ئىران

ئورنى Wikipedia
ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى
جمهوری اسلامی ایران
Flag of Iran.svg Emblem of Iran.svg
Iran in its region.svg
پايتەخت\ئەڭ چوڭ شەھىرى تېھران
يەر مەيدانى 1,648,195
نوپۇس 77,176,930 (2013)
دۆلەت تىلى پارس تىلى
دىن ئىسلام، شىئە مەزھىبى
ئېتنىك گۇرۇپلار پارسىلار %51،ئەزەربەيجان %25،

كۇرد %8، گىلان ۋە مازاندىران %7،

ئەرەب %3، لۇر %2، بەلۇجى %2،

تۈركمەن %2، باشقىلار %1

سىياسى سېستىمىسى ئىسلام جۇمھۇرىيىتى
رەئىس جۇمھۇر ھەسەن رۇھانى
پۇل بىرلىكى رىيال
ۋاقىت رايۇنى UTC+3:30

(ياز ۋاقىتى UTC+4:30)

ئىنتېرنېت ir.
خەلقارالىق تېېلفۇن كود نۇمۇرى +98

ئىران، تولۇق ئاتىلىشى ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى (فارسچە: جمهوری اسلامی ایران) بولسا ئاسىيا غاجايلاشقان بۇلۇپ ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ پايتەختى بولسا تېھران، ئەڭ چوڭ شەھىرى بولسا تېھران. دۆلەت تىلى بولسا پارس تىلى. ھازىرقى زۇڭتۇڭ ھەسەن رۇھانى. ھازىرقى باش ۋەزىر پارۋىز داۋوئودى. بۇ دۆلەت 1501 يىلى مۇستەققىل بولغان، يەر مەيدانى 1 مىلىيون 648 مىڭ 195 كۇۋادىرات كىلومىتىر، نوپۇسى 70 مىلىيون 472 مىڭ

ئۆتمۈشى[تەھرىر]

