ئەرەب تىلى

ئورنى Wikipedia

UYGHURCHE, [[{{{2}}}|УЙҒУРЧӘ]]


ئەرەب تىلى\ئەرەبچە
اللُغة العَرَبِيّة/العَرَبِيّة

ئەرەبچە خۇشخەت
ئەرەبچە خۇشخەت
تەلەڧڧۇزى al-ʻarabīyah/ʻarabī
رايون ئوتتۇرا شەرق,ئەرەب يېرىم ئارىلى، شىمالىي ئاڧرىقا
ئېتنىك يىلتىزى ئەرەبلەر
قوللانغۇچىلار 422,391,860 (2015)
تىل ئائىلىسى



ئاڧرو-ئاسيا تىل سېستىمىسى
يېزىقى ئەرەب ئەلىڧبەسى
رەسمىي تىل ئەرەب ئىتتىڧاقى
تىل كودى

ISO 639-1
ISO 639-2
ISO 639-3


ar
ara
ara

ئەرەب تىلى ياكى ئەرەبچە (اللُغة العَرَبِيّة al-luġa l-‘arabiyya ياكى العَرَبِيّة al-‘arabiyya) بولسا ئاڧرو-ئاسيا تىل سېستىمىسى سامىي تىل ئائىلىسىگە تەئەللۇق بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ قەدىم تىللارنىڭ بىرىدۇر. ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى بولمىش قۇرئان كەرىم، ئەرەبچە يېزىلغاندۇر. بۇگۈن 60 دۆلەتتە قوللىنىلۋاتقان ئەرەبچە، دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ كىشى قوللىنىدىغان تىللارنىڭ بەشىنچىسىدۇر ۋە شۇنداقلا ب د ت دا قەبۇل قىلىنغان 6 رەسمىي تىلنىڭ بىرىدۇر. ئۇ دۇنيادىكى بىر مىليارد 600 مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلماننىڭ دىنى تىلى، شۇنداقلا قۇرئان كەرىمنىڭ تىلى، ھازىر دۇنيادا 250 مىلىوندىن ئارتۇق ئەرەب ۋە باشقا مىللەتلەر ئومومىيۈزلۈك قوللىنىدۇ.

ئورنى[تەھرىرلەش]

ئۆلچەملىك ئەرەبچە دەپ قوبۇل قىلىنغان بۇ تىل (العربية الفصحى) ئەرەبىيەتۇل ڧۇسھا (ڧەسىھ، تۈزۈك) دەپ تەرىڧلىنىدۇ ۋە پۈتكۈل ئەرەب ئەللىرىنىڭ رەسمىي تىلىدۇر. ئەرەب يېرىم ئارىلى ۋە شىمالىي ئاڧرىقادا خەلقنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى، ئىران ۋە تۈركىيەدە بولسا ئاز سانلىق ئەرەب توپلۇقلىرى قوللىنىدىغان تىللار، ئەرەبچىنىڭ لەھچىلىرىدۇر. ئۆلچەملىك ئەرەبچە ھەرقانداق بىر ئەلدە خەلق تىلى شەكلىدە قوللىنىلمايدۇ. شۇنداقلا رەسمىي تىل بولغانلىقى ئۈچۈن ئوقۇغان ھەر ئەرەب ئۆلچەملىك ئەرەبچىنى تۈشىنىدۇ ۋە سۆزلىيەلەيدۇ. ئۆلچەملىك ئەرەبچە دەپ قەبۇل قىلىنغان تىل قۇرئان كەرىمنىڭ تىلىدۇر. قۇرئان ئەرەبچە بولغانلىقى ئۈچۈن ئەرەب تىلى ئىسلام دىنىدا ئالاھىيدە بىر ئورۇنغا ئىگە.

ئەرەبچە سۆزلىشىدىغان دەۋلەتلەر[تەھرىرلەش]

ئەرەبچە، تۆۋەندىكى ئەللەردە بىردىنبىر رەسمىي تىل ياكى رەسمىي تىللاردىن بىرىسىدۇر:

بۇلاردىن باشقا ئاڧغانىستان، تۈركىيە، ئىران، ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەردە ياشىغۇچى ئەرەبلەرمۇ بۇ تىلدا سۆزلىشىدۇ.

