بىرلەشمە ئەرەب ئەمىرلىكلىرى

ئورنى Wikipedia
بىرلەشمە ئەرەب ئەمىرلىكلىرى
دۆلەت بايرىقى

بىرلەشمە ئەرەب ئەمىرلىكلىرى (ئەرەبچە: الإمارات العربية المتحدة)، غەربىي ئاسىيادىكى ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان. 1971- يىلى 12- ئاينىڭ 2- كۈنى مۇستەقىل بولغان بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 83600 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئومۇمىي نۇفۇسى نوپۇسى 4 مىللىئون 621 مىڭ. پايتەختى ئەبۇزەبى. ئاھالىسى بىر مىليۇن 100 مىڭ، ئەڭ چوڭ شەھەر دۇبەي، ئاھالىسى بىر مىلىيۇن 500 مىڭ.

بىرلەشمە ئەرەب ئەمىرلىكلىرى ئەبۇ زەبى، دۇبەي، شارجا، ئۇممۇلقەيۋەين، فۇجەيرە، ئەجمان، رەئسۇلخەيمە قاتارلىق ئىچكى جەھەتتە مۇستەقىل يەتتە ئەمىرلىكنىڭ بىرلەشمىسى.

ئۆتمۈشى[تەھرىرلەش]

بىرلەشمە ئەرەب ئەمىرلىكلىرى ئارىلى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ئەڭ قەدىمى دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ مىلادىدىن 2000 يىل بۇرۇنلا بۇ يەردە ئادەملەر ئولتۇراقلاشقان، ئەمما تۇپراق ئۈنۈمسىز بولغانلىقتىن شالاڭ چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ۋە دېڭىزدىن مەرۋايىت قېزىش بۇ يەر خەلقلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى كەسپى بولۇپ قالغان. مىلادى 7-ئەسىرگە كەلگەندە بىرلەشمە ئەرەب ئەمىرلىكلىرىنىڭ ھەممە زىمىنى ئەرەب ئىسلام ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان. 8-ئەسىرگە كەلگەندە بىرلەشمە ئەرەب ئەمىرلىكلىرىنىڭ شەرقى قىسمى خاۋارىجلار مەزھىبىنىڭ قارارگاھىغا قاراشلىق بولۇپ قالغان. يەرلىك قەبىلىلەر بۇ ئادەمسىز نامرات رايوندا ئۆزىنىڭ جەمەت ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەن. 16-ئەسىرگە كەلگەندە پورتۇگالىيە بۇ رايوندا بىر نەچچە مۇستەملىكە پونكىتلىرىنى قۇرۇپ باققان بولسىمۇ، قەبىلىلەرنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمى ۋە قاقاس چۆللۈك ئۇلارنىڭ رايىنى قايتۇرۇپ ئۆزلىكىدىن چېكىنىپ كەتكەن. 17-ئەسىردە ئىبادىلار مەزھىبىنى ئاساس قىلغان ئومان ياربا سۇلالىسىىغا تەۋە بولغان. 18-ئەسىردە پۈتۈن بىرلەشمە ئەرەب ئەمىرلىكلىرى پارسلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان بولسىمۇ ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن يەرلىك قەبىلىلەر ھاكىمىيىتى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ پارىسلار بۇ يەردىن چېكىنىپ كەتكەن. 1820-يىلى ئەنگىلىيە دېڭىز قاراقچىلىرى ۋە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغۇچىلاردىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن يەرلىك ئەمىرلەر بىلەن «ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى» تۈزۈپ بۇ يەرلەرنى ئۇمۇملاشتۇرۇپ «تېلۇشېر ئۇمان»(ئۇرۇش توختاتقان ئۇمان دىگەن مەنىدە) دەپ ئاتىغان. نەتىجىدە ئەنگلىيە ھەر قايسى ئەمىرلىكلەرنى تەڭسىز شەرتنامە ئىمزالاشقا قىستاپ تەدرىجى سودا-ئىقتىسادنى تىزگىنلىۋالغان.