ئىران زېمىنى ئەسلى تۈركلەرنىڭ ماكانى بولۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 15-ئەسىر ئەتراپىدا شىمالدىن كۆچۈپ كەلگەن پارىسلارنىڭ ئىراندا ئولتۇراقلىشىشى ھەققىدە ئاراش ئىسىملىك باتۇرنىڭ تۈركلەردىن ئولتۇراقلىششقا زىمىن سوراپ گىلەم توقۇپ ئەۋەتكەنلىكى، تۈركلەر خاقانىنىڭ گىلەمنى ياخشى كۆرۈپ ئاراشقا ئوقيا ئېتىپ، ئوق نەگە چۈشسە شۇ يەرنى ئىككى مىللەتنىڭ چېگرىسى قىلىش ئىلتىماسىغا قوشۇلىدۇ. ئاراش ئوقنى ئېتىپ ئامۇ دەرياسىغا يەتكۈزىدۇ، شۇندىن بۇيان ئامۇ دەرياسى ئىران بىلەن تۇراننىڭ چېگرىسى بولۇپ قالغانلىقى ھەققىدىكى رىۋايىتى بار. ئىران يازما تارىخي مىلادىدىن بۇرۇنقى 2700- يىلدىن باشلانغان قەدىمى مەدەنىيەتلىك دۆلەت بولۇپ تارىختا پېرسىيە دەپ ئاتالغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 559- ئەسىردە پارس ئىمپىرىيسى قۇرۇلۇپ شىمالى كاسپى دېڭىزىغا، غەربى ئوتتۇرا دېڭىز-گىرىتسىيەگە قەدەر، شەرقى ھازىرقى تاجىكىستانغا تۇتاشقان ئۈچ قىتئەنى تۇتاشتۇرغان چوڭ ئىمپىرىيەگە ئايلانغان، ۋىلايەت ۋە چوڭ يوللار تەسىس قىلىنىپ دۆلەت قاتنىشى تەرەققى قىلدۇرۇلغان. دارا 1 ھۆكۈمرانلىق ۋاقتى ( بۇرۇنقى 485___521) . ئىمپىرىينىڭ كارتىسى شەرقى ئامو دەرياسى بىلەن ھىندى دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقى، غەربى نىل دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا تۆۋەن قىسمى، شىمالى قارا دېڭىزغا، كاسپى دېڭىز ئەتراپىغا، جەنۇبى پارس قولتۇقىغا تۇتاشقان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 330- يىلى پارس ئىمپىرىيسى ئالېكساندىر ماكىدونىسكى تەرىپىدىن يوقىتىلغان. مىلادى 226 -يىلى ئوتپەرەستلىك ئەۋج ئېلىپ ساسانىلار خاندانلىقى قۇرۇلغان. 651-يىلىدىن 820-يىلىغىچە ئەرەب ئىسلام ئىمپىرىيىسى ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئىسلام دىنى ئىرانغا سىڭىپ كىرگەن. 875-يىلى سامانىلار خانلىقى قۇرۇلۇپ 1005-يىلى سالجۇق ئىمپىرىيىسى تەرىپىدىن يوقىتىلغان. 15- ئەسىرگىچە تۈركلەر ۋە مۇڭغۇللارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1502-يىلى قىزىلباش ئىسمائىلخان تەرىپىدىن قۇرۇلغان سەفەۋى پادىشاھلىقى ئون ئىككى ئىمام ئەقىدىسىنى پۈتۈن ئىران دائىرىسىگە دىگۈدەك تارقاتقان. 1795-يىلى ئازەربەيجانلار قاجار پادىشاھلىقنى قۇرۇپ، ھازىرقى ئىران چېگرىسىنى شەكىللەندۈرگەن. 1925-يىلى ھاكىمىيەت پەھلەۋى جەمەتىگە ئۆتكەن ۋە 1935- يىلى 3- ئاينىڭ 21-كۈنى دۆلەت نامىنى ئىرانغا ئۆزگەرتكەن. 1979- يىلى پادىشاھقا قارشى ئاممىۋى قوزغىلاڭ پارتىلاپ، پادىشاھ مۇھەممەد رىزا پەھلەۋى ئامېرىكىغا سەرگەردان بولۇپ چىقىپ كەتكەن. شۇ يىلى 2- ئايدا دىنى رەھبەر ھۈمەينى 14 يىللىق سەرگەردان ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، پارىژدىن قايتىپ كېلىپ ئالى رەھبەرلىك ھوقۇقىنى قولغا ئالغان، 4- ئاينىڭ 2- كۈنى ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان. 1981- يىلى 10- ئايدا ھۈمەينىي ئىراننىڭ پىرىزدىنتىلىكىگە تەيىنلىنىپ مۇساۋىي زۇڭلى بولغان. ئىراننىڭ سىياسى ۋە دىن بىرلەشكەن ئىسلام قۇرۇلمىسىنى شەكىللەنگەن. 

ئاھالىسى[تەھرىر]

ئىراندا ياشىغۇچى مىللەتلەر خەرىتىسى

ئىراننىڭ 2009-يىلى يەتتىنچى ئايدىكى نوپۇسى 66 مىلىيۇن 429 مىڭ 244. دۆلەت تىلى پارس تىلى.

پارسىلار %51 ، ئەزەربەيجانلىقلار %25 (شەرقى ئەزەربەيجان، غەربى ئازەربەيجان، ئەردەبىل، زەنجانى ئۆلكىلىرىگە ئولتۇراقلاشقان)، كۇرد %8 (كۇردىستان، كېرمانشاھ ۋە شەرقى شىمالدىكى شىمالى خۇراسان ئۆلكىلىرىگە ئولتۇراقلاشقان)، گىلان ۋە مازاندىران %7، ئەرەپ %3(خۇزىستان ۋە بەندەرئابباس ئۆلكىلىرىدە ئولتۇراقلاشقان)، لۇر %2(ئىلام ۋە لۇرىستان)، بەلۇجى %2(شىستان بەلۇجىستان ۋە كېرمان ئۆلكىلىرىدە ئولتۇراقلاشقان)، تۈركمەن%2(تۈركمەنىستان بىلەن چېگرىداش گۈلىستان ئۆلكىسىدە) باشقىلار %1 نى ئىگەللەيدۇ.

