سېرىق تەنلىكلەر
سېرىق تەنلىكلەر(مۇڭغۇللوئىدلار مۇ دىيىلىدۇ): تىرىسى سېرىق ،چېچى ۋە كۆزى قارا، قاڭشىرى ئانچە ئىگىز ئەمەس ياكى سەل پاناقراق، يۇزى سەل ياپىلاقراق، بۇيى ئوتتورھال ياكى پاكارراق. ھازىرقى شەرقى ئاسىيا، شەرقى جەنۇبى ئاسىيادىكى خەلقلەر ۋە ئامىرىكىدىكى ھىندىئانلار مۇشۇ تىپقا كىرىدۇ. ئامىرىكا ھىندىئانلىرى 30مىڭ يىللار ئىلگىرى شەرقى ئاسىيادىن ئامىرىكىغا كۇچۇپ بارغان ئاسىيالىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى دەپ قارىلىدۇ.
سېرىق تەنلىكلەر چوڭ جەھەتتىن شىمالى تىپ(ياپون،كورىيە،سىبىرىيىلىكلەر ۋە مانجۇ – مۇڭغۇللار)،شەرقى تىپ(ئومومەن خەنزولار) ۋە جەنۇبى تىپ(شەرقى جەنۇبى ئاسىيادىكى مالاي قاتارلىق مىللەتلەر) دەپ ئۇچ چوڭ تۇرگە ئايرىلىدۇ.
نۆۋەتتە سېرىق تەنلىكلەرنى مۇڭغۇلوئىد دىيىش ياكى دىمەسلىك خەلقارادا يەنىلا تالاش-تارتىشتىكى مەسىلە ، چۇنكى بۇ ئاتالغۇنى ئەڭ دەسلەپ 18-ئەسىردىكى ياۋروپالىقلار يىراق شەرقتىكى خەلقلەرگە بولغان تار چۇشەنچىسىگە ئاساسەن قويغان بولۇپ (چىڭگىزخان دەۋرىدىكى مۇڭغۇللارنىڭ ھەيۋىسى سەۋەپ بولغان بولۇشى مۇمكىن) ، ئەمىلىيەتتە تارىختىكى مۇڭغۇللار ياكى ھازىرقى مۇڭغۇللار ئېرقى تىپ جەھەتتىن بىر قەدەر مۇرەككەپ بولغان خەلق، ئۇلارنىڭ تەركىبىدە سېرىق تەنلىككە خاس ئالامەتلەردىن باشقا ئوتتورا ئاسيا قىسقا باشلىق ئېرقى تىپى، ھون ئالپىنوسلار تىپى ۋە قىسمەن شىمالى ياۋروپا ئىرقى بىلەن قەدىمقى بايقال ئېرقىنىڭ ئارلاشمىسى بولغان ئىككىلەمچى ئېرقى ئالامەتلەرمۇ(قەدىمقى بايقال تۇركلىرى) ناھايىتى گەۋدىلىك، شۇنداقلا مۇڭغۇللارنىڭ كىلىپ چىقىشى مەنبىئى ھەقىقى ئىنىقلانمىغان ئەھۋال ئاستىدا پۇتكۇل شەرقى ئاسىيا سېرىق تەنلىك ئىنسان تۇركۇمىنىڭ ئېرقى نامىنى مۇڭغۇل دىگەن نامغا يۇكلەپ قويۇش توغرا ئەمەس. بۇ خۇددى ھازىرقى روسىيەدىكى تاتارلار ياۋروپالىققا ئوخشاپ قالغىنى ئۇچۇنلا ،پۇتكۇل ياۋروپا ئېرقىنى تاتار ئېرقى دەيلى دىگەندەك تولىمۇ كۇلكىلىك ئىش. بۇ ئاتالغۇ كىشىلەردە خاتا تويغۇ ۋە يەكۇنلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. شۇنداقلا ئىلمى تەتقىقات خىزمەتلىرىگىمۇ(بولۇپمۇ ئوتتورا ئاسىيا ئىنسانشۇناسلىق، تىلشۇناسلىق ۋە تارىخ تەتقىقات ئىشلىرىغا) نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنى ئىلىپ كىلىدۇ.