سۈننەت
كۆرۈنۈش
سۈننەت (السنة): پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇتقان يولىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن، ئىشلىتىلگەن ئورنى (كونتېكىستى) غا قاراپ مەنىسى پەرقلىق بولىدۇ. فىقھ ئىلمىدە: پەرز ۋە ۋاجىپتىن سىرت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئادا قىلغان «نەپلە» ئىبادەتنى كۆرسىتىدۇ. ھەدىس ئىلمىدە: شەرئىي ھۆكۈمنى بىلدۈرسۇن ياكى بىلدۈرمىسۇن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى، ئىش - ئىزلىرى ۋە سۈپەتلىرىنى كۆرسەتسە، ئۇسۇلى فىقھ ئىلمىدە: شەرئىي ھۆكۈمنى بىلدۈرىدىغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى، ئىش - ئىزلىرى ۋە سۈپەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
| ئىسلامىي ئاتالغۇلار | |
|---|---|
| ھالال ۋە ھارام | ھالال - ھارام - مەكرۇھ |
| ھەدىس ئىلمى | ھەدىس قۇدۇسىي - مۇتەۋاتىر ھەدىس - سەھىھ ھەدىس - ھەسەن ھەدىس - زەئىف ھەدىس - بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس - مۇرسەل ھەدىس - راۋىي - ئىسناد - سەنەد - تەخرىج - مەرفۇﺋ - مەۋقۇف |
| فىقھ | پەرز - پەرز ئەين - پەرز كۇپايە - ۋاجىپ - سۈننەت - مۇستەھەب - مۇباھ - نەفلە - جائىز - ئىجماﺋ - قىياس - تەرجىھ |
| قۇرئان كەرىم - ھەدىس شەرىڧ - فىقھ | |