دىنى[تەھرىر]

ئىران ئاھالىسىنىڭ %89 ى (ئاساسەن پارىسلار، ئازەربەيجانلار، ئەرەبلەر) شىئە مەزھىبىگە، 9.8%ى سۈنئي مەزھىبىگە (كۇرد، تۈركمەن، بەلۇجى) ئىشىنىدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە 50مىڭ ئوتپەرەست (زەردۇشتى)، 150مىڭ يەھۇدى، 200 مىڭ ئەرمەن پروۋىسلاۋ بار. ئىسلام دىنى شىئە مەزھىبى ئون ئىككى ئىمام ئەقىدىسى ئىراننىڭ دۆلەت دىنى. 

جوغراپىيىسى[تەھرىر]

ئىراننىڭ كۆپ قىسىم زىمىنى تاغلىق، ئىگىزلىك، چۆللۈك بولۇپ، شىمالىدا ئىلبۇرۇس تاغ تىزمىسى(ئەڭ ئىگىز داماۋەند چوققىسى) 5671 مېتىر ئېگىز . غەربىي ۋە غەربىي جەنۇبىدا زاگىروس تاغ تىزمىسى بار، شەرقىي قۇرغاق ئويمانلىق بولۇپ، پار چە-پارچە دەشت قۇملۇقىنى شەكىللەندۈرگەن. كاسپى دېڭىز قىرغاقلىرى ۋە ئىراق بىلەن چېگرىلىشىدىغان ئەرەپ دەرياسى ۋادىسى، غەربى شىمالدىكى ئاراس ۋە قىزىل دەريا ۋادىلىرىدىلا مۇنبەت تۈزلەڭلىكلەر بار. ئىراننىڭ شىمالى مۆتىدىل بەلباغ چۆل ئىقلىمىغا تەۋە بولۇپ قىش ياز پەرقى چوڭ، جەنۇبى قىسمى تىروپىك بەلباغ چۆل ئىقلىمىگە تەۋە بولۇپ، قۇرغاق، يامغۇر ئاز، يىل بويى يۇقىرى تېمپىراتۇرىلىق. 

ئىقتىسادى[تەھرىر]

پۇلى: رىيال. 2006-يىلى9227 رىيال بىر دوللار، 2004-يىلى 8614 رىيال بىر دوللار، 2002-يىلى6907 رىيال بىر دوللار.

ئىران ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەنئەنىۋى نېفىت دۆلىتى بولۇپ نېفىت ۋە تەبىئى گاز ئىكىسپورتى دۇنيادا سەئۇدىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. نېفىت بايلىقى يەر شارى زاپاس نېفىت بايلىقىنىڭ %10 نى ئىگەللەپ بەشىنچى ئورۇندا، تەبىئى گاز بايلىقى يەر شارى زاپاس تەبىئە گاز بايلىقىنىڭ%16 نى ئىگەللەپ روسىيىدىنلا قالسا ئىككىنچى ئورۇننى ئىگەللەيدۇ. نېفىت ۋە تەبىئى گاز كىرىمى دۆلەت كىرىمىنىڭ%90 دىن كۆپرەگىنى ئىگەللەيدۇ. ئىراننىڭ خەلقارا بازاردىكى پىستە ئىكىسپورتى دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا بولۇپ، ئەنئەنىۋى دورا ئۆسۈملۈكى زەپە ۋە خورما ئىكىسپورتى پۈتۈن دۇنيانىڭ يېرىمىنى ئىگەللەيدۇ. 2009-يىلى ئىراننىڭ ئومۇمىي مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 382 مىليارت 300 مىليون دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 13مىڭ 100 دوللار توغرا كەلگەن. ئىراننىڭ 2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 3%دىن يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ.

2008-يىلى ئىراننىڭ ئىقتىسادىدا يېزا ئىگىلىك كىرىمى %11،سانائەت %42، مۇلازىمەت %47 نى ئىگەللىگەن بولۇپ،

2008-يىلى مۇقىم تېلېفون ئابونتى 23 مىلىيۇن 835 مىڭ، يانفۇن ئابونتى 29 مىلىيۇن 700مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 23 مىلىيۇن بولغان.