بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس

ئورنى Wikipedia

بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس ياكى مۇتتەفەقۇن ئەلەيھى ھەدىس (متّفق عليه): بىر ھەدىسنىڭ ئىمام بۇخارىي ۋە ئىمام مۇسلىملارنىڭ «سەھىھەين» دەپ ئاتالغان «ئەلجامىئۇسسەھىھ» ۋە «ئەلمۇسنەدۇسسەھىھ»لىرىنىڭ ئىككىلىسىدەئورۇن ئالغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ئاتالغۇدۇر. «سەھىھەين» بارلىق ئالىملار تەرىپىدىن بىردەك ئېتىراپ قىلىنىدۇ. ئىمام بۇخارىي ۋە ئىمام مۇسلىملارنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكى بارلىق ھەدىسشۇناسلارنىڭ بىرلىككە كەلگىنىگە ئوخشاش دەپ قارىلىپ، مەزكۇر ئاتالغۇ ھەدىسنىڭ سەھىھلىكىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسىنى كۆرسىتىدۇ.