ئافغانىستان
''ئافغانىستان
فارسچە: افغانستان | ||||||
| ||||||
مارش: شۇئار: لا إله إلاَّ الله و أشهد أن محمد رسول الله (ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد (س.ئە.ۋ) ئاللاھنىڭ ئەلچىسى) | ||||||
| ||||||
| ||||||
| ||||||
|
ئافغانىستان، رەسمى ئاتى بىلەن ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكى، ئاسىيا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، ھېچبىر دېڭىزغا چىگرىسى بولمىغان بىر دۆلەت.
دەپ ئاتىلىدۇ. ئافغانىستان ئەنئەنە جەھەتتىن ھىندىقۇش تېغىنىڭ شىمالىدىكى قىرغىز رايونى ۋاخان كارىدورى، بەدەخشان(تاجىكلار) رايونى، بەلخ جەنۇبى تۈركىستان (ئۆزبېك-تۈركمەن) رايونى، ھىرات خۇراسان رايونى ۋەھىندىقۇش تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى ھازار تاغلىق رايونى، كابۇل ئويمانلىقى، خىلماند ۋادىسى (پۇشتۇلار رايونى) ۋە جەنۇبتىكى بەلۇجىستان چۆللۈكىنىڭ ئاز بىر قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىر ئافغانىستاندا 34 ۋىلايەت بار.
دۆلەت گۈلى بۇغداي، دۆلەت بايرىمى (1919-يىلى) 8-ئاينىڭ 19-كۈنى ؛
ۋاقىت رايونى ئورتا ئاسىيا ۋاقتى(5-ۋاقىت رايونى)؛
جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ۋاقتى: 1955-يىلى1-ئاينىڭ20-كۈنى؛
ئۆتمۈش
[تەھرىرلەش]مىلادىدىن ئىلگىرى ئالىكساندىرىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغاندىن تارتىپ ئېلىمىزنىڭ غەربى قىسمى بىلەن سودا ۋە سىياسى ئالاقىلەردە بولغان. كېيىن شىمالى قىسمى تۈركلەرنىڭ، جەنۇبى قىسمى پۇشتۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولۇپ كەلگەن. چىڭگىز ئىمپىرىيىسى دەۋرىدىن تاكى1532 -يىلىغىچە چاغاتاي خانلىقلىرىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. 1747-يىلى بابۇرخان قۇرغان موغۇل ئىمپىرىيىسىنىڭ كابۇل، بەدەخشان، بەلىخ، ھىرات، قەندەھار ئۆلكىلىرى دۇرانى خانلىقىنىڭ ئىشغالى ئاستىدا مۇستەقىللىق جاكارلىغان. 1838-يىلىدىن1919-يىلىغىچە ئەنگىلىيە ئىمپىرىيەسىنىڭ 3 قېتىملىق ھۇجۇمىغا، رۇسىيە ئىمپىرىيەسنىڭ 7 قېتىملىق ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرغان. ئاخىرى ئىككى چوڭ ئىمپىرىيە قوشنا بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئافغانىستان مۇستەقىللىغىنى ئېتىراپ قىلغان. 1979-يىلى رۇسىيە فىدراتسىيەسى ئافغانىستاننى كومپارتىيىسىنى يۆلەشنى باھانە قىلىپ ئافغانىستانغا بېسىپ كىرگەن. ئافغانىستان پادىشاھلىغىنىڭ نامى ئافغانىستان دىموكراتىك جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتىلگەن. ئافغانىستان خەلقىنىڭ رۇسىيە ئارمىيىسىگە قارشى قوراللىق كۈرىشى بىر كۈنمۇ توختىمىغانلىقتىن پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ياردەم بېرىشى نەتىجىسىدە 1989-يىلى رۇسىيە فىدراتسىيەسى ئافغانىستاندىن قوشۇن چېكىندۈرگەن. 1992-يىلى 44-ئاينىڭ 28-كۈنى ئافغانىستان دۆلەت نامىنى ھازىرقىغا ئۆزگەرتكەن. 19966-يىلى ئافغانىستاندا مىللەتلەر ئارا ئىچكى ئۇرۇش پارتىلىغان، نەتىجىدە قەندەھاردىكى تالىپلار باش كۆتىرىپ دۆلەت زىمىنىنىڭ كۆپ قىسمىنى كونترۇل قىلغان، 2001-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى ئامېرىكا نيۇيوركتىكى دۇنيا سودا بىناسىنى ئافغانىستاندىكى بىن لادىن پارتىلاتتى دىگەن باھانە بىلەن ئافغانىستانغا ئۇرۇش قوزغاپ شىمالغا قاپسىلىپ قالغان مىللىتارىستلارنى قوللىدى. 2002-يىلى ئافغانىستاندا ب د ت قىسىملىرى تېنچلىق ساقلاپ سايلام ئۆتكۈزۈلدى.
