بەھرەين

ئورنى Wikipedia
'

بەھرەين پادىشاھلىقى

Kingdom of Bahrain

گېرب بايراق
پايتەخت ماناما
رەسمىي تىللار
دىنى ئىلام
نۇپۇسى
قۇرۇلىشى
يەر كۆلىمى 652مىڭ 300 كىلومېتىر2
ۋاقىت رايونى 5+UTC
پۇلى

بەھرايىن پادىشاھلىقى (ئەرەبچە: مملكة البحرين ؛ ئىنگلىزچە: Kingdom of Bahrain) . بەھرايىن پېرسىيە قولتۇقىنىڭ غەربى شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار ۋە ئىران بىلەن دېڭىز ئارقىلىق چېگرىلىنىدۇ. ئومۇمىي يەر مەيدانى 750 كۋادرات كلومېتىر.بەھرەينلىك ئەرەبلەر %62، كۆچمەن ئەرەبلەر %21 ، ئامېرىكا-ياۋروپالىق كۆچمەنلەر %4، پارسلار %4، پاكىستانلىقلار %3، فىلىپپىنلىقلار %2، ھىندىلار %2 نى ئىگەللەيدۇ.


تارىخى[تەھرىرلەش]

بەھرەيىن ئارىلى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ئەڭ قەدىمى دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ مىلادىدىن 200يىل بۇرۇنلا بۇ يەردە ئادەملەر ئولتۇراقلاشقان، شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇزۇن يىللاردا گاھى پېرسىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ گاھى بابىلوننىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان يېرى بولغان بولسىمۇ زىمىن كىچىك، نوپۇس ئاز بولغانلىقتىن چەتئەللىكلەرنىڭ ھىچقايسىسى بەھرەيىنغا ئۇنچىلا كۆڭۈل بكلۈپ كەتمىگەن. مىلادى 7-ئەسىرگە كەلگەندە بەھرەيىن ئەرەب ئىسلام ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان. 899-يىلى بەھرەيىن قەرماتىلار ۋە ئىسمائىلەرنىڭ بىر قىسمى بولغان قەرماتىلەنىڭ قارارگاھىغا ئايلىنىپ مۇستەقىل بولغان، ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ باشقا جايلىرىدىن ئىدىيە ۋە ئۆرپ ئادەتتە پەرقى زورىيىشقا باشلىغان. 930-يىلى بەھرەيندىكى قەرماتىلار مەككىدىكى «ھەجرۇلئەسۋەد» نى بۇلاپ كېلىپ بەھرەيندە 30يىل تۇرغۇزغان، كېيىن ئابباسىلار دەۋرىدە بەھرەيىندىكى ئىسمائىلىلار ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلۇپ «ھەجرۇلئەسۋەد» مەككىدىكى جايىغا قويۇلۇپ، بەھرەيىن بەسىرا ئۆلكىسىنىڭ بىر قىسمى قىلىنغان، 1507-يىلىغا كەلگەندە بەھرەيىن پورتۇگالىيە ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلىنىپ قالغان. 1602-يىلى بەھرەيىندىكى پورتۇگالىيىلىكلەر پارىسلار تەرىپىدىن قوغلانغان، 1782-يىلىغا كەلگەندە بەھرەيىنلىقلار ئەمىر سۇلايمان جەمەتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە قوزغۇلۇپ پارىسلارنى قوغلاپ چىقارغان ۋە مۇستەقىللىق جاكارلىغان.1783-يىلى ئەنگلىيە بەھرەيىننى تەڭسىز شەرتنامە ئىمزالاشقا قىستاپ تەدرىجى بەھرەيىننىڭ سودا-ئىقتىسادىنى تىزگىنلىۋالغان. 1880-يىلىدىن 1892-يىلىغىچە ئەنگىلىيە بەھرەيىن بىلەن مەجبۇرى كېلىشىم ئىمزالاپ بەھرەيىننىڭ سىياسى ۋە ھەربى ئىشلار ھوقۇقىنى قولغا ئېلىۋالغان. 1933-يىلى بەھرەيىننىڭ نېفىت ئېچىش ھوقۇقىنى بىكار قىلغان. 1957-يىلى ئەنگىلىيە بەھرەيىننى ئەنگىلىيە ھامىلىقىدىكى مۇستەقىل خەلىپىلىك دەپ يەنە بىر قېتىم جاكارلىغان.

1968-يىلى ئەنگلىيە ئىسلام كېڭىشىگە بەرگەن ۋەدىسىگە بىنائەن 1971-يىلىدىن بۇرۇن سۇۋەيش قانىلىنىڭ شەرقىدىكى بارلىق قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ شۇ يىلى 8-ئاينىڭ14-كۈنى ئەيسا بىن سۇلايمان تەختكە چىقىپ بەھرەيىن سۇلتانلىقى ھەقىقى مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن. 1972-يىلى 12-ئاينىڭ16-كۈنى ئەيسا بىننى سۇلايماننىڭ چوڭ ئوغلى ھەمىد بىن ئەيسا تەختكە ۋارىسلىق قىلغان.

مەمۇرىي رايونلار[تەھرىرلەش]

تىلى ۋە دىنى[تەھرىرلەش]

ئىقتىسادى[تەھرىرلەش]

بەھرەيىن مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن كۈنسېرى ئازلاۋاتقان نېفىت زاپىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن خوشنا بولۇش، دۇنيادىكى %50 نېفىت توشۇلىدىغان مۇھىم كارىدور پارىس قولتۇقىغا جايلاشقانلىقىدەك مۇھىم ئىستىراتىگىيىلىك ئورنىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ نېفىت پىششىقلاش سانائىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش بىلەن بىللە بانكىلاردىن باج ئالماسلىق سىياسىتى بىلەن دۇنيادىكى چوڭ بانكىلارنى جەلپ قىلىپ 500 دىن ئارتۇق خەلقارا بانكىنىڭ بەھرەيىندا شۆبە تەسىس قىلىشىدەك ئەۋزەل مۇھىتنى بەرپا قىلىپ ئوتتۇرا شەرقنىڭ پۇل-مۇئامىلە مەركىزىگە ئايلانغان.

يەر تۈزۈلىشى[تەھرىرلەش]

بايلىقى[تەھرىرلەش]

ئىقلىمى[تەھرىرلەش]

يېزا ئىگىلىكى[تەھرىرلەش]

ساياھەتچىلىكى[تەھرىرلەش]

مائارىپى[تەھرىرلەش]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]