ئەھلى سۇننە ۋەلجامائە

ئورنى Wikipedia

ئىسلام

ئىتىقادلار

ئاللاھنىڭ بار ۋە بىرلىكى
پەيغەمبەرلەر
مۇقەددەس كىتابلار
پەرىشتەلەر · تەقدىر
قىيامەت كۈنى

ئىبادەتلەر

شاھادەت · ناماز
روزا · زاكات · ھەج

مەتىنلەر & قانۇن

قۇئان · سۈننەت · ھەدىس
فىقىھ ·شەرىئەت · كەلام

تارىخ & مۇھىم شەخسلەر

زامان سىزىقى · مۇھەممەد (ئە.س)
ئەھلى بەيت · ساھابە
تۆرت خەلىفە · ئىمامەت  · خىلافەت
ئىسلامنىڭ تارقىلىشى

مەزھەبلەر

سۇننىي ·شىئە · سۇفىيلىك
قادىرىيلىك · ئىبادىيلىك
قۇرئانچىلىق · مەزھەبسىزلىك

مەدەنىيەت & جەمئىيەت

ئوقۇ-ئوقۇتۇش · سەنئەت
كالىندار · دېموگرافى  ·سىياسەت
ھېيت-بايراملار · مەسجىدلەر
قۇربانلىق ·پەلسەپە
ئىلىم-پەن ·ئاياللار

ئالاقىدار

ئىسلامچىلىق · ئىسلاموفوبى
مۆتىدىل ئىسلام · ئىسلام دۇنياسى
ئىسلام مىللىتى  · باشقا دىنلەر

ئىسلام پورتالى

ئەھلى سۇننە ۋەلجامائە، ئەھلى سۇننەت ياكى سۇننىلىك (ئەرەبچە: أهل السنة والجماعة)، ئىسلام دىنىغا مەنسۇب، كۈنىمىزدىكى ئىككى چوڭ مەزھەبنىڭ بىرى (يەنە بىرى شىئەلىك)ۋە ئەڭ چوڭىدۇر. مۇسۇلمان ئالەمىنىڭ 83% لىك بىر قىسمى ئەھلى سۇننە ۋەلجامائەگە مەنسۇبدۇر. بەئزىدە سۇننىي ئىسلام ياكى سۈننىي مەزھىبى ئىپادىسىمۇ قوللىنىلىدۇ. سۇننى ئېقىمى ئۆز ئىچىدە كۈنىمىزدە مەۋجۇت ئەقائىد مەزھىبى (ماتۇرىدىلىك - ئەشئارىلىك)، تۆرت فىقىھ مەزھىبى (ھەنەفىي، شافىي، مالىكىي، ھەنبەلىي) ئۆز ئىچىگە ئالماقتا.

سۇننىي ئىتىقاد مەزھەبلىرى[تەھرىرلەش]

ئانا تېما: ئىسلام دىنى ئىتىقاد مەزھەبلىرى
  • ماتۇرىدىيەئەبۇ مەنسۇر ئەل ماتۇرىدى (؟-ئۆ.994) تەرىپىدىن قۇرۇلغان. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي قەۋىملەر تەرىپىدىن قەبۇل قىلىنغۇچە كۆپ تونۇلمىغان بىر ئەقائىد مەزھىبى ئىدى. تارىختا ئوتتۇرا ئاسىيا، ئاڧغانىستان، پاكىستان، تۈركىيە قاتارلىق ئەللەردىكى تۈركىي ۋە باشقا مۇسۇلمان توپلۇقلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ماتۇرىدى مەزھىبىگە باغلانغان. شۇنداقلا شاڧىي، مالىكىي ۋە ھەنبەلى ڧىقىھ مەزھەبلىرى ئەشئارىيە ئىتىقاد مەزھىبىگە باغلىق بولسا، ھەنەڧىي ڧىقىھ مەزھىبى ئىزباسارلىرى ماتۇرىدىيلىك مەزھىبىنى قەبۇل كۆرگەنلەر. ماتۇرىدىلىك، تەڭرىنىڭ بارلىقىنى ئەقىل يۈرگۈزۈش بىلەن بىلىش مۇمكىن دەپ قارايدۇ.
  • ئەشئارىيە — ئەبۇل ھەسەن ئەلى ئەل ئەشئارى (873-935) تەرىپدىن قۇرۇلغان. مۇسۇلمان ڧەقىھ ۋە نۇرغۇن سۇننى سۇڧىنىڭ ھۆرمىتىنى قازانغان ۋە ئۆزىمۇ بىر سوڧى بولمىش ئىمام غەززالى تەرىپىدىن قەبۇل قىلىنغان بىر كەلام مەزھىبىدۇر.

