سەھىھ ھەدىس

ئورنى Wikipedia

سەھىھ ھەدىس: (الحديث الصحيح): لۇغەت مەنىسى «ساق، ساغلام، ئەيىبتىن خالىي» دېمەك بولۇپ، ھەدىس ئىلمىدە: «ئىشەنچلىك» دەپ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان سەنەدنىڭ تۇتىشىشى، راۋىيلارنىڭ ئىشەنچلىك بولۇشى، باشقا تېخىمۇ ئىشەنچلىك ياكى كۆپ راۋىيلارنىڭ رىۋايىتىگە زىت رىۋايەت بولماسلىقى ۋە كۆزگە ئاسانلىقچە چېلىقمايدىغان ئەيىبلەردىن خالىي بولۇشى قاتارلىق شەرتلەرنى ھازىرلىغان ۋە دىنىي خۇسۇسلاردا دەلىل بولىدىغان ھەدىسنى كۆرسىتىدۇ.