1968-يىلى ئەنگلىيە ئىسلام كېڭىشىگە بەرگەن ۋەدىسىگە بىنائەن 1971-يىلىدىن بۇرۇن سۇۋەيش قانىلىنىڭ شەرقىدىكى بارلىق قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ چېكىنىپ كەتكەنلىكتىن 1971-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى ئەبۇ زەبى، دۇبەي، ئاجمان، شارجا، ئۇممۇ قەيۋان، فۇجايراھ ئەمىرلىكلىرى بىرلىشىپ بىرلەشمە ئەرەب ئەمىرلىكلىرى بولۇپ قۇرۇلغان. 1972-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى خايماھ تۇمشۇقى ئەمىرلىكىمۇ بىرلەشمە ئەمىرلىكلەرگە قاتناشقان. يەتتە ئەمىرلىك بىرلەشمە يىغىن ئۆتكۈزۈپ ئارمىيە، ئامانلىق ۋە دىپلوماتىيە ئىشلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى قارار قىلغان.

بىرلەشمە ئەرەب ئەمىرلىكلىرى ئىقتىسادىدا چارۋىچىلىق ۋە كۆكتات تېرىشنى ئاساس قىلغان يېزا ئىگىلىك %2.3، نېفىت ۋە تەبىئى گاز قېزىشنى ئاساس قىلغان سانائەت 61.9%، ساياھەت-سودا كەسپىدىن قىلىنغان مۇلازىمەت %35.8 نى ئىگەللەيدۇ. بىرلەشمە ئەرەب ئەمىرلىكلىرىنىڭ 2006-يىللىق مىللىي ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 164 مىليارت دوللار، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 33 مىڭ 397 دوللار. نېفىت ۋە تەبىئىي گاز باھاسىنىڭ ئۆسۈشى تۈپەيلىدىن 2006-يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى %8.9 بولغان.

بىرلەشمە ئەرەب ئەمىرلىكلىرىنىڭ پۇلى دەرھەم. بىرلەشمە ئەرەب ئەمىرلىكلىرى دەرھەمىنىڭ كۇرسى بىر قەدەر يۇقىرى، قىممىتى ئاساسەن ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ماس قەدەملىك بولۇپ 90-يىللاردىن بۇيان 0.3673 بىرلەشمە ئەرەب ئەمىرلىكلىرى دەرھەمى=بىر دوللار بولۇۋاتىدۇ.

بىرلەشمە ئەرەب ئەمىرلىكلىرى 70-يىللاردىن بېرى نېفىت ۋە تەبىئى گاز ئېكىسپورتىغا تايىنىپ زور دەرىجىدە تاشقى پىرىۋوت توپلاپ دۆلەت ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرگەن. مۇستەقىل بولغاندىكى قانۇنغا ئاساسەن دۆلەت باشلىقى پىرىزدېنت دەپ ئاتىلىپ ئەبۇ زەبى ئەمىرلىكىنىڭ ئەمىرى پىرىزدېنت بولىدۇ، دۇبەي ئەمىرى باش مىنىستىر بولىدۇ، بۇ ئىككى ئەمىرلىكنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ، باشقا ئەمىرلىكلەر ھەر قايسى مىنىستىرلىقنى سايلاش ئىشلىرىغا قاتنىشىدۇ، ئەمىرلىكلەرنىڭ مۇداپىئە، ساقچى ۋە دىپلوماتىيىسى بىردەك بولىدۇ، ئىقتىساد، ئەدلىيە ۋە مائارىپ ئىشلىرىنى ئەمىرلىكلەر ئۆزى بىىر تەرەپ قىلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.

ئەمىرلەر كېڭىشى دۆلەتتىكى ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگان بولۇپ، ئوتتۇرا شەرق بويىچە ئىلغار دۆلەت باشقۇرۇش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ئىدىيىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان دۆلەت. خەلقئارا سودىنىڭ تەرەققىي قىلىشى نەتىجىسىدە ھازىر بىرلەشمە ئەرەب ئەمىرلىكلىرى نېفىتقا تايىنىشى ئاجىزلىغان، سانائەت ۋە جەمئىيىتى تەرەققىي قىلغان دۆلەت بولۇپ پەن-تېخنىكا ۋە ئۇل-ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى خېلىلا تەرەققى قىلغان. بىرلەشمە ئەرەب ئەمىرلىكلىرىنىڭ 2006-يىلىدىكى مۇقىم تېلېفون ئىشلەتكۈچىسى 1 مىلىيۇن 310 مىڭ، كۆچمە تېلېفون ئىشلەتكۈچىسى 5 مىلىيۇن 519 مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 1 مىلىيۇن 800 مىڭ 300 بولغان.