. ئەسردە تۈزۈلگەن يۇنانچە\گرىكچە تەرجىمىسىدىن كەلمەكتە. يۇنانچە بولغان Pentatefhos، penta (بەش) ۋە tefhos (نۇسخا، ) سۆزلۈكلىرىنىڭ بىرلىشىشىدىن تۈزۈلگەن.
خرىستىيانلىق، تەۋراتنى ۋە تاناھنىڭ باشقا كىتابلىرىنى مۇقەددەس بىلۇر، لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ ئىسا ئەلەيھىسسالام ۋاستىسى بىلەن يېڭى بىر ئەھد ئىبەرگەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. بۇ ۋەجدىن مۇسەۋىي مۇقەددەس كىتابنى كونا ئەھد دەپ ئاتايدۇ. يەھۇدىلىك، ئىسا پەيغەمبەرنى ۋە يېڭى ئەھدنى قەبۇل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن تاناھنىڭ كونا ئەھد دەپ ئاتىلىشىنى توغرا تاپمايدۇ.
بابلار
[تەھرىرلەش]مۇسا پەيغەمبەرنىڭ بەش كىتابى تۆۋەندىكىلەردۇر:
- تەكۋىن ياكى ياراتىلىش:
دۇنيانىڭ ۋە ئىنساننىڭ يارىتىلىشىنى، جەننەتتىن قوغلىنىش، نۇھ توپانى، ئىبرانىي خەلقىنىڭ ئاتالارى بولمىش ئىبراھىم، يەئقۇب ۋە يۇسۇفنى ئاڭلىتىدۇ.
- چىقىش ياكى مىسىردىن چىقىش:
يەھۇدىي خەلقىنىڭ مۇسا پەيغەمبەر رەھبەرلىكىدە مىسىردىن چىقىشىنى ۋە 40 يىل بويىچە سىنا چۆلىدە كېزىشىنى، ئون ئەمرنىڭ نازىل بولىشىنى، ئاساسىي قائىدىلەرنىڭ قەبۇلى ئاڭلىتىدۇ.
- لەۋىلىلەر:
ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كاھىن ئاتىلىشىنى ۋە كونا ئىسرائىلنىڭ تىۋىنىش ئۇسۇللىرىنى ئاڭلىتىدۇ.
- سانلار ياكى چۆلدە ساناق:
ئىسرائىل خەلقىنىڭ سىنا تېغىدىن كۆچۈپ كەنئان مەملىكىتىنىڭ شەرقى چىگرالىرىغا بارغۇنچە بولغان كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلىتىدۇ. شۇنداقلا كەنئان چىگرىسىدا تەڭرىنىڭ مۇسا ۋاستىسى بىلەن ئىبەرگەن قانۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
- تەسنىيە ياكى قانۇننىڭ تەكرارى:
مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ۋافاتىدىن بۇرۇن موئاۋ چۆلىدە خەلقىغە بەرگەن ئۆگۈتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئىسلام ئىتىقادىغا كۆرە تەۋرات
[تەھرىرلەش]قۇرئان كەرىمدە تەۋراتنىڭ اللە تەرەفىدىن مۇسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان بىر كىتاپ ئىكەنلىكى ئىپادە قىلىنىدۇ.
ئاندىن ئۇلار (يەئنى ئىسرائىل ئەۋلادى) ئكز پەرۋەردىگارىغا مۇلاقەت بولىدىغانلىقىغا ئىشەنسۇن دەپ، ياىشىلىق قىلغان ئادەمگە بېرىدۇرغان نېئمىتىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، (ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ دىنى ئىشلىرىدا ئىھتىياجلىق بولغان) ھەر بىر نەرسىنى تەفسىلى بايان قىلىش، (ئىسرائىل ئەۋلادىنى) ھىدايەت قىلىش ۋە (ئۇلارغا) رەھمەت قىلىش يۈزىسىدىن، مۇساغا كىتاب (يەئنى تەۋرات) ئاتا قىلدۇق. (سۇرە ئەنئام: 154)
قۇرئاندىن ئىلگىرى مۇسانىڭ كىتابى (يەئنى تەۋرات) ئەھلى جاھانغان پېشۋا ۋە رەھمەت ئىدى. بۇ ئەرەب تىلىدىكى كىتابدۇر، (ئىلگىرىكى كىتابلارنى) تەسدىق قىلغۇچىدۇر، (اللە ئۇنى) زالىملارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، ياخشى ئىش قىلغۇچى مۆئمىنلەرگە (جەننەت بىلەن) خوشخەۋەر بېرىش ئۈچۈن نازىل قىلدى. (سۇرە ئەھقاف: 12)
مۇسۇلمانلار تەۋراتنى مۇقەددەس كىتاب دەپ قەبۇل قىلىدۇ، لېكىن ئەسىل مەتنىنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆزەەرتىلگەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.