پەرىشتە (ئىسلام)

ئورنى Wikipedia

ئىسلام

ئىتىقادلار

ئاللاھنىڭ بار ۋە بىرلىكى
پەيغەمبەرلەر
مۇقەددەس كىتابلار
پەرىشتەلەر · تەقدىر
قىيامەت كۈنى

ئىبادەتلەر

شاھادەت · ناماز
روزا · زاكات · ھەج

مەتىنلەر & قانۇن

قۇئان · سۈننەت · ھەدىس
فىقىھ ·شەرىئەت · كەلام

تارىخ & مۇھىم شەخسلەر

زامان سىزىقى · مۇھەممەد (ئە.س)
ئەھلى بەيت · ساھابە
تۆرت خەلىفە · ئىمامەت  · خىلافەت
ئىسلامنىڭ تارقىلىشى

مەزھەبلەر

سۇننىي ·شىئە · سۇفىيلىك
قادىرىيلىك · ئىبادىيلىك
قۇرئانچىلىق · مەزھەبسىزلىك

مەدەنىيەت & جەمئىيەت

ئوقۇ-ئوقۇتۇش · سەنئەت
كالىندار · دېموگرافى  ·سىياسەت
ھېيت-بايراملار · مەسجىدلەر
قۇربانلىق ·پەلسەپە
ئىلىم-پەن ·ئاياللار

ئالاقىدار

ئىسلامچىلىق · ئىسلاموفوبى
مۆتىدىل ئىسلام · ئىسلام دۇنياسى
ئىسلام مىللىتى  · باشقا دىنلەر

ئىسلام پورتالى

پەرىشتە (فارسچە: فرشتە، ئەرەبچە: مَلَكْ ياكى ملاك‎‎ئىسلام دىنىدا ئاللاھنىڭ ئەمرلىرىنى تەتبىقلاش بىلەن ۋەزىپىلەندۈرۈلگەن نۇردىن ياراتىلغان ئىلاھىي مەۋجۇداتتۇر. پەرىشتەلەرگە ئىمان ئىماننىڭ ئالتە شەرتىدىن بىرىدۇر. فەرستەلەر ئىنسانلاردىن، ئۆزلىرىگە جۈزئىي ئىرادە بېرىلمىگەن تەرەپلىرى بىلەن پەرقلىنىدۇ. ئىسلام دىنىغا كۆرە، پەرشتىلەر يېمەيدۇ ۋە ئىچمەيدۇ، جىنسىيەتلىرىمۇ يوقتۇر.

پەرىشتىلەر ئاسماندىمۇ، زېمىندىمۇ مەۋجۇتتۇر، ئۇلار نۇردىن يارىتىلغان بولۇپ، ئەر-ئايال دەپ ئايرىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ. پەرىشتىلەر ھەر ۋاقىت ئاللاھنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا، ئەمرىنى بەجا كەلتۈرۈشكە تەييار تۇرىدۇ. ئاللاھ پەرىشتىلەرنى ئىنساننى يارىتىشتىن بۇرۇن ياراتقان، ئادەم ئەلەيھىسسلامنى ياراتقاندىن كېيىن، پەرىشتىلەرنى ھەزرىتى ئادەمگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان. پەرىشتىلەر يېمەيدۇ، ئىچمەيدۇ، ئۇخلىمايدۇ، ئۆلمەيدۇ، ياش قېرى دەپ ئايرىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ھەرخىل، ئۇلارنىڭ بەزىسى جەننەتكە مۇئەككەل، بەزىسى جەھەننەمگە مۇئەككەل ۋە بەزىسى ئاللاھنىڭ ئەرشىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇشقا مۇئەككەل.

تۆرت مەشھۇر پەرىشتە[تەھرىرلەش]

پەرىشتەلەر ئىچىدە ھەر بىرىنىڭ ئايرىم بىر ۋەزىپىسى بولغان، ئارىسىدا چوڭ=كىچىك تەرتىبى بولمىغان مەشھۇر تۆرت پەرىشتە باردۇر، ئۇلار:

  • جىبرىئىل (Gabriel)، ئىسلامدا ھەزرىتى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئاللاھتىن پەيغەمبەرلەرگە ۋەھيى ئېلىپ كېلىشكە، ئاللاھنىڭ ئەمىر ۋە چەكلەشلىرىنى بىلدۈرۈشكە مەسئۇل؛ ھەزرىتى جىبرىئىلغا "جەبرائىل"، "رۇھۇل ئەمىن"، "نامۇسى ئەكبەر" ھەم دېيىلىدۇر.
  • مىكائىل (Michael) كىشىلەرنىڭ رىسقىنى يەتكۈزۈش ۋە ئاللاھنىڭ ئىرادەسى بىلەن ئالەمنى كۆزىتىشكە، تەبىئەت ھادىسىلىرىنى تەرتىپكە سېلىشقا، بۇ دۇنيادىكى ئىشلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل؛
  • ئەزرائىل(Azrael) ئاللاھ بەرگەن ئۆمۈرى پايانىغا يېتىپ، ئەجەلى كەلگەن كىشىلەرنىڭ رۇھىلىرىنى قەبز قىلىشقا مەسئۇل؛ مەلەكۇل مەۋۇت، يەئنى، ئۆلۈم پەرىشتەسى ئاتى ھەم بېرىلىدۇ.
  • ئىسرافىل (Raphael) قىيامەت كۈنى، سۇر چېلىشقا مەسئۇل. سۇر، يەنى كاناي، چېلىنغاندا، ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسى تىرىلىپ، ئاللاھنىڭ سورىقىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن مەھشەرگاھقا، يەنى مەيدانغا، جەم بولىدۇ.

باشقا پەرىشتەلەر[تەھرىرلەش]

  • كرامەن-كاتىبىنلەر: كىشىلەرنىڭ ياخشى يامان ئەمەللىرىنى خاتىرىلەپ تۇرۇشقا مەسئۇل پەرىشتىلەر.
  • مۇنكىر-نەكىرلەر: گۆردە تۇنجى سوراق قىلىشقا مەسئۇل پەرىشتەلەر.
  • رىزۋان: جەننەتتىكى پەرىشتىلەرنىڭ باشلىقى.
  • مالىك: جەھەننەمدىكى پەرىشتىلەرنىڭ كاتتىسى.
  • زەبانىيلەر: جەھەننەمدىكى ئىشكەنجىگە مەسئۇل، سانى 19 دەپ بىلدۈرۈلگەن پەرىشتىلەر.
  • ھەمەلەئى ئەرش: ئاللاھنىڭ ئەرش كۇرسىسىنى كۆتۈرگۈچى سەككىز مۇئەككەل پەرىشتەلەر.
  • ھازىن: جەننەت ۋە جەھەننەمدە قاراۋۇل پەرىشتىلەر.
  • مۇقەررەبۇن ۋە ئىللىيۇنلار: ئاللاھقا بەك يېقىن ۋە ئاللاھ نەزدىدە ئۈستۈن مەۋقىغە ئىگە پەرىشتەلەر.
  • مۇئەققىبە: كىشىلەرنى قوغدىغۇچى پەرىشتە:

قارالسۇن[تەھرىرلەش]

شەيتان

جىن