شەرقىي ئاسىيا

ئورنى Wikipedia
شەرقىي ئاسىيا

شەرقىي ئاسىيا ئاسيا قىتئەسىنىڭ شەرقى قىسمىدۇر. جۇڭگو، تەيۋەن، شىمالىي كورىيە، جەنۇبىي كورىيە، ياپونىيە، ئۇزاق شەرق رۇسىيە قاتارلىق بەش دۆلەتتىن تەشكىل تاپقان.‌ بەئزىدە موڭغۇلىيە ھەم شەرقى شىمالى ئاسىياغا تەۋە قىلىنىدۇ، لېكىن ئادەتتە موڭغۇلىيە ئوتتۇرا ئاسىياغا تەۋە دەپ قارىلىدۇ. شەرقى ئاسىيا تېنىچ ئوكيانغا ئۇدۇللىنپ تۇرىدۇ​.‌ يەر شەكلى بولسا غەربى ئېگىز شەرقى پەس، تىپىك موسسۇن كىلىماتىغا تەۋە​.‌ تەبىئي بايلىق ناھايىتى مول، چوڭ دەريالارنىڭ كۆپىنچىسى شەرق تەرەپكە ئېقىپ تېنىچ ئوكيانغا قۇيىلىدۇ​.‌ ئاساسلىق دەريالاردىن چاڭجىياڭ، خۇاڭخې، خېيلوڭجىياڭلار بار​.‌ گېئولوگىيە شارائىتى مۇرەككەپ، تاغ ۋە يانار تاغلار كۆپ بولۇپ، يەر تەۋرەش كۆپ​.‌

شەرقىي ئاسىيانىڭ يەر كۆلىمى تەخمىنەن 12 مىلىيون كم2، ئادەم سانىمۇ ناھايىتى كۆپ بولۇپ، تەخمىنەن 1.5 مىلىيارد كىشى بۇ يەردە ياشايدۇ، بۇ دۇنيا نۇپۇسىنىڭ 4 تىن بىرى دېمەكتۇر. نۇپۇس زىچلىقى تەخمىنەن 131 جان\كلومېتر2، دۇنيا نۇپۇس زىچلىقىنىڭ 3 ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ رايوندا ياشىغۇچىلارنىڭ 90​%‌ سېرىق تەنلىكلەردۇر​.‌

شەرقىي ئاسىيانىڭ پايتەختلىرى بېيجىڭ (جۇڭگوتەيبېي (تەيۋەنتوكيو (ياپونىيەپيوڭياڭ (شىمالىي چاۋشيەنسېئول (كورىيەخاباروۋسك (ئۇزاق شەرق رۇسىيە) ۋە ئۇلانبارتۇر (موڭغۇلىيە) قاتارلىقلاردۇر. بېيجىڭ، سېئول ۋە توكيودىن باشقا غەرقىي ئاسىيانىڭ ئەڭ چوڭ شەھەرلىرى ئوساكا، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شېنجېن ۋە ناگويا قاتارلىقلار.

شەرقىي ئاسىيانىڭ شال ئىشەپ چىقرىش مىقدارى دۇنيا ئىشەپ چىقىرىش مىقدارىنىڭ 40​%‌تىنى ،چاي 25​%‌تىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا كۆممىقوناق، بۇغداي قاتارلىق مەھسۇلاتلار مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ​.‌