ئەرەب ئەلڧبەسى[تەھرىرلەش]

ب ت ث ج ح خ د ذ ر ز س ش ص ض ط ظ ع غ ف ق ك ل م ن هـ و ء ي
ئەرەب ئەلڧبەسى 28 ھەرپتىن تەشكىل تاپىدۇ. بۇ ھەرپلەرنى شەكىللەندۈرگەن ئاساسلىق شەكىللەر 17 دۇر. ئەرەب ئەلڧبەسى ئوڭدىن سولغا يېزىلىدۇ. ھەرپلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۈھۈك تاۋۇشلاردۇر. ھەرپلەرنىڭ تەلەڧڧۇزىنى شەكىللەندۈرگەن؛ پەقەت دىنىي مەتىنلەر ۋە شىئېرلەر تېشىدا كۆپ قوللىنىلمايدىغان ھەرەكە دېيىلىدىغان ئىشارەتلەر بار. ئەرەب ھەرپلىرىنىڭ يازىلىشى، سۆزنىڭ بېشىدا، ئوتتۇرىسد ۋە ئاخىرىدا كېلىشىگە قاراپ قىسمەن ئوخشىماسلىقلارغا ئىگە.

ئەرەب ئەلىڧبەسى تارىختا ۋە كۈنىمىزدە پەقەتلا ئەرەبلەرگىلا خاس ئەلىڧبە بولمىغان، بولۇپمۇ ئىسلامنىڭ باشقا مىللەتلەر تەرىپىدىنمۇ قوللىنىلىشى بىلەن تۈركلەر، ئىزانلىقلار، پاكىستانلىقلارغا ئوخشاش ئاسيادىكى باشقا غەربىي ئەرەب قەۋىملەر تەرىپىدىنمۇ قوللىنىلغان. كۈنىمىزدە ئەرەب ئەللىرىدىن باشقا ئىران، پاكىستان، ئاڧغانىستان ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرتەرىپىدىن قوللىنىلماقتا. لېكىن، ئەرەب تىلىدىن باشقا تىللاردا قوللىنىشتا ئوخشىمىغان تاۋۇشلار ئۈچۈن، ئەلىڧبەنىڭ ئاساسىي شەكىللىرى ئۈستىدىن ئانچە مۇنچە ئۆزگەرتىشلەر قىلىنغاندۇر. مەسلەن: ڧارسچە ۋە تۈركىي تىللاردىكى چ تاۋۇشى ئەرەب ئەلىڧبەسىدە بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئىرانلىقلار ۋە تۈركلەر، ج (جىم) ھەرىپىنىڭ چىككىت سانىنى ئۈچكە ئۆزگەرتىپ چ (چىم) قىلىپ ئۆز ئەلىڧبەلىرىگە قوشقان.

ئەرەب ئەلىڧبەسى، ئوتتۇرا ئاسيا ۋە ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسى زېمىنلىرىدا ئۆزلەشتۈرۈلگەن، لاتىن ئەلىڧبەسىدىن قالسىلا دۇنيادا يېزىق تىلى سۈپىتىدە ئەڭ كۆپ قوللىنىلغان يېزىق سېستىمىسىدۇر. ئۇيغۇرلار 1950- يىللاردىن ئېتىبارەن كرېل، لاتىن ئەلىڧبەلىرىگە قىسمەن كۆچكەن. 1960- يىلىدىن 1980- يىلىغىچە يېڭى يېزىق نامىدا لاتىن ئەلىڧبەسىگە كۆچكەن. ئەرەب ئەلىڧبەسى مىلادىدىن كېيىنكى 2-4. ئەسرلەر ئارىسىدا نەباتى يېزىقىدىن تەرەققىي قىلغان بولۇپ، كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئەڭ قەدىمكى يازما ئۆرنەكلىرى م.ك 6. ئەسرگە (زەبەد 512، ھارران 568) تاقىلىدۇ. ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان ئەرەب ئەلىڧبەسىدىكى 28 ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ 22 سى سامى ئەلىڧبەسىدىن ئۆتۈشتە شەكىل ئۆزگەرتكەن تاۋۇشلار بولۇپ قالغان ئالتە تاۋۇش ئەرەبچىگە خاستۇر.

ئەرەبچە ۋە ڧېنىكچە[تەھرىرلەش]

سەمىتىك بىر تىل بولغان ڧىنىكچە بىلەن ئەرەبچە ئارىسىدا نۇرغۇن ئوخشاشلىقلار باردۇر. مىسالەن، ڧېنىك ئەلىڧبەسىنىڭ تۇنجى ھەرپى بولغان aleph  ۋە beth، ئەرەب ئەلىڧبەسىنڭ تۇنجى ئىككى ھەرپى بولغان  elif  ۋە be گە بەك ئوخشىشىپ كېتىدۇ.