سۇننىي ڧىقىھ مەزھەبلىرى[تەھرىرلەش]

ئانا تېما: ڧىقىھ مەزھەبلىرى ۋە ڧىقىھ

سۇننىي ڧىقىھ مەزھەبلىرى ھەنەڧىي، شاڧىئي، مالىكىي، ۋە ھەنبەلى مەزھەبلىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ. بۇ تۆرت مەزھەبتىن تۇنجىسى بولغان ھەنەڧىي مەزھىبى ئەقائىدتە ماتۇرىدىيەگە باغلىق بولۇپ، شاڧىئي، مالىكىي ۋە ھەنبەلى مەزھەبلىرى ئەشئارىيەگە باغلىقتۇر. ئەھلى سۈننەتنىڭ ئىتىقادىي مەزھەبلىرى بولمىش ئەشئارىيە ۋە ماتۇرىدىيە مەزھەبلىرى ئارىسىدا ئىتىقادىي تەرەپتىن چوڭ پەرق يوق. ئىتىقاد سەۋىيەسىدىكى پەرقلەر پەقەتلا ئۇششاق ھالقىلاردىن ئىبارەت. ئەمما ڧىقھى مەسىلىلەردە يەئنى تەتبىق ۋە ئىبادەتلەردە تۆرت ڧىقھى مەزھەب ئارىسىدا بەئزى ڧەرقلەر باردۇر.

ھەنبەلى مەزھىبىدىن ئايرىلىپ چىققان ئىبنى تەيمىييە ۋە ئىبنى قەييۇم ئەل جەۋزىييەگە ئوخشاش ئالىملارنىڭ ڧىقھى كۆرۈشلىرى كۈنىمىزدە، 18- ئەسردە ئەرەبىستاندا دىنىي ۋە سىياسىي بىر ھەرىكەت شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىققان ۋەھھابىيلىك دائىرىسىدە تونۇلۇپ مەۋجۇدىيىتىنى سۈردۈرمەكتە. ئىبنى تەيمىييەنىڭ قاراشلىرىنى تېخىمۇ ئاشقۇن بىر ھالغا كەلتۈرگەن سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەھھابىيلەرىدۇر. ۋەھھابىيلەرنىڭ بەئزى ئىتىقادىي كۆرۈشلىرى ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەدىن ڧەرقلىقتۇر. بۇ ۋەجدىن سۇننىيلەر، ۋەھھابىيلەرنى ئەھلى سۈننەتتىن دەپ سانىمايدۇ.

سۈننىي مەزھەبلەر تۆرتتۇر:

بۇ تۆرت سۈننىي ڧىقىھ مەزھىبىدىن باشقا ڧىقىھ مەزھەبلىرى بولسىمۇ ئەرگەشكۈچىلىرى ئاز ۋە كۆپ تونۇلمىغان ۋە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يوقاپ كەتكەن، ئەرگەشكۈچىلىر تەرىپىدىنمۇ قەيد قىلىنمغاندۇر.

سۈننىيلەر ھەر مۇسۇلماننىڭ بۇ مەزھەبلاردىن بىرىنى قەبۇل قىلىپ، ئىش ھەركىتىنى تاللىغان شۇ مەزھەبكە كۆرە ئاتقارىشى كېرەك دەپ قارايدۇ ۋە مەزەبلەرنىڭ بىرلەشتۈرۈلىشى مەنىسىدىكى تەلڧىقى مەزاھىب نى جائىز كۆرمەيدۇر.

