ئىراق

ئورنى Wikipedia
ئىراق جۇمھۇرىيىتى

الجمهورية العراقية ئەل جۇمھۇرىيەتۇل ئەل ئىراقىيە

دۆلەت گىمىنى
پايتەختى باغداد
ئەڭ چوڭ شەھرى باغداا
رەسمى تىلى ئەرەبچە، كۇرتچە
ئېتنىك گۇرۇپلار ئەرەبلەر، كۇرتلار، تۈركمەنلەر ۋ.ب
سىياسى سېستىمىسى پارلامېنتلىق جۇمھۇرىيەت
رەئىس جۇمھۇر به رهه م صالىح
باش مىنىستىر موسطافا ئه ل كاظمى
يەر مەيدانى 474،070 كۋادرات كم
نۇپۇسى (2015) 37،056،169
نۇپۇس زىچلىقى 82.7ئادەم/كم
كىشى بېشىغا توغرا كىلدىغان كىرىم
پۇل بىرلىكى
ۋاقىت رايۇنى
ئىنتېرنېت
خەلقارالىق تېېلفۇن كود نۇمۇرى
ئىراق
دۆلەت بايرىقى

ئىراق ئاسىيا قىتئەسى گە جايلاشقان بولۇپ ئەرەب بولمىغان دۆلەتلەر بىلەن چىگراداش بىردىنبىر پارس قولتۇغى ئەرەب دەۋلەتى بولۇپ شەرقتە ئىران، شىمالدا تۈركىيە، غەربتە سۈرىيە ۋە ئىئوردانىيە، جەنۇبدا سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە كۇۋەيت بىلەن قوشنىدۇر. ئىراق تارىختا «مېسوپوتامىيە» دەپ ئاتالغان بۇلۇپ، بۇ جاي ئىنسانلار مەدەنىيتى بارلىققا كەلگەن ئاساسلىق جايلارنىڭ بىرى، ھازىر ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىنىڭ قۇشۇنلىرى ئىراقنى بېسۋالغاچقا، ئىراق ۋەزىيتىدە زور ئۆزگىرىش بۇلۇۋاتىدۇ.

تارىخ[تەھرىرلەش]

ئېفرات ۋە دەژلە دەرياسى ئارىلىقىدىكى مېسوپوتامىيە تۈزلەڭلىكىدىكى مۇنبەت زېمىندا دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەت - سۇمېر، بابىل ۋە ئەسسۇرىيە مەدەنىيتى بارلىققا كەلگەن. مىلادىيە 656 - يىلى بۇ رايوننى ئەرەپ ئىمپېرىيەسى بېسىۋالغان. شۇنىڭدىن ئىلگىرىكى خېل ئۇزاق ۋاقىتلارغىچە بۇ جاي پېرسىيەنىڭ بىر قىسمى ئىدى. 762 - يىلى ئابباس خەلىپىلىكى (مىلادىيە 750 - يىلدىن 1250 - يىلغىچە) قەدىمقى بابىل يېنىدىكى باغدادقا كۆچكەن. شۇنىڭدىن كېيىن، تاكى ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيەسى ئۇنى قۇشۇۋالغىچە، باغداد ئەرەپ دۇنياسىنىڭ مەركىزى بولغان. ئەنگىلىيە ئارمىيەسى 1915 - يىلى ئىراقنى بېسىۋىلىپ، تاكى ئىراق 1932 - يىلى مۇستەقىل بولۇپ، ھاشىم خانلىقى ھۆكۈمرانلىقىدىكى پادىشاھلىق دۆلەت قۇرۇلغىچە، خەلقئارا ئىتتىپاق نامىدا ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 1968 - يىلى سوتسىيالىزىم ئارقا كۆرۈنۈشى بولغان ئىراق گۈللىنىش پارتىيەسى ھاشىم خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان. سەددام ھۈسەين 1979 - يىلى مەزكۈر پارتىيەنىڭ داھىيسى بولغان ھەم مۇستەبىت ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. سەددام ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندە ئوخشاش بولمىغان سىياسىي قاراشتىكىلەرگە ھەدەپ زەربە بەرگەن ھەم ئۇلارنى قىرغان. 1980 - يىلى ئىراق قوشنا دۆلەت ئىران بىلەن سەككىز يىل ئۇرۇشقان بۇلۇپ، 1988 - يىلى ئىككى دۆلەت ئاندىن ئۇرۇش توختاتقان.

1990 - يىلى ئىراق ئارمىيەسى كۇۋەيتكە تاجاۋۇز قىلغان، 2 - يىلى يانۋاردا پارس قۇلتۇقى ئۇرۇشى پاتىلغان بۇلۇپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى كۆپ دۆلەت قۇشۇنى ئىراقنى مەغلۇپ قىلىپ، كۇۋەيتتىن قوغلاپ چىقارغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دۆلەتلەر ئىراققا ئۇزاق ۋاقىت جازا يۈرگۈزگەن ھەم « ئىراقتا قىرغىنچىلىقى زور قۇراللار بار» دېگەننى باھانە قىلىپ، ب د ت نامىدا ئىراقنىڭ قورال - ياراغلىرىنى كۆپ قېتىم تەكشۈرگەن. 2003 - يىلى 20 - مارت ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر :« ئىراقنىڭ قىرغىنچىلىقى زور قوراللىرى بار، شۇنداقلا ب د ت بىلەن ھەمكارلاشمايۋاتىدۇ» دېگەن باھانە بىلەن ئىراققا بىرلىشىپ ئەسكەر چىقىرىپ، ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغىغان. ئاپرېلدا گۈللىنىش پارتىيەسى ھاكىمىيتى ئامېرىكا - ئەنگىلىيە بىرلەشمە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ، ئىراق ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئارمىيەسىنىڭ كونتۇرۇللۇقىغا ئۆتكەن بولسىمۇ، ئىراقتا قىرغىنچىلىقى زور بولغان قوراللار بارلىقى ھەققىدە ھازىرغىچە دەلىل - ئىسپات تېپىلمىدى.