ئەرەب يېرىم ئارىلى

ئورنى Wikipedia
سۈنئىي ھەمراھدىن ئەرەب يېرىم ئارىلى

ئەرەب يېرىم ئارىلى (كوھنە ئاتى: جەزىرەتۇل ئەرەب) (ئەرەبچە: شبه الجزيرة العربية \ شىبھەل جەزىرەتۇل ئەرەبىييە ) ياكى ئەرەبىستان، ئاسيانىڭ غەربىي جەنۇبى ۋە ئاڧرىقانىڭ شەرقى شىمالىدا يەر ئالغان يېرىم ئارال. بۈيۈك قىسمى چۆل بولغان بۇ يېرىم ئارال، ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان نېڧىت ۋە تەبئىي گاز زاپاسلىرى بىلەن ئوتتۇرا شەرقنىڭ گىئوپولىتىك نوقتىدىن ئىنتايىن مۇھىم رايوندۇر. منىتىقەدە نۇپۇسنىڭ زور كۆپچىلىكى ئەرەب ۋە مۇسۇلمان ئەسىللىقتۇر. شۇنداقلا يېرىم ئارال، ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ تارقالغان يېرىدۇر. مۇقەددەس مەككەئى مۇكەررەمە ۋە مەدىنەئى مۇنەۋۋەرە شەھەرلىرى بۇ يېرىم ئارالدىدۇر.

يېرىم ئارالغا جايلاشقان ئەللەر سەئۇدى ئەرەبىستان، يەمەن، ئومان، بىرلەشمە ئەرەب ئەمىرلىكلىرى، قاتار، بەھرەين، كۇۋەيت، ئىراق ۋە ئىئوردانىيە قاتارلىقلاردۇر. بۇلار ئىچىدە ئىراق ۋە ئىئوردانىيە توپراقلىرىنىڭ بىر قىسمى ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ سىرتىدا قالىدۇر.


جوغراڧىيە[تەھرىرلەش]

     سىياسىي ئايرىمى     جوغراڧىي ئايرىمى

غەربىدە قىزلى دېڭىز، شەرقىي جەنۇبىدا ئۇممان دېڭىزى ۋە شەرقىدە پارس قولتۇقى باردۇر. يېرىم ئارالدا مۇھىم بولغان رايونلار غەربتىكى ھىجاز، ئىچكى قىسىمدىكى نەجد ۋە شەرقتىكى لاھسا (ئەل ھاسا) بىلەن بىرگە ھەم دەۋلەت نامى بولمىش ئۇممان ۋە يەمەن رايونلىرىدۇر.

روشەن يەر يۈزى شەكللىرى تۆۋەندىكىچە:

تاغلار

چۆللەر


جوغراپىيلىك ئورنى مەركەزدە ئەرەب يېرىم ئارىلى دەپ قارالغاندا: شىمالدا لەۋانت ۋە مېسسوپوتامىيە؛ غەربىي شىمالدا سىنا يېرىم ئارىلى ۋە ئەقەبە قولتۇقى؛
شەرقىي شىمالدا مېسسوپوتامىيە؛
جەنۇبتا ئەدەن قولتۇقى
غەربىي جەنۇبدا بابۇل مەندەب بوغۇزى؛
شەرقىي جەنۇبدا ئۇممان دېڭىزى؛
غەربتە قىزىل دېڭىز؛
شەرقتە پارس قولتۇقى ۋە ھورمۇز بوغۇزى؛

گېئولوگىيە[تەھرىرلەش]

گېئولوگىيە جەھەتتىن ئەرەب بەلبىغى دەپ ئاتالغان ۋە شىمالدا شەرقىي جەنۇب ئاناتولىيە رايونىغە قەدەر ئۇزارغان باشقا بىر بەلباغ ئۈستىدە يەر ئالىدۇ. بەلباغنىڭ ھەرىكەت يۆنىلىشى شىمالغا قارىغان.

تەبىئىتى[تەھرىرلەش]

رايونغا خاس نەسلى قۇرۇش ئالدىدىكى بەئزى تۈرلەر:

ئۆتمۈش[تەھرىرلەش]

ئەرەبىستان ۋە يېرىم ئارالدىكى ئۈچ مۇھىم رايون

تېخىمۇ كەڭ ئۇچۇر ئۈچۈن قاراڭ: ئىسلام دەۋلىتى

ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىندىن بۇرۇنقى ئەرەب يېرىم ئالىنى ئۈ دەۋىرگە بۆلۈش مۇمكىن:

  • Arabia Petrea: سىنا يېرىم ئارىلى ۋە يېرىم ئارالنىڭ غەربىي شىمالى قىرغاقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  • Arabia Deserta: شىمالدىكى چۆللۈك رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  • Arabia Felix: يېرىم ئارالنىڭ بۈيۈك بۆلۈمىنى قاپلىغان قالغان قىسىم.

ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن[تەھرىرلەش]

قاراڭ[تەھرىرلەش]