ھەدىس ۋە سۈننەت تۈشەنچىسى[تەھرىرلەش]

ئانا تېما: سۈننەت ۋە ھەدىس

قۇرئاننىڭ ئىسلام دىنىدىكى ئورنى پۈتكۈل مۇسۇلمان گۇرۇھلار تەرىپىدىن قەبۇل قىلىنغان بولۇش بىلەن بىرگە ھەدىس ھەققىدە تۈرلۈك ئىسلامى گۇرۇھلارنىڭ تۈرلۈك قاراش ۋە تۈشەنچىلىرى باردۇر. ھەدىسلەر ئىسلامىيەتنىڭ دەستلەپكى دەۋىرلىرىدىكى پەيغەمبەر ۋە ياقىنلىرىنىڭ ئىبادەتكە، مۇئامىلەت دېيىلىدىغان دىندىكى تۈرلۈك تېمىلارغا مۇناسىۋەتلىك قاراش ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان قەيتلەردۇر. مۇسۇلمان ئالىملار پەيغەمبەرنىڭ ۋاڧاتىدىن سوڭرە ئىسلام توپلۇمى يۈزلەشكەن مەسلىلەرگە قۇرئاندىن ۋە سۈننەتتىن سوڭرە ئۈچىنچى مەنبئە قەبۇل قىلىنغان ھەدىسلەردىن دەلىللەر بىلەن يېشىم كەلتۈرۈشكە تىرىشقان. سۇننىيلىك، شىئەلىكنىڭ ئەكسىچە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە ياشىغان پەيغەمبەرنىڭ ئەتراپىدىكى پۈتۈن يارەنلىرىگە (ساھابە) دىننىڭ ئىشەنچىلىك مەنبئەسى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلغاچقا تۈرلۈك ھەدىس ئالىملىرى ھەدىس ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇن كۆرگەن پۈتۈن ھەدىسلەرنى قايسىبىر ساھابە قانالى بىلەن كەلسە كەلسۇن قەبۇل قىلماقتا. يەنە سۇننىيلەر دەستلەپكى تۆرت خەلىڧە (ئەبۇبەكرى، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، ئوسمان بىننى ئەففان، ئەلى بىننى ئەبى تالىب) ھەزرىتى مۇھەممەددىن سوڭرە كەلگەن ئىشەنچىلىك ۋە ھۆرمەتكە لايىق دىنى شەخسىيەتلەر دەپ قارايدۇ. ئەمما شىئەلەر ئىلك ئۈچ خەلىپىنى (ئەبۇ بەكر، ئۆمەر ۋە ئوسمان) ئەلىنىڭ ھەققى بولمىش خەلىپىلىكنى تۈرلۈك يوللار بىلەن تارتىۋالغان كىشىلەر دەپ قارايدۇ. شىئەلەرنىڭ بىر قىسمى ساھابەلەرنى ئىشەنچىلىك كۆرمەيدۇ، پەقەتلا 12 ئىمامدىن كەلگەن ھەدىسلەرنى توغرا ۋە ئىشەنچىلىك دەپ قارىسا، سۇننىيلەرنىڭ پۈتۈن ساھابەلەرنى ئىشەنچىلىك دەپ قەبۇل قىلىشى ئىككى گۇرۇھنىڭ ھەدىس كۈللىياتلىرى بىر قىسىم پەرقلەرنى توغدۇرغان.

سۇننىي ئىسلام تۈشەنچىسى ھەزرىتى پەيغەمبەردىن رىۋايەت قىلىنغان ئىشەنچىلىك (سەھىھ) قەبۇل قىلىنغان كۇتۇبى سىتتە دەپ ئاتالغان ھەدىس كىتابلار تۆۋەندىكىچە:

كۇتۇبى سىتتە قەدەر مەشھۇر بولمىسىمۇ ئىتىراپ قىلىنغان باشقا ھەدىس مەنبئەلىرى تۆۋەندىكىچە:

ئىسلام دۇنياسىنىڭ خەرىتىسى. ھەنەڧىلەر (يېشىل رەڭ)، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، ئوتتۇرا ئاسىيا، تۈركىيە، ئاڧغانىستان، پاكىستان ۋە يېقىن شەرق قاتارلىق رايوندا كۆپچىلىكنى تەشكىل قىلىدۇ.

سۇننىي تەرىقەتلىرى[تەھرىرلەش]

تەرىقەت

قاراڭ[تەھرىرلەش]

تۈر:ئىسلام دىنى