مەمۇرىي رايونلار
[تەھرىرلەش]ئافغانىستاننىڭ ۋىلايەتلىرى |
ئافغانىستاندا 34 دانە ۋىلايەت بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
- 1.ھىرات ۋىلايىتى;2.فەراھ ۋىلايىتى; 3.نىمرۇز ۋىلايىتى;4.بادغىس ۋىلايىتى;5.فارياب ۋىلايىتى;
- 6.غور ۋىلايىتى;7.ھەلمەند ۋىلايىتى;8.جوزجان ۋىلايىتى;9.سارپول ۋىلايىتى؛10.دايكۇندى ۋىلايىتى؛
- 11.ئۇرۇزگان ۋىلايىتى؛12.قانداھار ۋىلايىتى؛13.بالخ ۋىلايىتى؛14.سامانگان ۋىلايىتى؛15.باميان ۋىلايىتى؛
- 16.غازنى ۋىلايىتى؛17.زابۇل ۋىلايىتى؛18.قۇندۇز ۋىلايىتى؛19.باغلان ۋىلايىتى؛20.پارۋان ۋىلايىتى؛
- 21.ۋارداك ۋىلايىتى؛22.كابۇل ۋىلايىتى؛23.لوۋگار ۋىلايىتى؛24.پاكتىيا ۋىلايىتى؛25.پاكتىكا ۋىلايىتى؛
- 26.خوست ۋىلايىتى؛27.تاخار ۋىلايىتى؛28.پەنجشىر ۋىلايىتى؛29.كاپىسا ۋىلايىتى؛30.بەدەخشان ۋىلايىتى؛
- 31.نۇرىستان ۋىلايىتى؛32.لاغمان ۋىلايىتى؛33.نانگارھار ۋىلايىتى؛34.كۇنار ۋىلايىتى.
تىلى ۋە دىنى
[تەھرىرلەش]تىلى
[تەھرىرلەش]ئاھالىنىڭ %45 نى ئىگەللەيدىغان پۇشتۇ تىلى ۋە %26 نى ئىگەللەيدىغان دارا پارىس تىلى دۆلەت تىلى بولۇپ بۇلاردىن باشقا 3 مىليون ھاجارا، 2 مىليون 600 مىڭ ئۆزبېك ۋە 710 مىڭ تۈركمەن، 3000 مىڭ بەلۇجى، 84 مىڭ قىرغىز قاتارلىقلار.
دىنى
[تەھرىرلەش]پۈتۈن مەملىكەتتە ھاجارالار ۋە ۋاخان كارىدورىدىكى ئاز سانلىق قەبىلىلەرئىسلام دىنىنىڭ شىئە مەزھىبى، ئىسمائىلىيە پىرقىغە ئەگەشكەندىن باشقا %85 دىن ئارتۇق ئاھالە ئىسلام دىنى سۈننى مەزھىبىدە.
ئافغانىستان مەنزىرىلىرى
[تەھرىرلەش]
-
افغانىستاننىڭ جغرافىيلك ئورنى
-
شھرى كابول
-
كابۇلدا يېڭى بىر بىنا
-
غەربىي شىمال ئافغانىستان
-
شەرقىي ئافغانىستان
-
ئافغان فىرۇزەسى